ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5173 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-29 17:28
ۋاڭيى تورى خەۋىرى
22-يانۋار مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكا تەنتەربىيە ئىنىستۇتى U16 ئۆسمۈرلەر كوماندىسى چىمپىئون بولدى. بۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يىل بېشىدىكى تۇنجى چىمپىئونلوقنى قولغا كەلتۈرىشىدۇر.
2015-يىللىق مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى 2014-يىلى 12-ئايدا باشلانغان بولۇپ مۇسابىقىگە جەمئىي 32 كوماندا قاتناشقان.
شىنجاڭ 16ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر كوماندىسى 10مەيدان مۇسابىقىسىدە جەمئىي 33توپ ئۇرۇپ 8 توپ كەتكۈزگەن ( 7مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 24 توپ ئۇرۇپ 5توپ كەتكۈزگەن) شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقىدىن كىيىن ياش ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن دىيارىمىزغا ۋاقتىنچە قايتماي قىشلىق مەشىقىنى داۋاملىق شۇ يەردە ئېلىپ بارىدۇ.
شىنجاڭ U16 كوماندىسىنىڭ چىمپىئونلوق يولى
گۇرۇپپا مۇسابىقىسى
1-ئايلانما
شىنجاڭ 4-0 سىچۈەن
2-ئايلانما
شىنجاڭ 7-1 بېيجىڭ
3-ئايلانما
شىنجاڭ 3-1 گۇاڭجۇ فۇلى
4-ئايلانما
شىنجاڭ 3-0 چىڭداۋ
5-ئايلانما
شىنجاڭ 2-1 خېنەن جىيەنيى (قۇرۇلۇش)
6-ئايلانما
شىنجاڭ 2-1 دالىيەن ئاربېڭ
7-ئايلانما
شىنجاڭ 1-0 شېنياڭ
4\1 ھەل قىلغۈچ
شىنجاڭ 3-0 خۇبىي
يېرىم ھەل قىلغۇچ
شىنجاڭ 2-1 خېنەن
ھەل قىلغۇچ
شىنجاڭ 4-2 گۇاڭجۇ
|
|