ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 897 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-27 02:49
ئۆزبىكستان كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسى (Uzbekistan Professional Football League) بولسا، ئۆزبىكىستاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى پۇتبول بىرلەشمىسى بولۇپ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزبىكىستان دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزبىكىستان بىرلەشمىسى 1992-يىلى قورۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 14 كولۇب بار. تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى بولسا ئەڭ كۆپ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، جەمئىي 9 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئاساسلىق ئارخىپى:
بىرلەشمە نامى: ئۆزبىكستان كەسپىيى پۇتبول بىرلەشمىسى
قورۇلغان ۋاقتى: 1992-يىل
ئەزا بىرلەشمە تەۋەلىكى: ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى
باشقۇرۇغۇچى ئورۇن: ئۆزبكىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى
دەرىجە چۈشۈش تەۋەلىكى: ئۆزبىكىستان ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى
ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيۇن: تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى
ئەڭ كۆپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كۇلۇب: تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى
ئورگان تورى: http://www.pfl.uz
بىرلەشمە تۈزۈمى:
ئۆزبىكستان كەسپىيى پۇتبول بىرلەشمىسىدە نۆۋەتتە 14 كوماندا بار بولۇپ، ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندىن ئىبارەت مۇسابىقە شەكلى بويىچە جەمئىي 26 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدۇ. بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان 2 كوماندا بىۋاستە دەرىجە چۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىرلەشمىدە چېمپىيۇن بولغان ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندا ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
2015-يىللىق ئۆزبىكىستان كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى 14كۇلۇب توۋەندىكىچە:
1. تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى
2. تاشكەنىت پاراۋۇز بېشى پۇتبول كۇلۇبى
3. نەسەف پۇتبول كۇلۇبى
4. تاشكەنىت بۇنيادكار پۇتبول كۇلۇبى
5. مەشئەل مۇبارەك پۇتبول كۇلۇبى
6. ئالمالىق پۇتبول كۇلۇبى
7. نەۋباھار نەمەنگان پۇتبول كۇلۇبى
8. فەرغانە نېفىتچى پۇتبول كۇلۇبى
9. بېكئاباد مىتاللوروگىيە پۇتبول كۇلۇبى
10. سەمەرقەنىد دىنامو پۇتبول كۇلۇبى
11. زەرەپشان قىزىلقۇم پۇتبول كۇلۇبى
12. بۇخارا پۇتبول كۇلۇبى
13. گۈزەر شۇرتەن پۇتبول كۇلۇبى
14. قوقەنىد 1912 پۇتبول كۇلۇبى
قستۇرما: تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى ھەققىدە
تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى(FC Pakhtakor Tashkent) ئۆزبكىستاننىڭ ھازىرقى پايتەختى بولغان مەركىزى شەھەر تاشكەنىتتە بولۇپ، 1956-يىلى قورۇلغان. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن، ئۆزبىكىستان دۆلەت ئىچىدە رىقابەت جەھەتتە شەكسىز ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇب بولۇپ قالغان. بۇ كۇلۇب يەنە ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، 2003-يىلى ۋە 2004-يىلى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.
تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن بۇرۇنمۇ خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان سوۋىت ئالىي پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 22 قېتىملىق مۇسابىقىلىرىدە 212 مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ، 211 تەڭلىشىپ، 299 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان. تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى ئۆزبىكىستاندىن بىردىن-بىر سوۋىت ئالىي پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان كۇلۇب بولۇپ قالغان. كۇلۇب 1963-يىلى ۋە 1982-يىلى سوۋىت ئالىي پۇتبول بىرلەشمىسىدە 6-بولغان. بۇ نەتىجە سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئىككى قېتىملىق نەتىجىسى. 1968-يىلى تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى سوۋىت ئىتتىپاقى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بىردىن-بىر بۇ تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا كىرگەن كۇلۇب بولۇپ قالغان.
ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى:
چېمپىيۇنلۇق:
ئۆزبىكىستان بىرلەشمىسىدە 7 قېتىم: 1992, 1998, 2002, 2003, 2004, 2005, 2006 2007
ئۆزبىكىستان لوڭقىسىدا 8 قېتىم: 1993, 1997, 2001, 2002, 2003, 2004, 2005, 2006
مۇستەققىل ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسى 1 قېتىم: 2007،
ئىككىنچىلىك:
سوۋىت ئىتتىپاقى لوڭقىسىدا 1 قېتىم: 1967-يىلى،
ئۆزبىكىستان بىرلەشمىسىدە 2 قېتىم: 1993, 2001
ئۆزبىكىستان لوڭقىسىدا 1 قېتىم: 1996،
ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى:
يېرىم ھەل قىلغۇچ: 2003، 2004،
ئاسىيا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى:
8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 1999،
سوۋىت ئىتتىپاقى پۇتبول ئالىي بىرلەشمىسى ھەققىدە:
سوۋىت ئىتتىپاقى پۇتبول ئالىي بىرلەشمىسى بولسا سوۋىت ئالىي بىرلەشمىسى دەپ قسقارتىلىپمۇ ئېلىندۇ. تارىختا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتتىن كەلگەن 63 كوماندا قاتنىشىدىغان كۇلۇبلار لوڭقىسى بولۇپ، بۇ بىرلەشمىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ كۇلۇبى قاتنىشىدۇ. ئۇلار روسىيە، ئوكرائىنا، گرۇزىيە، ئەزەربەيجان، بىلروسىيە، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، تاجىكىستان، لىتۋانىيە، مولدوۋا، لاتۋىيە، ئېستونىيە، ئەرمىنىيە قاتارلىقلار بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن تۈركىمەنىستان بۇ مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۆزبىكىستاندىن تاشكەنىت پاختىكارلار پۇتبول كۇلۇبى قاتناشقان.
ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتتىن قاتنىشىدىغان كۇلۇب سانى بولسا؛
روسىيە 31 كۇلۇب
ئوكرائىنا 14 كۇلۇب
گىرۇزىيە 5 كۇلۇب
ئەزەربەيجان 3 كۇلۇب
بىلروسىيە 2 كۇلۇب بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتتىن 1 دىن كۇلۇب قاتنىشىدۇ. |
|