ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1072 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ھازىرقى پۇتبولچىلار كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىكىتىنى ئامرىكىغا قاراتماقتا،مەسىلەن:بېكخام،ۋېللا،لەمپارت،كاكا،راھول، قاتارلىقلار ئامرىكا بىرلەشمىسىدە توپ تىپىۋاتىدۇ.
ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى مادىرت ۋە ئىسپانىيە تۆھپىكارى ئېكىر كاسللاس ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:مەن مادىتتىن كەتمەسلىكنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئەگەر ئايرىلىش توغىرا كىلىپ قالسا ئامرىكا بىرلەشمىسىنى تاللايمەن،چۈنكى مادىرتقا رەقىپ بۇلۇپ مەيدانغا چۈشۈشنى خالىمايمەن،ئامرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ كۈندىن كۈنگە ياخشى بۇلىۋاتىدۇ،ئامرىكا مىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىم،ئامرىكا بىرلەشمىسىدە توپ تىپىش ئارقىلىق كەسپى ھاياتىمنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرالىشىم مۇمكىن،ئەمما مەن خان مادىرتتىكى كۈنلىرىمنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەيمەن...
كاسىللاس 16 يېشىدا مادىرت ياشلار بازىسىدىن يىتىشىپ چىققان بۇلۇپ،مادىرت ئۈچۈن قاتناشقان مۇسابىقىلىرى 700مەيداندىن ئاشقان تۆھپىكاردۇر.ئۇنىڭ مادىرت بىلەن بولغان توختامى 2017-يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ
مادىرت ئورگان تورىدا fifaنىڭ تەكشۈرىشىگە جاۋاپ قايتۇردى.
يېقىندىن بۇيان خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مادىرت ياشلار بازىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ناھايىتى جىددى ئېلىپ بېرلغان بۇلۇپ مادىرتتىن تەكشۈرۈلگەن 51 توپچىنىڭ قايتا-قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا مادىرت ئورگان تورىدا سۆز قىلىدى:توپچىلىرىمىزدا مەسىلە يوق
مادىرت ئورگان تورى يەنە ئەسلى تەكشۈرگەن توپچىلارنىڭ 50 ئىكەنلكىنى بىر نەپەر توپچىنىڭ ئىسمى ئىككى يەردە بايقالغانلىقى 10 نەپىرى ئىسپانىيەدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 19-تارمىقىدا قورامىغا يەتىمىگەن توپچىلارنى ئېلىپ سېتىشقا قارشى ماددىلار بۇلۇپ،10 نەپەر ئىسپانىيەلىك بۇ تەكشۈرۈش دائىرسىدە ئەمەسكەن،قالغان 40 توپچىنىڭ 6نەپىرى مادىرتقا قۇشۇلغان ۋاقىتتا قورامىغا يەتكەن بۇلۇپ،ئۇلارمۇ بۇ تەكشۈرۈش دائىرسىدە ئەمەس ئىكەن .خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ تۈزۈلمىسى 2009-يىلى ئېلان قىلنغان بۇلۇپ 2 نەپەر توپچى بۇ تۈزۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى مادىرتقا قۇشۇلغان ھەمدە،پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سەمىگە سېلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان،قالغان 23 نەپەر توپچى بۇ تۈزۈمگە ئۇيغۇن بولمىغان ئاساستا قۇشۇلغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار ئىسپاندىكى باشقا كۇلۇپلاردىن مادىرت ياشلار بازىسىغا قۇشۇلغان،بىر نەپەر تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە مادىرت توپچى قۇشىۋېلىشتا ئىلتىماس سۇنمىغان بۇلۇپ ،مادىرت يۇقۇرى قاتلىمى بۇ ئىشقا قارىتا ئەرىز قىلۋاتىدۇ.
مادىرت 4-12 ياشقىچە بولغان بالىلارنى مادىرت ياشلار بازىسىغا ئالغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ پۈتۈنلەي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ دۆلەت سىرتىغا توپچى سۈپىتىدە سېتىلىشى چەكلىگەن،ئەمما ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خىزمىتى شۇ دۆلەتتە ھەمدە توپچى يۆتكەلمەكچى بولغان كۇلۇپ تەرىپىدىن تەمىللەنگەن خىزمەت ئورنى بولمىسا،كىچىك توپچىلارنىڭ چەت دۆلەتتىكى ياشلار تەربىيلەش بازىلىرىدا تەربىيلەنسە بۇلدىغانلىقى شەرھىيلەنگەن.
لۇكاس سېلۋا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا رەئىس فلرونتو سۆز قىلىپ:بىز پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكشۈرىشگە ماسلىشىمىز،مادىرت بىر ئىشلارنى توغرا ئۇسۇل بىلەن قىلىدۇ،بىز ئۈزىمىزگە ئىشىنىمىز.......
قارىغاندا مادىرت خېلى ئاۋارچىلىقلارغا ئۈچرايدىغاندەك.
مەنبە:http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2015-01-27/54c6dd67f01f8.htm |
|