ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2373 |
تۆھپىسى: سەر |
|
لازىئو 1:3 مىلان
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىتالىيە كۆك بۈركۈتى لازىئو كوماندىسى زەردار مىلان كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مىلان كوماندىسى ئاۋال بىر توپ ئۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ئارقا-ئارقىدىن 3 توپ كەتكۈزۈپ قۇيۇپ 74 يىلدىن بېرىقى 4 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 1 نۇمۇر ئېلىشتەك ناچار نەتىجىنى ياراتتى. مىكىس قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ئايرىلدى. لازىئودىن كىلوز توپ ئۇردى. نۆۋەتتە مىلان كوماندىسى بىرلەشمىدە 26 نۇمۇر بىلەن 10-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ.
ئېنتىر 1:0 تورىن
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:00 دە زەردار ئېنتىر كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا تورىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئېنتىرنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى قالتىس بۇلۇپ 7 مەيدان ئۇتتۇرۇپ باقمىغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركىشىشتى. 90 مىنۇت مۇسابىقە ئاياقلىشىپ تۇلۇقلاپ بىرىلگەن ۋاقىت 4-مىنۇتىدا ( 94-مىنۇت ) تورىن كوماندىسى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ توپ ئۇرۇپ ئېنتىر كۇلۇبىنى بۇغۇزلىدى.
يوۋىنتىس 0:2 چېۋۇ
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:00 دە زەردار يوۋىنتىس كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چېۋۇ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. پوگبا دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، لىچىستىنېر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقۇمدىدى. نۆۋەتتە يوۋىنتىس كۇلۇبى 49 نۇمۇر بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بىرلەشمىدە 1-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ.
فورولونسا 1:1 رىم
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 03:45 تە كۈچلۈك فورولونسا كۇلۇبى رىم كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ 1 دىن توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى. نۆۋەتتە رىم كۇلۇبى بىرلەشمىدە 42 نۇمۇر بىلەن 2-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ.
باشقا مۇسابىقىلەر:
ۋىرونا 0:1 ئاتلانتا
پارما 2:1 چېسىنا
سامپىدورىيا 1:1 پالىرمۇ
|
|