ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-28 23:15

كىرىستىيان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى.
كىرىستىيانو رونالدۇنىڭ كوردۇبا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى قىلمىشىغا قارىتا ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىنتىزام كومىتىتى كىرىستىياننى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش قارارىنى چىقاردى.
ئىنتىزام كومتىتىنىڭ بۇ قارارى كىرىستىيانو رونالدونى مادىرىدنىڭ ئالىدا ئىلىپ باردىغان بىرلەشمىدىكى 21-ئايلانمىدىكى خانلىق جەمىئەت بىلەن بولغان مۇسابىقە ۋە بىرلەشمىدىكى 16-ئايلانما سېۋىللا بىلەن بولغان تولۇقلىما مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ. لىكىن بىر شەھەردىكى قان رەقىبى كىرلىكلەر قوشۇنى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ.
يەنە بىر خەۋەردە ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كىرىستىيانو رونالدۇنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدىدا ئوچۇق ئاشكارە كەچۈرۈم سورىشى، بەلكىم جازاسىنى يەڭگىلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ دەپتىكەن. راستىنلا ئۈنۈم بەرگەن ئوخشايدۇ.
سانتىياگو بېرنابۇنىڭ نامى ئەبۇ زەبى بېرنابۇغا ئۆزگەرمەكچى.
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولغان بولغان «ئاس گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشچە، مادىرىد كۇلۇبى ئۆزىنىڭ ساھىبخان مەيدانى سانتىياگو بېرنابونىڭ نامىنى «ئەبۇ زەبى بېرنابۇ» دەپ قايتىدىن ئىسىم قويۇشنى مەسلىھەتلەشكەن.
ئىسپانىيە زەردارى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانى بېرنابۇنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 2017-يىلى تاماملىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كىيىن بېرنابۇ ياۋرۇپا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كۆلىمى جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇردىغان ئەڭ چوڭ مەيدان بولۇپ قالىدۇ. «ئاس گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشچە، مادىرىد يۇقىرى قاتلىمى بېرنابۇنىڭ قۇرۇلۇشى يىڭىلانغاندىن كىيىن، «ئەبۇ زەبى بېرنابۇ »دەپ يىڭى ئىسىم قويۇشنى مەسلىھەتلەشكەن.
2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مادىرىد كۇلۇبى ئەبۇ زەبى خەلقئارا نىفىت گورۇھى بىلەن بېرنابۇ مەيدانىنى يىڭىلاش قۇرۇلۇشى جەھەتتە توختام ئىمزالىغان. ئەبۇ زەبى گورۇھى يىلىغا ئۈچ مىلىيون ياۋرۇ بىلەن بېرنابۇنى يىڭىلاش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان بولغان. ئۇنىڭدىن سىرىت بېرنابۇ مەيداننىڭ نامىنى يىلىغا 20مىلىيون ياۋرۇ بىلەن ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.
شۇنداق بولغاندا 2017-يىلدىن باشلاپ سانتىياگو بېرنابۇنىڭ نامى ئەبۇ زەبى بېرنابۇغا ئۆزگىرەيدۇ دىگەن گەپ.

|
|