elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 667|ئىنكاس: 24

گالىيانى ۋە مىلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فارابى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 07:53  

   aba0ba50191285600614.jpg    
   بىر نەچچە كۈندىن بېرى، بولۇپمۇ مىلان 10 ئادەملىك لازىئو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن بۇيان مىلان مەستانىلىرىنىڭ كۇلۇبنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گالىيانىغا قارشى كەيپىيات شەكىللىنىپ قالدى. ئەجىبا مىلان خاندانلىقىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىغا گالىيانى سەۋەبچىما؟ ئەمدىلىكتە ئۇزۇن يىل مىلانغا بارلىقىنى بېغىشلىغان بۇ بوۋاي مىلانغا نىسپەتەن كېرەكسىز ئادەم بولۇپ قالدىما؟
   كىشلەر مىلان خاندانلىقىنىڭ بارلىققا كىلىشى مىلاننىڭ خوجايىنى بىلورىسكىنىنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدۇ. توغرا 1986-يىلى2-ئايدا بىلورىسكىنى مىلاننى سېتىۋالدۇ. ھەم ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى مونزا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە نازارەتچىسى گالىيانىنى مىلان كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ گالىيانى بىلەن مىلان ئوتتۇرسىدا ناھايىتى چوڭقۇر مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ. ئۇ پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن مىلان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مىلان كۇلۇبىنىڭ توپچى كىرگۈزۈش، توپچى چىقىرىش ئىشلىرىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ بىر نەچچە يىلغا قالماي مىلان خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىقىپ ئۆزىنىڭ توپچى سېتىۋىلىش ۋە سېتىش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلىپ ياۋرۇپا ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى داڭدار شەخىسلەردىن بولۇپ قالىدۇ.
    ئۇ مىلان ئۈچۈن خىزمەت قىلغان 19 يىلدىن بۇيان مىلان ئۈچۈن ئۈن تۈنسىز تۆھپە قوشتى ھەم قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ.  گالىيانى دىمەك مىلان دىمەك. مىلان دىمەك گالىيانى دىمەك.  ئۇنىڭسىز ھازىرىقى مىلاننى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
    2010-يىلدىن باشلاپ ئەينى ۋاقىتتا ئەينى ۋاقىتتا كىچىك دۇنيا لوڭقىسى دەپ تەرىپلەنگەن ئاپىنىن يېرىم ئارىلى پۇتبولى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىدە  كەينىگە چىكىنىشكە باشلىدى. جۈملىدىن بۇنىڭ ئىتالىيە پۇتبولىغا نىسپەتەن ناھايىتى ئېغىر تەسىرى بولدى.  ئەلۋەتتە بۇنىڭ تەسىرىمۇ مىلانغا خېلى ئېغىر بولدى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا  يەنە شۇ گالىيانى مىلان كۇلۇبىنى ئىقتىسادى كىرزىستىن ساق سالامەت ھالدا قەدەممۇ-قەدەم ئىلىپ چىقىۋاتىدۇ.
     ئۇ مىلان كۇلۇبىنىڭ پىشىۋاسى، ئۇ پۈتكۈل دۇنيا پۇتبول ساھاسىدىكى داڭدار شەخىس، ئۇ قول تىقسىلا ئاساسەن پۈتمەيدىغان سودا يوق. ئۇ پۇتبول يۆتكىلىش بازىرىىنىڭ ۋالقىلىق ۋاقىتلىرىدا سودىسىنى پۈتتتۈرەلەيدۇ. شۇڭا  يۆتكىلىش بازىرىدا بەزىلەر بۇ ۋاقىتنى گالىيانى ۋاقتى دەپ دەپ ئاتاپ قويىدۇ. ئۇنىڭ سۆھبەتلىشش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى.
      بۇ مويسىپىتنىڭ مىلان ئۈچۈن قىلغان يېقىنقى بەش يىل ئىچىدىكى  سودىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىلان ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك تىرشىۋاتقانلىقىنى كۆرۋالالايمىز.
     2010-يىلى گالىيانى ئەينى ۋاقىتتا 69مىلىيون 500 مىڭ ياۋرۇ بىلەن بىر شەھەردىكى قان رەقىبى ئىنتىردىن بارسىلونا كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن شىۋىتسىيىلىك مۇنار ئىبرايىموۋىچنى ئاۋۋال ئىجارە ئىلىش ئاندى سېتىۋىلىش ئىشىدا بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن بىرلىككە كىلىپ شاپاقنىڭ نەرقىدە 70 مىلىيونلۇق بۇ شىۋىتسىيىنىڭ نار لوكىلىق تۆگىسىنى 24 مىلىيونغا سېتىۋىلىپ پۈتكۈل دۇنيا پۇتبول ئەھلى ھەيران قالغىدەك سودىدىن بىرنى قىلىدۇ. ئارقىدىنلا 18مىلىيونلۇق باھا بىلەن روبىنھونى قوشۇۋالىدۇ. 2012-2013مۇسابىقە پەسلى قىشىلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئۇ 2010-يىلدىكى ئالتۇن ئۆسمۈر ساھىبى بالاتولىنى 20 مىلىيون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن سېتىۋالىدۇ. بۇ سودىنىڭ بىر قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ 20 مىلىيون پۇلنى 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بەشكە بۆلۈپ تاپشۇرۇدىغانغا كىلىشىپ ئۆزىنىڭ  توپچى كىرگۈزۈشتىكى ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىدۇ. 2014-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە 20مىلىيۇنغا سېتىۋالغان بۇ بالا تېرىغۇرنى 22 مىلىيون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن قىزىل قوشۇنغا سېتىۋىتىدۇ.  2013-يىلى 9-ئايدا ئەينى ۋاقىتتا 65 مىلىيون ياۋرۇلۇق باھاب بىلەن خان مادىرىدقا سېتىۋەتكەن كاكانى ھەقسىز قايتۇرۇپ كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خوندا، مىنى ، لوپىز، ئالىكىس، مونتارى قاتارلىق توپچىلارنى ھەقسىز قوشۇۋالىدۇ.  2014-يىلى يازلىق بازاردا چىلسىدىن  50 مىلىيونلۇق توپچى توررسنى ئىجارە ئىلىپ كىلىدۇ. 2015-يىلى قىشلىق بازار ئىچىلىشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ سۆھبەتلىششتىكى ماھىرلىقى بىلەن توررسنى ھەقسىز قوشۇۋىلىپ  مىلاننىڭ ھازىرىقى سەپ شەكلىگە كېرەكلىىك بولغان كىرلىكلەر قوشۇنىنىڭ توپچىسى چىرچىنى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ.
    2014-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى لازىئو كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مىلان كوماندىسى 3-1 نەتىجە بىلەن كۆك بۈركۈت قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.  شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مىلاننىڭ ئىشلەتكەن سەپ شەكلى 433 سەپ شەكلى بولۇپ  مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار تۆۋەندىكىچە،
قاپقىچى:    دىياگو لوپىز
مۇداپىيىچىلەر:   ئارمىيلو، مېكىس، ئالىكىس، زاكاردو
ئوتتۇرا مەيدان:  مونتارى، مونتىلىۋو، ئىسىن
ھۇجۇمچىلار:   مىنى،   توررىس، خوندا
    ئۈستىدىكى سەپ شەكلىگە قارايدىغان بولساق، مىلاننىڭ ئاساسلىق بولۇپ چۈشكەن ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە توررسنى قوشقاندا مىلانغا ھەقسىز قوشۇلغان توپچىدىن جەمئىي 6 نەپەر ئەزا ھەقسىز قوشۇلغان.
       يۇقارىقىلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بىر قىسىم مەستانىلەر تىللاۋاتقان گالىيانى ئۆزى بىر قوللۇق پۈتتۈرگەن سودىلار.  ئۇ بۇ قېتىملىق قىشلىق بازاردا يەنە رىم كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى دېستىرونى ئاۋۋال ئىجارە ئىلىپ ئاندىن سېتىۋىلىش سۆھبىتىدە ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كىلىپ بولدى. بۇندىن باشقا موسكىۋا سىپارتاك كوماندىسىدىن بوكاتىنى ئىجارىگە ئىلىپ كەلدى.  
ئۇنداقتا سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، گالىيانى راستىنلا ئەيىپلىكمىكەن؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
shevchenko + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 08:53:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 17:07  

گالىيانىدا گۇناھ يوق، دەپ قارايمەن ئۆزەمچە.
  گالىيانىنىڭ ھەقسىز، قېرىغان، باشقا كوماندىلاردا ئاقمىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى يۆتكەپ كەلگۈسى بارمۇ؟ ئۇنىڭمۇ مادرىدتەك، شەھەردەك خەق نەچچە پۇل باھا قويسا شۇنچە پۇلغا ئەكەلگۈسى يوقمۇ؟ ئاددىي مىسال: ئاتا - ئانىمىزنىڭمۇ يوغان، داچ        ا ئۆيلەردە ئولتۇرغۇسى بار، ئەمما يانچۇقتىكى پۇلنىڭ تايىنى يوق ئەھۋالدا باھاسى مۇۋاپىق، تۆتىنچى، بەشىنچى قەۋەتلەردىكى، خەق 7 - 8 يىل ئولتۇرغان، بېزىلىشى مۇۋاپىق، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئۆي بولسىلا بانكا قەرزى قىلىپ ئۆي ئالىدۇ. بانكا ئۆسۈمىنىڭ بەك يۇقىرىلىقى، ئۆينىڭ ئىككىنچى قوللۇقى، بېزىلىشىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەمەسلىكى تەبىئىي ئىش. ئەجىبا، شۇنىڭلىق بىلەن دادىمىزنى سەن نېمە دەپ نوچى ئۆي ئالمىغان، نېمەدەپ ئىككىنچى قول ئۆي ئالغان، دېسەك بولماس.
  چۈشىنىكسىز مەسىلە: بۇ ئاددىي داۋلىنى ئەجىبا 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىز چۈشەنگەن يەردە، مىلاننىڭ ئۆزىدە تۇرىدىغان ئوت مەستانىلەر بىلمەي قالماس. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىنى مۇنداق چۈشەندىم: ئۇلار دارىتمىلاۋاتىدۇ. قىزىم ساڭا دەي، كېلىنىم سەن ئاڭلا دەۋاتىدۇ. كىمگە دارىتمىلاۋاتىدۇ؟ بېرلۇسكونىغا. نېمە ئۈچۈن ئۇدۇل دېمەيدۇ؟ ئۇلار بېرلۇسكونىنى يەنىلا بەك ھۆرمەتلەيدۇ. يەنى، ئۇنى يەنىلا دۆلەت رەھبىرى، خەلقنىڭ يولباشچىسى سانايدۇ. (ئۇنىڭ سەتچىلىكى دۆلىتىمىزدە ئەڭ بازارلىق. خەق ئۇنداق قارىمايدۇ). ئىلگىرىكى مىلان دېربىيسىدا ئېنتىرنىڭ مەستانىلىرى مىلاننى مەسخىرە قىلغاندا، موراتتىغا تاج كىيگۈزۈپ، گالىيانىنى سالپىيىپ قالغان جىن شەكلىدە سۈپەتلىگەن. يەنى، نۇرغۇن كىشىلەر بېرلۇسكونىنىڭ كۇلۇبنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەنىلا ھۆرمەتلەيدۇ. نېمىشقا كۇلۇبنىڭ يەنە بىر خوجايىنى بولغان باراباراغا ئاچچىغلىمايدۇ؟ ئۇ بېلۇسكونىنىڭ قىزى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارابارانىڭ كۇلۇبنى يېڭىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى، بازار ئېچىش، يېڭى مەيدان سېلىش جەھەتتىكى ئىسلاھاتى ھەممىنى قايىل قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن كۇلۇبنىڭ ھەممە ئىشىغا مەسئۇل خوجىدار گالىيانى خاپىلىقتا قېلىۋاتىدۇ...
   ئېسىمىزدە بولسۇن، مەيلى فولىرېنتىنو ياكى پارىژ بايلىرى بوسۇن، گالىيانىنىڭ پېيىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى ۋە ئىقتىدارىنى ياۋروپا ئېتراپ قىلغان....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 09:17:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تەھلىل قىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 09:18:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مىلان پەسىل بىشىدىكدەكلا ماڭغان بۇلسا..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 09:44:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مىلاندىن 11 ئادەم مەيدانغا چىقارسا 6سى ھەقسىز 3چى ئىجارە 2 سى مىلاندى يىتىشىپ چىققان توپچىلار بۇلىدىغان بوپ قالدى ...
تىما ئىگىسى ، تىمىغا بولسا مىلانغا ھەقسىز كەلگەن بۇ توپچىلار قانچىلىك مائاش ئېلىۋاتىدۇ بۇنىمۇ قېتىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئىسىل مۇنازىرە بۇلاتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 10:34:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلاندا بولسا ئىتالىيە بىرلەشمىسى بويىچە خىلى داڭلىق توپچىلار بار بولمىسا نىمىشقا ياخشى ئوينىيالمايدىغاندۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 11:15:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 11:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېستىرونى رىم ئۆزى بىر قوللۇق يېتۈشتۈرسە بولاتتى، مىلانمۇ بولاتتى، لېكىن تازا ئىشەنچ قىلالمايۋاتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 12:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 12:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 11:50
دېستىرونى رىم ئۆزى بىر قوللۇق يېتۈشتۈرسە بولاتتى، مىل ...

ئاشۇ بالا pes 2013 پۇتبول ئويۇنىدا دەھشەت ئوينىۋېتىدىكەن، ئەمىلىيەتتىمۇ تالانتى بارمىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 12:53:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 12:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 12:43
ئاشۇ بالا pes 2013 پۇتبول ئويۇنىدا دەھشەت ئوينىۋېتىدىكەن ...

مەنمۇ شۇ 2013 تە تونىغان، رىيۇس، ماركو مارىن، دېستىرو بەك ئەس قاتاتتى.  رىيۇس چاقناپ بولدى، مارىنمۇ چاقناشقا ئاز قالدى ، ئەڭ كىچىگى مۇشۇ دېستىروكەن، خېلى ئۈمىد باردەك ھېس قىلدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش