ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1077 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-28 17:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم.......................!!
تۈنۈگۈنگە قارايدىغان بولساق مۇسابىقىلارنىڭ ناھايىتى جىقلىقىنى كۆرىمىز يەنە دوستلۇق مۇسابىقسى ، بىرلەشمە ۋە لوڭقا تاللىشىش مۇسابىقىلىرىمۇ بار لىكىن بۇلانىڭ ئىچىدە كىشىلەرنى ئۆزىگە بىرقەدەر جەلىپ قىلىدىغىنى يەنىلا نەۋرە ئاكا-ئۇكىلارنىڭ مۇسابىقىسى بولۇپ ئۇلار بولسا ئاۋسترىيەنىڭ زەردار كۇلۇبى سالتزبۇرگ قىزىل كالا كۇلۇبى بىلەن گېرمانىيە ب بىرلەشمىسىدىكى لېيپزىگ قىزىل كالا كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى . بۇ ئىككى كۇلۇب باشقا مەيداندا مۇسابقىلاشقان بولۇپ مۇسابىقە باشلىنىپ 6مىنۇت بولغاندا سالتزبۇرگ كۇلۇب بىر توپ ئۇرغان 40 مىنۇت بولغاندا لېيپزىگ كۇلۇبى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي سالتزبۇرگ كۇلۇبى 48مىنىۇت ۋە 59مىنۇت بولغاندا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئالدىغا ئۆتىۋالغان 60مىنۇت بولغاندا لېيپزىگ كۇلۇبى بىر توپ ئۇرغان ۋە مۇسابىقى ۋاقىتى توشاي دىگەن ۋاقىتتا يەنە 87مىنۇت بولغاندا لېيپزىگ كۇلۇبى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالغان.................
سالتزبۇرگ كۇلۇبىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى : سالتزبۇرگ كۇلۇبى تۈنجى بولۇپ 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاۋسترىيەدە SV سالتزبۇرگ (SV Austria Salzburg) ئىسىم بىلەن قۇرۇلغان ، لىكىن ئۇ چاغدا بۇ كۇلۇبتىن باشقا يەنە بۇ كۇلۇب بىلەن بىر يەرلىك ھەم ئىسمىمۇ ئوخشاپ كىتىدىغان ئىككى كۇلۇب بار بولۇپ ئۇلار بولسا FC سالتزبۇرگ خىرتخا(FC Hertha Salzburg)بىلەن FC سالتزبۇرگ راپىد(FC Rapid Salzburg). كىيىن بۇلار بىرلەشكەن يەنى 1978-يىلى بۇلار ئۈچ كۇلۇبنى بىرلەشتۈرۈپ كۇلۇبنى پايغا ئۆزگەرتىپ ئۆز ئالدىغا پاي بۆلىۋالغان كۇلۇب ئىسمىنىمۇ SV كاسىنو سالتزبۇرگ(SV Casino Salzburg)قا ئۆزگەرتكەن . كىيىن بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ئۆزىنىڭ پىيىنى باشقا ئككىسىگە سىتىپ بەرىپ بۇ كۇلۇبتىن قول ئۈزگەن . شۇنداق قىلىپ بۇلار 1997-يىلى يەنە بىر قىتىم ئىسىم ئۆزگەرتكەن يەنى SV ۋۇستېنروت سالتزبۇرگ (SV Wüstenrot Salzburg)دەپ ئۆزگەرتكەن . بۇلار شۇ ۋاقىتلاردا ئاۋسترىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ زەردار كۇلۇبى بولۇپ قالغان ھەم 1994-يىلى ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىغا قاتناشقان ھەم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ئىتالىيەنىڭ زەردار كۇلۇبىغا يىڭىلىپ قىلىپ ئىككىنجى بولۇپ قالغان ھەم ئاۋسترىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن كۇلۇب بولۇپ قالغان .
شۇنداق قىلىپ 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى قىزىل كالا ئېنېرگىيە ئىچىملىك شىركىتى بۇ كۇلۇبنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى سىتىۋالغان ھەم ئىسمىنى سالتزبۇرگ قىزىل كالا ئۆزگەرتكەن ۋە ھازىرقىدەك كۈچلۈك ھالەتكە كەلگەن................
ئەمدى لېيپزىگ قىزىل كالا كۇلۇبىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى : قىزىل كالا گۇرۇھى ئەسلىدە 2006-يىلىدىنلا قىزىل كالىسى كوماندىسىنى قۇرۇپ گىرمانىيە پۇتبولچىلىقىغا قەدەم باسماقچى بولغان،لىكىن بەزى بىر قائىدىلەر سەۋەبلىك مەغلۇپ بولغان. 2009-يىلى قىزىل كالا گۇرۇھى ئاخىرى گىرمانىيە بەشىنجى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى مارك رانسىتادرت كوماندىسىنى سىتىۋىلىپ ،يۇقىرىدىكى نامدا تىزىملاتتى . تۇنجى يىلىلا شەرقى شىمال يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمسىىدە ئۇزغۇن بولۇپ ، تۆتىنجى دەرىجىلىك بىرلەشمە بولغان شىمالى رايون بىرلەشمىسىگە چىقتى، بۇ يەردە ئىككى يىل ئوينىغاندىن كىيىن شىمالى رايون بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولۇپ ،گىرمانىيە س دەرىجىلىكلەر بىرلەشمسىىگە چىقتى . س دەرىجىلىك بىرلەشمىدە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا ئىككىنجى بولۇپ ،بۇ پەسىل ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چىقتى . ھازىرمۇ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدە 7-ئورۇندا كىتىۋاتىدۇ ، بۇ پەسىلدىن كىيىنلا ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چىقىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى .................
|
|