ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-28 19:27
نېمەدېگەنبىلەن بۇ بىر پۇتبول مۇسابىقىسى، ئەمما بۇ يەردە ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ.
ھەر يىلى 6-ئايدا كىشىلەر ئىتالىينىڭ فىئورىنتىنا (فىلورىنسىنا دەپمۇ قويىمىز) شەھىرىگە جايلاشقان بىر قەدىمى پۇتبول مەيدانىغا يىغىلىدۇ، بۇ يەردە بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، پۇرۇخ ھىدى قايناپ تۇرغان بىر مەيدان "پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سىز تەسەۋۋۇرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇنى ھەرگىزمۇ بىر مەيدان ئاەتتىكى پۇتبول مۇسابىقىسى دەپ ئويلاپ قالسىڭىز بولمايدۇ.
سەنئەت بۆشۈكى ئاتىلىدىغان فىئورىنتىنا بولسا ياۋروپا مەدەنىيەت-سەنئەت قايتا گۈللىنىشىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى، شانلىق تارىخقا ئىگە، سانسىزلىغان دۇنياغا مەشھۇر سەنئەتكارلار بارلىققا كەلگەن ۋە ياشاپ ئۆتكەن قەدىمىقى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئەمما دەل مۇشۇ شەھەردە بىر تۈرلۈك قەدىمقى پۇتبول ئەنئەنىسى "فىئورىنتىنا كىلاسسىك پۇتبولى" (Calcio Storico Fiorentino) ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ تۈر شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي فىئورىنتىنا روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بۇ ئىنتايىن رەھىمسىز بىر مۇسابىقە، بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ فىئورىنتنادا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا 100 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، "ئەڭ ئاخىرقى گىلادىئاتور" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرلار ئىككى قولىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ، ھەتتا قولى بىلەن رەقىپلىرىنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە ئۇرۇپ زەربە بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە قول توپ دەيدىغان قائىدە مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ بۇ يەردە پەقەت جەڭلا مەۋجۇت. بەزىدە سىز مەيداندىن پۇتبولنى تاپالمايلا قالىسىز، پەقەت ئۇرۇشقاننى، باشقىلارنى ئۇرۇپ يارلاندۇرغاننى، يارلانغانلارنىلا كۆرىسىز. مەيداندا بەزىدە 2-3 تىن بىر توپ بولۇپ، بەزىدە پۈتۈن كوماندا بويىچە ئوپچە گىرەلەشمە جەڭ بولۇپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە پۇتبولمۇ ئۇلار ئارقىلىق يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ "گىلادىئاتور" لارنىڭ كەينىدە ھامان 2-3 تىن ئادەم ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئويناۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتمايدۇ.
شۇ يەرلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن فىئورىنتىنانىڭ كىلاسسىك پۇتبولى بىر زوراۋانلىق ھەرىكەتتىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەھەر مەدىنىيتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىلىدۇ. شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ يۈز نەچچە يىللىق تارىخى ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ھەر يىلى پەقەت 4 لا كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇلار قىزىل قوشۇن، كۆك قوشۇن، ئاق قوشۇن ۋە يېشىل قوشۇندىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈن مۇسابىقە ۋاقتى 50 مىنۇت، ھەر بىر كوماندىدا 27 ئادەم ئوينايدۇ، مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن كوماندا غەلبە قىلىدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ھازىرقى پۇتبولغا سېلىشتۇرغاندا بۇ مۇسابىقىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇلار ئىككى قولىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، ماھىرلار ھەر قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قارشى تەرەپتىن توپنى ئېلۋالسا ياكى قارشى تەرەپ ئەزالىرىدىن مۇداپىيە كۆرسە بولىدۇ (ئەلۋەتتە قارشى تەرەپنى مۇشىت بىلەن ئۇرۇشقىمۇ بولىدۇ). ئوخشايدىغان يېرى بولسا، ھەر بىر كوماندىنىڭ پەقەت بىرلا ۋارتارسى بولىدۇ.
قىپقىزىل قانلار ۋە ئۇستىخانلارنىڭ سۇنۇپ كېتىشلىرى بۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئادەتتىكى ئەھۋال، يارلانغانلار ئالماشتۇرۇلۇپ مەيداندىن چۈشۈرۋېلىنىدۇ، ئەمما ھېچقانداق كوماندا ياكى ھېچقانداق ماھىر ئالدىراپ مۇسابىقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. بۇ يەردىكى مۇسابىقە گەرچە ناھايتى زوراۋانلىق تۈس ئالغان، ھەتتا ئىنتايىن قالايمىقان ئوينالسىمۇ، ئەمما كىمكى مۇسابىقىدىن چېكىنسە، ھېچقانداق ئادەم مەيداندىن بالدۇر چېكىنگەن ماھىرنى ئۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي ئارىغا ئالمايدۇ، بۇ ھەم مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر قانداق بىر ماھىرغا نىسبەتەن كۆتۈرگۈسىز ھاقارەت ۋە خورلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ.
دەرۋەقە بۇ بىر پۇتبول مۇسابىقىسى، شۇنداقلا بۇ بىر تارىخى ئەنئەنە تەسىرىدە مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللىنىپ، تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
|
|