akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 29

سېرىق كانارىيە قۇشقىچى-فەنەرباغچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 03:20  

                                                                 سېرىق كانارىيە قۇشقىچى-فەنەرباغچە

sari_kanarya__by_blancvier-d58znhc.jpg


  فەنەرباغچە تەنتەربىيە كۇلۇبى (Fenerbahçe Spor Kulübü) بولسا تۈركىيەنىڭ ئىستانبولغا جايلاشقان. كۇلۇبنىڭ ئەڭ داڭلىق تۈرى بولسا پۇتبول بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاسكىتبول، ۋالىبول، قۇلۋاق ھەيدەش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى بار. پۇتبول كۇلۇبى بولسا ھازىر تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇب. فەنەرباغچىنىڭ ئاتىلىشى سېرىق كانارىيە قۇشقىچى بولۇپ، تۈركىيەدىكى مانچىستىر بىرلەشمىسى دەپمۇ چىرايىق بامى بار.
  
كۇلۇب ئىسمى(ئۇيغۇرچە): فەنەرباغچە كۇلۇبى
كۇلۇب ئىسمى(تۈركىچە): Fenerbahçe Kulübü
تەنھەرىكەت تۈرى: پۇتبول
بىرلەشمە تەۋەلىكى: تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى
دۆلەت تەۋەلىكى: تۈركىيە
جايلاشقان ئورنى: تۈركىيە ئىستانبول
قۇرۇلغان ۋاقتى: 1907-يىل
مەيدانى: شۈكرۈ ساراجئوغلى پۇتبول مەيدانى
ئورگان تورى: http://www.fenerbahce.org

1911-1912-sampiyonu-fenerbahce_B.jpg


كۇلۇب تارىخى:
  فەنەرباغچە دەسلەپتە 1899-يىلى قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسى دەۋىرىدە ھېچقانداق پۇتبول كۇلۇبى يوق ئىدى. چۈنكى ئىمپىريىە خەلقلىرىنىڭ توپ تىپىشى چەكلىنەتتى. كادىكويدا(فەنەرباغچىنىڭ ئاساسى رايۇنى) بىر قىسىم تۈركلەردىن پاپازىن بىلەن جەدىلئايرى توپ تېپەتتى. كىين ئۇلار شۈكرۈ ساراجئوغلى پۇتبول مەيدانىنى قۇرۇپ چىقتى.
ئۇلار دەسلەپكى مەزگىلدە ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسىدە Black Stockings (قارا پايپاقلىقلار) پۇتبول كۇلۇبىنى قۇرىدى. Black Stockings كۇلۇبى كىيىن سۇلتاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاقىتۋېتىلدى. 8 يىلدىن كىيىن، يەنى 1907-يىلى كوللىكتىپنىڭ كۆپۈنچە ئەزالىرى تەشكىللىنىپ قايتىدىن فەنەرباغچىنى قۇرۇپ چىقتى.

  نۇرىزادە زىيا سونگۈلەن، ئايەتۇللاھ ۋە نەجىپ ئوكانەر فەنەرباغچە كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلخەمىد 2- ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان بولۇپ، ھالبۇكى ئىمپىرىيە خەلقنىڭ توپ تىپىشىنى ۋە پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇشنى چەكلىگەچكە، ئۇلار بارلىق تەنھەرىكەت تۈرى بار بولۇش شەكلى ئاساسىدا يۇشۇرۇن قۇرۇش ئېلىپ باردى. سونگۈلەن تۇنجى بولۇپ رەئىس بولدى. ئايەتۇللاھ خوجىلىق ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى بولدى. ئوكانەر بولسا كوماندا باشلىقى بولدى. دېڭىز قىردىكى ماياك بولسا كۇلۇب بەلگىسىنىڭ لايىھەسىگە چوڭقۇر تەسىر ئېلىپ كەلدى. بەلگىدە سېرىق رەڭلىك ۋە ئاق رەڭلىك نەركەسگۈلى بولۇپ، ماياك ئەتىراپىدىن تېپىلغان. ئەمما 1910-يىلى بەلگىدە ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، توپۇز ھېكمەت بەلگىنى قايتىدىن سېرىق رەڭلىك ۋە كۆك رەڭلىك قىلىپ نەركەسگۈلىنى ئېلۋەتمەي لايىھەلەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇشۇ ھالىتى بىلەن قوللىنىپ كېلىۋاتدۇ. فەنەرباغچىنىڭ يۇشۇرۇن ھەركىتى ئىزچىل 1908-يىلى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. شۇ يىلى كۇلۇبنىڭ قانۇنلۇق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن يېڭىدىن ئىلتىماس قىلدى. 1959-يىلغا كەلگەندە تۈركىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە تۈزۈمىنى قۇرۇپ، ئىسمىنى تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىى (Türkiye Süper Lig) قىلىپ بېكىتتى. بۇ داۋاملىق ھازىرغىچە قوللىنىلۋاتىدۇ. ئۇلار ئىككىنچى يىلى تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى.


  1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ، ئىستانبول بىلەن ئانتالىيا ئەنگىلىيە ئارمىيسى ۋە فىرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئېشخالىيتىدە بولدى. 1918-يىلدىن 1923-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، فەنەرباغچە بىلەن شۇ يەردىكى ھەربىيلەر 50 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ باردى. 41 مەيدان يېڭىپ، پەقەت 4 مەيدانلا يېڭىلدى. فەنەرباغچىنىڭ غەلبىسى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ۋە جامائەتلىرىنى قوزغاتتى. فەنەرباغچە ئەڭ ئالقىشلىندىغان بىر پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ قالدى.

11-04-beşiktaş-fenerbahçe-galatasaray-trabzonspor.jpg


  فەنەرباغچىنىڭ ئەڭ چوڭ قان رەقىبى بولسا بىر شەھەردىكى گالاتاساراي كۇلۇبى بولۇپ، ھەر قېتىملىق فەنەرباغچە بىلەن گالاتاساراينىڭ مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى  مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ھەم بۇ مۇسابىقە«تۈركىيە دىربىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەجىبا بۇ ئىككىسى ياۋرۇپادا بەك چوڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا فەنەرباغچە تۈركىيە پۇتبولىدا ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن نەتىجىلەرنى ئېلىپ ئېيىتساق، فەنەرباغچىنىڭ غەلبە قىلغان قېتىم سانى بىرقەدەر يۇقىرى. فەنەرباغچىنىڭ تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى پەرىق بىلەن رەقىبىنى يەڭگەن ۋاقتى بولسا، 2002-2003-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە 6-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان.

takim.jpg


فەنەرباغچىنىڭ بىر شەھەردىكى يەنە بىر ئەڭ چوڭ رەقىبى بولسا بەشىكتاش كۇلۇبى بولۇپ، ئىككى كۇلۇب بىرلەشمىدە، بەشىكتاش كۇلۇبى 116 قېتىم غەلبە قىلغان، فەنەرباغچە 113 قېتىم غەلبە قىلغان. فەنەرباغچىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق رەقىبى بولسا تىرابىزون تەنتەربىيىسى كۇلۇبى بولۇپ، بۇ ئىككسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇراشقان ۋاقتى 70-يىلنىڭ ئاخىرى.

1fenerbahce_amblemi_1907_15 (1).jpg


فەنەرباغچىنىڭ بەلگىسىنى تۆپۇز ھىكمەت لايىھەلىگەن. كۇلۇبنىڭ بەلگىسىدە 5 خىل رەڭ بار بولۇپ، ئاق رەڭلىك قسىمى بولسا فەنەرباغچە كۇلۇبى قۇرۇلغان 1907 دېگەن ساننى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، پاكلىققا ۋە ئېىچىۋېتىشقا سىمۋول قىلىنغان. قىزىل رەڭلىك قىسىمى بولسا مېھىر-مۇھاببەتكە، ساداقەتمەنلىككە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان. سېرىق رەڭلىك قىسىمنىڭ ئوتتۇرسى بولسا، ھۆرمەتكە ۋە ياخشى كۆرۈشكە سىمۋول قىلىنغان. كۆك رەڭ مەرتىۋىگە سىمۋول قىلىنغان. يۇپۇرماق، سېرىق رەڭ ۋە كۆك رەڭ بىرلىشىپ، كۇلۇبنىڭ ئاساسلىق ئەمەلىي كۈچىنى گەۋدىلەندۈرگەن. يۇپۇرماقنىڭ يېشىل رەڭگى كۇلۇبنىڭ ئاساسلىق مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.


كۇلۇبنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى:

2470063-fenerbahce-sukru-saracoglu-stadi.jpg


ھازىر فەنەرباغچە پۈتۈن تۈركىيەدە مەيدانغا كىرگەن ئادەم سانى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رىكورىتقا ئېگە.شۈكرۈ ساراجئوغلى پۇتبول مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئەڭ چوڭ مەيدان. تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىمۇ دائىم مۇشۇ مەيداندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۇلۇب رەئىسى ئەزىز يىلدىرىم يېقىندا ئىستىپا بەرگەن. ئەمما ھازىر ئۇ ئورنىغا قايتىپ كەلدى. ھازىر ئۇنىڭ 4-قېتىملىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە ئولتۇرىشى بولۇپ، ھەر قېتىملىق رەئىسلىك مۇددىتى 2 يىل. كۇلۇب سەپ شەكلىدىمۇ يۇقىرى باھالىق خەلقئارالىق توپچىلارمۇ بار. فەنەرباغچە ھازىر بارغانسېرى تەرەققىي قىلۋاتىدۇ. كۇلۇب قۇرۇلغىلى بىر ئەسىرلىك تارىخنى بېسىپ ئۆتۈپ، نامى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى.

02e8013df84c364518b0428f58460a27.jpg


فەنەرباغچە كۇلۇبى تۈركىيەدىكى ئەڭ باي كۇلۇب. ھەرۋاقىت خەلقئارا دەرىجىلىك توپچىلارنى قۇشۇۋېلىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ. ئۇلار بىردىن-بىر ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىدىكى چېمپىيۇنلۇقى 1966-1967-يىللىق بالقان لوڭقىسىدا (بالقان لوڭقىسى-بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەر قاتنىشىدىغان خەلقئارا دەرىجىللىك مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى) توختىغان. ئۇلار يەنە ئۆز مەيدانىدا ئېرىشكەن غەلبىسىدىن باشقا ئەسلىگۈدەك مۇۋاپىقىيتىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمما 2004-2005-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە فەنەرباغچە ئۆزمەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ مانچىستىرنى گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان. ئۇلار ئۆزى گورۇپپىدا ئۈچىنچىلىك سالاھىيتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ 32 كۈچلۈكىگە كىرگەن. 2007-2008-يىىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىش جېڭىدە فەنەرباغچە ئۆز مەيدانىدا 2-1 نەتىجە بىلەن چېلسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئەمما ئاخىرىدا مېھمان مەيداندا 0-2 نەتىجە بىلەن چېلسىغا ئۇتتۇرۇپ 8 كۈچلۈكتە قەدىمى توختىغان. ئۇلار گورۇپپىدىن چىقىپ 8 كۈچلۈككىچە ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولمىغان. ئۇلارنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئەڭ ئەسلەش خارەكتىردىكى مۇسابىقە بولۇپ قالدى. ئۇ بولسا ساھىبخان مەيداندا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ مەيدانىدا 1-0 نەتىجە بىلەن مانچىستىرنى مەغلۇپ قىلىپ، مانچىستىرنىڭ 40 يىلدىن بۇيان ياۋرۇپا مۇسابىقىسىدە ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتىنى توختىتىپ قويدى.

250620132148075735745.jpg


   2010-2011-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە فەنەرباغچە كۇلۇبى تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتى. ئەمما فەنەرباغچە ساختا توپ ئويناش سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى چەكلەندى. ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جىددى قارار ماقۇللاپ، تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچىلىكىگە ئېرىشكەن تىرابىزون تەنتەربىيسىنى ۋاكالىتەن قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى فەنەرباغچىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ پەقەت ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىگە چەك تارتىشتىن 24 سائەت بۇرۇن بولغان. تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى«فەنەرباغچە ۋە تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قاتتىق جازالىنىدۇ، بۇنىڭ تەسىرىدە تۈركىيەدىكى كۇلۇبلارنىڭ بۇ پەسىللىك ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشى جازاغا ئۇچىرايدۇ»دېدى. بۇ قارار ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى فەنەرباغچە كۇلۇبى ئۆزىنىڭ چېكىنىش قارارىنى چىقارسۇن ياكى تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشنى چەكلەش قارارىنى چىقارغاندىن كىيىن بولسۇن، ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆزى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كىيىن جازا ئېلان قىلىدۇ.

   بۇنىڭدىن كىيىن ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىگە جىددى قارار چىقاردى. تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچىلىكىگە ئېرىشكەن كۇلۇبى قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە بېلباۋ رىقابەت بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ناھايتى تېزلا تۈركىيە توپ مەستانلىرىگە غايەت زور پارتىلاش خارەكتىردىكى خەۋەر بولدى. ئۇلار ئالدىنقى پەسىللىك تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمۈد قىلدى.

  بۇ ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولسا، ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەنە ئەڭ ئاخىرقى قارارىنى چىقىرىپ، فەنەرباغچىنىڭ 2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى 2 يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى چەكلىدى.

854700-14491372-640-360.jpg


2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى فەنەرباغچە كۇلۇب ئورگان تورىدا گوللاندىيەلىك توپچى كۇيىتنىڭ رەسمى ھالدا لېۋىرولدىن يۆتكىلىپ فەنەرباغچە كۇلۇبىغا قۇشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۇيىت بىلەن فەنەرباغچە 3 يىللىق توختام ئىمزالىدى.

كۇلۇب شەرەپلىرى:

   20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىستانبولدا پەقەت ئۆز-ئارا تەشكىللەنگەن پۇتبول بىرلەشمىسىلا بار ئىدى. جۇمھۇرىيەت قورۇلغاندىن كىيىن، ئۇيۇشما لوڭقىسى بولسا 1923-يىلى قۇرۇلدى. ئۇيۇشما لوڭقىسى ئوخشاش بولمىغان شەھەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىرلەشمىسى بولغان. كىيىن ئۇيۇشما لوڭقىسى پۈتۈن مەملىكەتتە باشلانغان. بىرلەشمە قۇرۇلغاندىن كىيىن فەنەرباغچە كۇلۇبى 26 قېتىم چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكىسى بىرەسمى مەملىكەتلىك بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6 قېتىم پۈتۈن مەملىكەتلىك بىرلەشمىنىڭ چېمپىيۇنى ۋە 26 قېتىم چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا 19 قېتىم بىرەسمى چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.

تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 17 قېتىم، تۈركىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا 11 قېتىم ۋە تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا 14 قېتىم ئېرىشكەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
130112 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 03:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر باغچىنىڭمۇ تارىخى ئۇزۇنكەن،  ياخشى تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 04:26:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر باغچىنىڭ تارىخىنىمۇ ئاز تولا بىلۋالدىم.رەھمەت ئسيانچى بۇرادەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 05:15:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە كۇلۇبلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۈردىغىنىم،  مۇشۇ فەنەر باغچە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 06:29:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقدا  بۇ يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك  بىرلەشمە مۇسابىقىلەگە  نورمال قاتنىشىدىكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 07:54:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇلغىلىمۇ بىر ئەسىر بۇلۇپ قاپتۇ بۇ كۇلۇبقا…خېلى تارىخى ئۇزۇنكەن جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 07:54:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇلغىلىمۇ بىر ئەسىر بۇلۇپ قاپتۇ بۇ كۇلۇبقا…خېلى تارىخى ئۇزۇنكەن جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 09:40:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدەپ پۇتبۇل ئويناش بىلەن كۇلۇب قۇرۇشنى چەكلەيدۇ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 09:41:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىدە تۈركىيە كۇلوبلىرىنى كۆرسەم باشقىچە ھەۋەس قىلىپ قالىمەن. تۈركىيە بىرلەشمىسى توغرىسىدىكى تىنىلىرىڭز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 10:46:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنابۇ پۇتبول مەيدانىدىن قىلىش مىغىدەك مەيدانى باكەنغۇ ،
ئىسىل تىمىلىرىڭىزغا ئاپرىن ئىسيانچى بۇرادەر  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-28 10:54:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇشۇ  فەنەر   باغچىنىڭ   كىيىمى   بىىرخل   چىرايلىق   كۆرۈنىدۇ   ماڭا   ،   بەك    خاسلىققا   ئىگە……
     توپچىلىرىمۇ    خىل   ھېلىقى  ۋولقان  دېمىرىل   ،   گوكخان   گونۇل،   خەسەن  كالدىرىم ،  مېخمېت   توپال    ،   يەنە  ھېلىقى رىمغا   يۆتكەلگەن    ياش   بىر   توپچىسى   سالھ   ئۇچان    قاتالرلىقلا   ھەممىسى   دۆلەت   كوماندىسىنىڭ   ئاساسى  كۈچلىرى……
        ئەمما   ئەڭ   كۈچلىكى    يەنىلا   گالاتالىقلامىكىن   ھازىرچە……
       بۇ   يىل   بىىرلەشمىدە  دېم  بابا   نى    قوشۇۋالغان  بېشىكتاش    ئاتتەك   چاپقىلى   تۇرۇپتۇ   ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 23:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش