elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 35

ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
                يېقىندىن بېرى ئېنگىلاند ئۇيۇشمىسىدا ئېنگىلاند زەردارلىرى ۋە باشقا كۈچلۈك كوماندىلار بىر بىرلەپ شاللىنىپ مۇنبىرىمىزدە ئاز بولمىغان مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى، ھەمدە ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلار ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسىدىن خېلىلا تۆۋەن بىرلەشمىلەردىكى كوماندىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويىشى، زەردارلار، كۈچلۈك كوماندىلار نېمىشقا بۇرۇنلا شاللىنىدۇ؟ ياكى ئېنگىلاندتا راستىنلا ئاجىز كوماندا يوقمۇ ؟ ۋە ياكى ھەممە كوماندىنىڭ ئەمەلى كۈچى ئوخشاش، ئېنگىلاندتا كۈچلۈك كوماندا يوقمۇ دېگەندەك سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. تۆۋەندىكى يازمام ئارقىلىق ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنى چۈشەنگەچ ئېنگىلاد زەردارلىرىنىڭ بۇرۇنلا شاللىنىش سىرىنى بىلىپ ئۆتەيلى.

[تۇتقان ئورنى چوڭ بولغان قەدىمى سىرلىق لوڭقا]
بۇ يىل 134- قېتىملىق ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، قەدىمىلىك سۈپىتى بىلەن بۇ سىرلىق لوڭقا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.
1.خانجەمەتى بىۋاستە مۇكاپات تارقىتىدۇ. ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىدىسىن بۇرۇن ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ تۇتقان ئورنى بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭكىدىمۇ يۇقرى ئىدى. ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇكاپاتىنى ئايال پادىشاھ بىۋاستە تارقىتاتتى. ئەلۋەتتە ئېنگىلاندتا توپ تېپىۋاتقان ئەركەككە نىسبەتەن ۋېنبۇلى پۇتبول مەيدانىدىكى خانجەمەتى خانىسى ئالدىدا خانجەمەتىدىكىلەر تەرپىدىن مۇكاپاتلىنىشتەك شەرەپ بولمىسا كېرەك. شۇڭا 1966-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ئېنگىلاندلىقلار ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرىشكەندەك ھاياجانغا تولالمىغان. ( ئايال پادىشاھ مۇكاپات تارقاتمىغان ئەمەسمۇ )
46aedc093b118bb2c3e1f905423a6280.jpg

2. چىمپىيونلۇق نامى ھەمكارلاشقۇچىسى يوق. گەرچە ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى تېپىشى تەسكە چۈشكەن، تاپقانلىرى ياكى پىۋا شىركىتى ياكى نامدار تېز تاماقخانا بولىۋاتقان، داڭلىقراقى گېرمانيەدىكى يېقىلغۇ شىركىتى ھەمكارلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسى شىركەت چىمپىيونلۇق نامىنى سېتىۋېلىشنى خالىمىغان. ئەلۋەتتە نام-ئابروي ئۈچۈن ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ «تىلەپ» يۈرمەسىلىك كېرەكتە.
284-15012FAP5137.jpg

3.مۇسابىقىنى ھەپتە ئاخىردىكى ئالتۇن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش. دۆلىتىمىزنىڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىدا پۇتبولچىلار ئولتۇرغان پويىز T (ئالاھىدە تېز) K (تېز) بولماسلىق دېگەن قائىدىسىدەك، ئۇيۇشما لوڭقىسىدا پۇتبولچىلار ئاشۇ يېشىل پويىزدا ئولتۇرۇپ مەيدانغا بېرىشى كېرەك. ئۇيۇشما لوڭقىسى ئەزەلدىن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە ئىناقلىقنىڭ شۇئارى بولۇپ كەلدى. شۇڭا بىر ئەسىردىن بۇيان ھەپتە ئاخىردىكى ئالتۇن ۋاقىت سائەت 8 دە ئۆتكۈزىلىپ كەلدى، ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ يۈزى بىلەن پۇتلىشىپ قالغان بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى بىردەك ھەپتە ئارىسىغا سۈرۈلدى.

[ئەگرى - توقاي چىمپىيونلۇق يولى]

ئۇيۇشما لوڭقسىنىڭ بوسۇغىسى قانچىلىك پەس ؟

ئېنگىلاندتا، سىز بىر بىرلەشمىگە تىزىمغا ئېلىنغان كۇلۇپ، ياكى FA Trophy، FA Vase غا قاتناشقان كۇلۇپ، ۋە ياكى قوللاشقا ئېرىشكەن ئەمما ھېچقايسى بىرلەشمىگە قاتناشمىغان كۇلۇپ، يىغىپ ئېيتقاندا ئېنگىلاندتا تىزىمغا ئېلىنغان، ئۆزىنىڭ ساھىبخان مەيدان بولغان پۇتبول كۇلۇبى بولسىڭىزلا ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىغا قاتنىشالايسىز . بۇسۇغىسىنىڭ بۇنچىلىك پەسلىكى، سىز ئۇيۇشما لوڭقىسىغا قاتناشمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كۇلۇبىغا يۈز كېلەلمىگۈدەك دەرىجىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەريىلى 8 ئايدا ھەرخىل كۇلۇپلار بۇ لوڭقىنى قىززىتىشقا كېلىدۇ.
284-15012FF353U0.jpg

بىزگە تونۇش ۋە بىر قەدەر تونۇش بولغان ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسى ۋە ئېنگىلاند چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى 44 كۇلۇپ، تونۇش بولمىغان ئا دەرىجىلىكلەر ۋە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 48 كۇلۇپتىن سىرىت ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمسى پۈتۈن دۆلەت بىرلەشمىسىدىكى 24 كۇلۇپ، ئېنگىلاند بىرلەشمىسى شىمالى ۋە جەنۇبى بىرلەشمىلىرىدىكى 44 كۇلۇپ، شىمالى بىرلەشمە،  جەنۇبى بىرلەشمە ئالى گۇرۇپپىلرى قاتارلىقلاردىن كەلگەن 66 كۇلۇپ ، يەنە  دۆلەت ئىچىدىكى باشقا كىچىك بىرلەشمىلەردىن كەلگەن 132 كۇلۇپ، يەنە مەن ئىسمىنى تەرجىمە قىلالمىغان  20 نەچچە كىچىك بىرلەشمىلەردىن كەلگەن كۇلۇپلار.....

شۇنداق قىلىپ ھەريىلى ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىغا تىزىمغا ئالدۇردىغان كۇلۇپ جەمئى 759 بولىدۇ.
284-15012FF525928.jpg

ئەلۋەتتە بۇ كۇلۇپلار ئۇيۇشما لوڭقىسىنى ئايلانما مۇسابىقە ھالىتىدە ئوينىسا پۇتبولچىلار بۇ ئۆمرىدە ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنى تۈگىتەلمەيدۇ. بۇنى كۆزدە تۇتقان ئېنگىلاند پۇتبولچىلار جەمئىيتى ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسى ۋە ئېنگىلاند چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلاردىن باشقا كۇلۇپلار تۇرىۋاتقان دەرىجىسىنىڭ يۇقرى تۆۋەنلىك دەرىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئىككى تەرەپ ۋە ئوينايدىغان ساھىبخان مەيدان ۋە مېھمان مەيدان چەك تارتىلىپ ئايرىلىدۇ ۋە بىر مەيداندىلا نەتىجىسى ئايرىلىدۇ.
ئۇيۇشما لوڭقىسىغا قاتناشقان كۇلۇپلارنىڭ كۆپلۈكى، ۋە شاللاش مۇسابىقىسى قائىدىسى سەۋەبىدىن ھېچقايسى بىرلەشمىگە تەۋە بولمىغان بىر كۇلۇپ ھەقىقى تۈردىكى مۇسابىقە ئويناش ئۈچۈن ئاز دېگەندا 6 مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ. يەنى 2 مەيدان سالاھىيەت مۇسابىقىسى ۋە 4 مەيدان ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى . ئادەتتە دۆلىتىمىزدىكى مەستانىلەر 1- ئايدىن باشلاپ ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە باشلايدۇ، ئەمما ئاشۇ كىچىك كۇلۇپلار پەسىل بېشىدىلا بۇ لوڭقا ئۈچۈن ئاتلىنىپ بولغان بولىدۇ.
گەرچە كىچىك كۇلۇپلار شۇنداق جاننى تىكىپ ئويناپ ھەقىقى تۈردىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشسىمۇ يەنىلا چوڭ ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. تۇنجى ئايلانمىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى بولسا ئېنگىلاندن چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلار بولىدۇ، ھەقىقى لوق گۆشلەر 3 ئايلانمىدا بارلىققا كېلىدۇ.
284-15012FF912525.jpg

[ئەركەك بولغاندىكىن 3 -ئايلانمىغا بېرىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك]
ئۇيۇشما لوڭقىسى 3- ئايلانمىسىدىن باشلاپ ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلار بىراقلا ئۇيۇشما لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ. كۆز ئالدىمىدا بىزگە تونۇش مەيدانلار، تونۇش چولپانلار سىماسى پەيدا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن پۇلمۇ كېلىشكە باشلايدۇ.

ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ كىرىمى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1. ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇكاپاتى. ھەقىقى تۈردىكى مۇسابىقە باشلىنىپ 1- ئايلانمىغا كىرگەن كوماندىلارغا  2 تۈمەن، 2- ئايلانما 3 تۈمەن، 3- ئايلانما 5 تۈمەن، 4- ئايلانما 7 يېرىم تۈمەن، 5 - ئايلانما 15 تۈمەن، 6- ئايلانما 40 تۈمەن، ئىككىنجى بولغان كۇلۇپ 1 مىليون، چىمپىيون كۇلۇپ 2 مىليون فوندسىتىرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.
2.مۇسابىقە تارقىتىش ھەققى. ئادەتتە مۇسابىقە تارقىتىش ئۇسۇلى نەق مەيداندىن تارقىتىش، ئۇلاپ تارقىتىش، جەۋھىرىنى تارقىتىش، ۋە رادىيودىن ئىبارەت بولۇپ، كىرگەن كىرىمىمۇ شۇ بويىچە بولىدۇ. زەردار، كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تارقىتىش نىسبىتى يۇقرى بولىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا كىرىمىمۇ يۇقرى بولىدۇ.
3.مەيدانغا كىرىش بېلىتى باھاسى. ئەلۋەتتە مەيدانى چوڭ، بېلىتى قىممەت بولسا پۇلنى كۆپ تاپىدۇ.
گەرچە قائىدىدە بېلەت كىرىمىنىڭ 15%ى مېھمان كوماندىغا، 75%ى ساھىخان كوماندىغا بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەملىيەتتە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ.

تۆۋەن بىرلەشمىدىن كەلگەن كوماندىلارغا نىسبەتەن 5 ئايلانمىدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى مۇھىم ئەمەس، چۈكى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇيۇشما لوڭقا مۇكاپاتى ھېچنىمە ئەمەس، ئۇلارنىڭ تامىقىنى چاكىلدىتىۋاتقىنى مۇسابىقە تارقىتىش ھەققى ۋە بېلەت كېرىمىنىڭ بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ھەقتۇر.

چەك تارتىشتا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئورنى تۆۋەن كۇلۇپلار چىقىپ قالسا ئىشى چاتاق، ئۇلارمۇ ئۇيۇشما لوڭقىسىغا قاتتىق ئېتىبار بېرىدۇ، ئاساسلىق ئەزالىرىنى سالىدۇ، مەيدانى كىچىك، بىلەت باھاسى ئەرزان، مۇسابىقىنى نەخ مەيدان تارقىتىلىشىمۇ تەس، كىچىك كوماندىلار تىرىشسىمۇ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلىشى ناتايىن.  ئۆزى بىلەن تەڭ سەۋىيەدىكى نامرات كۇلۇپلار بىلەن مۇسابىقە چۈشسە گەرچە ئېرىشكەن پۇل ئاز بولسىمۇ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم بېسىشىغا زور ئاسانلىق بولىدۇ.  ھەمدە يېرىم ئاساسلىق ئەزالىرىنى سېلىپ كېيىنكى ئۆتكەلگە ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. تەلىيى كەلسەئالى بىرلەشمىسىنىڭ چوققىلىرىدىكى كوماندىلار ۋە ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مېھمانلىرى بىلەن مۇسابىقە ئويناش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ.

زەردا، كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان كوماندىلار «لوق گۆش» كە ئېرىشكىنىدىن خۇشھال بولىدۇ. تارقتىش ھەققىمۇ پۇل، بېلەت كرىمىمۇ پۇل، پۇل تېپىپلا قالماي چولپانلار بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە ئوينايدۇ. چۈشى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.

ئەگەر  ساھىبخان مەيداندا تەڭلىشىۋالالىسا، كېيىنكى مېھمان مەيداندا يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ......

ئالدىنقى قېتىم قىزىل ئالۋاستىلار بىلەن تەڭلەشكەن كۇلۇپ شۇ مەيداندىن كېيىنلا 1 مىليون 700 مىڭ فوندسىتىرلىڭ كرىمگە ئېرىشتى. كېيىنكى مەيدان مانچېستىرنىڭ ساھىبخان مەيدانى ئولد تىرالفورد مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدۇ، پۈتمەس تۈگمەس بايلىقلار ئۇلارنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

بىر ئېنگىلان ب بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپنىڭ يىللىق چىقىمى 600 مىڭ فوندسىتىرلىڭدىن بىر مىليون فوندسىتىرلىڭغىچە بولىدۇ، دېمەك ئىككى مەيداندا كىرگەن كىرىم ب بىرلەشمىدىكى كۇلۇپنىڭ  5 يىل خەجلىشىگە يىتىپ قالىدۇ.
2006 يىلى ئىشىتىن سىرىتقى كۇلۇپ بولتۇن ئۇيۇشما لوڭقسى 3 - ئايلانمىسىدا مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، ئىككى مەيداندا كىرگەن كىرىم 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
2005 -يىلى بولتوننىڭ ساپ كىرىمى 20 مىڭ بولغان، بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئېرىشكەن كىرىمى ئۇلارنىڭ 50 يىللىق كىرىمىگە تەڭ بولغان.

شۇڭا بۇ كوماندىلارنىڭ نەزىرىدە مانچېستىر بىرلەشمىسى لاتارىيەگە، چوڭ سوۋغاتقا، سەمرىپ كەتكەن قويغا ئوخشايدۇ.
284-15012FG33cH.jpg

284-15012FG404646.jpg

284-15012FGK3159.jpg


[ئوخشىمىغان كوماندا ئوخشىمىغان نەتىجە]
ئۇيۇشما لوڭقىسىدا پايدىغا ئېرىشىدىغانلار يالغۇز ئاشۇ كىچىك كوماندىلارلا ئەمەس.

ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسىدىكى تۆۋەنكى دەرجىدىكى كوماندىلارنىڭ ئېرىشىدىغىنىمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلار چىمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىرلەشمىدىكى دەرىجىسىگە ئاساسەن ئېرىشەلمەيدىغان ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا (ئىتتىپاق)  قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشەلەيدۇ. 2013-2014 -يىللىق ئۇيۇشما لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان ۋىگانغا ئوخشاش. گەرچە ئۇ يىلى ۋىگان دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ كېيىن يەنىلا ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتناشقان.

لوڭقىسىرىغان زەردارلارنىڭ لوڭقىسىز قالغان ۋاقىتلرىغا خاتىمە بولالايدۇ، 2006-يلىدىكى لىۋىرپۇل، ئۆتكەن يىلىدىكى ئارسىنال.....
284-15012FGRH48.jpg

بۇ لوڭقىدىكى قىززىق نۇقتا يەنىلا قايتا مۇسابىقىلشىش قائىدىسى، بۇ قائىدە بەزى كوماندىلارغا بايرام بولسا بەزى كوماندىلارغا باش ئاغرىقى بولۇپ كەلمەكتە.

قايتا مۇسابىقىلىشىش قائىدىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى مۇسابىقىنىڭ ئادىل بولۇشىغا قارىتىلغان. كشىلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇقتا توپنىڭ بارلىققا كېلىشى باشقا دۆلەتلەردىكى قايتا مۇسابىقىلشىشىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولسىمۇ، جاھىل ئەنگىليەلىكلەر « نەرسە بۇزۇلمىغۇچەئە ئوڭشىماسلىق» قارىشى بويىچە ئۆزىنىڭ قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

ھەريىلى 1- ئايدا، ھەرقايسى تەرەپلەردە جەڭ قىلىۋاتقان كوماندىلارغا نىسبەتەن قايتا مۇسابىقىلشىشتەك بۇ «شەرەپ» كە ئېرىشىشتىن بۆلەك باش ئاغرىقى بولمىسا كېرەك.
مەسلەن 2013-2014-يىللىق ئۇيۇشما لوڭقىسى چارەك ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېلسى مېھمان مەيداندا مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. گەرچە مۇسابىقە شۇنداق قىززىغان بولسىمۇ، مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن قايتا مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغۇدەك ۋاقىتنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىنى قايسى ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنگىلادن پۇتبولچىلار جەمئىيتى ئىچىدە قاتتىق مۇنازىرە بولىدۇ. ھەرخىل ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان پىكىرلەرمۇ چۈشىدۇ. ئەسلىدىكى يېرىم ھەلقىلغۇچنىڭ ۋاقتىدا چارەك ھەلقىلغۇچنىڭ قايتىلانما مۇسابىقىسىنى ئويناش ياكى ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەلقىلغۇچىتىن كېيىن چارەك ھەلقىلغۇچ قوشۇمچە مۇسابىقىنى ئويناش دېگەندەك.
ئاخىردا بۇ مۇسابىقە « تىرىلىش بايرىمى» مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ مۇسابىقە بىلەن چېلسىنىڭ يەنە بىر مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت ئارلىقى پەقەت 41 سائەت....
284-15012FG9364J.jpg

مورىنىيو ئىلگىرى چېلسىنى تۇتقاندا ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىغا كۈچلۈك كوماندىلار ئاجىز كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەندە مۇسابىقىنە ئاجىز كوماندىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈش. ھەمدە قايتا مۇسابىقە ئوينىغاندا بىر مەيداندىلا ئۇتۇش ئۇتتۇرۇشنى ئايرىشتەك قائىدىلىرنى بىكار قىلىش توغرىسدا پىكىرلەرنى بەرگەن، ئۇنىڭ قارىشىدا بۇنداق قىلغاندا ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ئۈنىمى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.( لېكىن ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق پىكىر بېرىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن چۈشىنمىز )

مورىنىيونىڭ بۇ پىكرىگە نىسبەتەن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ساق ئۈچ بەتلىك مەزمۇن بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان. مەزمۇنى بولسا:

ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسەن.

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئاز بولمىغان قېيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق ئاخىردا بۇ تۈزۈلمىنى تۈزۈپ چىققان. ھەمدە نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ھېچقانداق چاتاق چىقمىغان تۈزلمىدىن ھازىر چاتاق چىقامتى. قائىدىنى مەلۇم كۇلۇپقا قارتا چىقارمىغان، ئومۇمغا قارتا چىقارغان.

ئامال يوق، ئاشۇ پىكىر بەرگەن ئاز بىر قىسىملار چىداشقا مەجبۇر بولۇپ كەلمەكتە.
284-15012FH23NJ.jpg

[خاتىمە]
ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە ئەنئەنىسى بار، چىمپىيونلۇق يولى ئەگرى توقايلىققا تولغان، پەقەت تىرىشقاندىلا ھەممە قېيىنچلىقلارنى يېڭىپ ماددى لوڭقىغا ۋە مەنىۋى شەرەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى ئۇ ھەممە كىشىگە ئوخشاش پۇرسەت بەرگەن.

سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىزمۇ، پوچتالىيون بولسىڭىزمۇ، ياكى قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولسىڭىزمۇ، ۋەياكى دېھقان بولسىڭىزمۇ قولمۇ قول تۇتىشىپ تىرىشىش ئارقىلىق، بىر ئايلانما، يەنە بىر ئايلانما مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق چىمپىيون بولۇش ئارزۇيڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
بۇ قىسقىغىنە توقسان مىنۇتتا سىز چىمپىيون بولۇش ئارزۇيڭىزغا يېتەلەيسىز، نەچچە يىل خەجلىگۈدەك پۇلمۇ تاپالايسىز، ئاشۇ چولپانلار بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە ئوينىيالايسىز، ھەتتا ئۇلارنى يېڭىۋالاليسىز.




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +350 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
putboldunyasi + 50 + 10
تۈمەن + 50 قالتىس!
سەھرا9 + 50 قالتىس!
بوغدا + 100 قالتىس!
ئارىف + 50 قوللاش!
tarimtogriki + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 21:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بىلدىم ، شۇڭلاشقا زەردارلار ئانچە كۇچەپ كەتمەيدىكەندە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 19:33:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلىگە زىرەكجان.. مۇنبەرنىڭ يەنە بىر بوشلۇقىنى تولدۇردىڭلار.. جىق بولمىسىمۇ ساز تىما يېزىپتۇ دەپ قارايمەن ئۆزەمچە ..نادىر تىما دىگەن مۇشۇ شۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 19:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇشبۇ تىمىغا تامغا بىسىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن ، ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەققىدە خىلى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم تەشەككۈر زىرەكجان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 19:37:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىيوغا تازا بەلەن جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 19:40:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىنى ئەمدى تېخىمۇ بەكراق چۈشەندىم. تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 19:55:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايېتې ئەتراپلېقي يېزلپتۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 20:14:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگىلا ئۇيۇشما  لوڭقىسىغا  ئىرىشكەن  كۇلۇپنىڭ  ياۋرۇپا  بىرلەشمە  مۇسابىقىسىگە   قاتنىشىش   سالاھىتى   ھازىر  يوققۇ  دەيمەن  بۇ  مۇسابىقە  تۆۋەن  دەرىجىلىك  كۇلۇپلارنىڭ   كۇچلۇك   كۇلۇپلار  بىلەن   مۇسابىقىلىشىپ  تەچىربە  توپلايدىغان   ياخشى  پۇرسەت   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 20:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئېنگىلاتتا  بىرلەشمە بەك كۆپ ئىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 20:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرىنىئوغا ئەلەم بوپتىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 20:29:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان كۇلۇپلارنىڭ كۆپلىگىدىن بۇ لوڭقىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 20:31:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 20:29
بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان كۇلۇپلارنىڭ كۆپلىگىدىن بۇ لوڭ ...

نىملا دىمگەنبىلەن چوڭلارنىڭ ئ‍ويى باشقىچە qq ئ‍ىچىڭلار گەپ بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 20:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىېما بوپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش