ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2623 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-28 02:56
بارسىلۇنادىن ئالالمىغۇدەك نىمە دەرىتلىرى بار بولغۇيتى ئاتلىتكىنىڭ ؟ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغىنىغىما ؟
كۈچلۈك كوماندىلار ئۆزىنىڭ مەيدانىغا بەكرەك ئىشىنىدۇ ، خۇددى سىلەر نوكامپۇغا ئىشەنگەندەك . ئاتلىتكىنى ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارىمىساممۇ ، لىكىن ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىڭى راۋرۇسلام كۈچلۈك . ئۇنىڭغا سىمۇنىچە ئويناش ئۇسلۇبى قىتىلىپ بۇلارنى ‹‹ يوغان سۆزلىيەلەيدىغان ›› قىلىپ قويدى .
مىنىڭچە ھازىرقى ئاتلىتكىنى ئۇتۇش ئۇچۇن ياكى ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بىرىش ئەڭ ياخشى ئاماللارنىڭ بىرى ، لىكىن مادىرىتمۇ بۇنى ‹‹قىلالمىدى ›› ئاشۇ بەدەن قۇرۇلمسىغا ئىگە بولغان بارسىلۇنانىڭ قىلالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
بۇ مەيدانغا بەكرەك ئىشەنچىڭلا توشۇپ تۇرۇپتۇ قارىغاندا ، ئەۋزەللىك سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ، لىكىن نوكامپۇدا بىر نوقتا توپتا ئۇتقان ئاتلىتكىنى كاردىلۇڭدا بومباردىمان قىلۋەتكۈدەك دەرىجىدە يوقتۇ ھەر قانچە بولسىمۇ . بۇلارنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى قاتتىق ، لىكىن ئاسانلىقچە 10 ئادەم بىلەن قالمايدۇ ، قارشى تەرەپ ئامال يوق ئۆزىنى ئاسرىغاچ ئوينايدىغان گەپ .
ئاۋۇ گىپىڭلارنى ئازراق تۈزتىپ قويغۇم كەپ قالدى . ئاتلىتكىدا بارسىلۇنادىن قورقۇش كىسىلى ئەمەس ، باشقا كوماندىلاردا بۇ ئوتانچىلاردىن ‹‹ قورقۇش كىسىلى ›› پەيدا بولغىلى يىللار بوپ قالدى . بۇنىڭ ئىچىدە بارسىلۇنامۇ بار ، بولمىسا ئاتلىتكىغا بۇنچىۋالا ئارتۇقچە ‹‹كۆڭۈل بۆلۈپ ›› يۈرمەسمۇ بولغۇيتىڭلا .
ئاتلىتكا كۆنۈپ قالغان ماۋۇ ئوينىشىدا قىزىل كارتا سەۋەپلىك ئادىمى كام قىلىپ قالمىسىلا ، بۇ مەيدان بارسىلۇنانى ئۇتالايدۇ مىنىڭچە . لىكىن سىمۇنىنىڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى بۇ نەچچە يىلدىن بىرى ئۇنىڭ كوماندىنىڭ باشقا قۇرۇلمىلىرىغا قارىغاندا كۆڭۈلدىكىدەك ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيۋاتقان ئەڭ چوڭ ‹‹ئاجىزلىقى›› شۇڭا بۇلارنىڭ جىق توپ ئۇرۇپ كىتىشىمۇ ناتايىن . ( ھەركەتچان توپتىن ) . |
|