akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1027|ئىنكاس: 36

مادىرت 100 توپلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىروي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 12:20  

كوردىبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە بېل ئەڭ ئاخىرقى نوقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ،بىرلەشمىدىكى بىرىنجىلكنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ياۋرۇپادىكى بۇ پەسىللىك 100 توپ ئۆتكىلىنى بېسىپ ئۆتكەن بىردىن بىر كوماندا  بۇلۇپ قالدى،بۇنىڭ ئىچىدەbbc گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇرغىنى 65 توپ
3F4C905B8BBFFE61214819118ACCCC50.jpeg
مادىرت بۇ 100 توپلۇق ئۆتكەلنى ئوخشاش بولمىغان 6 تۈردىكى مۇسابىقىدە تاماملىغان،بىرلەشمىدە ئۇرغان توپ 64  بۇلۇپ،ئېنگىلاد،فىرانسىيە،ئىتالىيە،گىرمانىيە بىرلەشمىلىرىدىكى چېلسى،لىئن،يۇۋىنتىس،بەيرىن قاتارلىق زەردارغا سېلىشتۇرغاندا ياخشى ھىساپلىندۇ(ئۇرغان توپلىرى ئايرىم ئايرىم 51 توپ،47 توپ،44 توپ،41 توپ بولغان)
مادىرت ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 16 توپ ئۇرغان بۇلۇپ چېلسىنىڭ 17 توپىدىن پەقەت 1 توپلا پەرقلىندۇ.ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى،دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى،ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى چىمپىيۇنلۇق،ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيۇنلۇق بۇلۇپ ئايرىم ئايرىم 11 توپ،ئالتە توپ،ئىككى توپ ۋە بىر توپ ئۇرغان.
بۇ يۈز توپلۇق ئۆتكەل ئىچىدە مادىرتنىڭ bbc گۇرۇپپىسى شىددەتلىك بولغان ھۇجۇم كۈچى بىلەن65 توپ ئۇرغان،رونالدو 36 توپ ئۇرۇپ،ياۋرۇپا ۋە ئىسپاندىكى مەرگەنلىك ئورنىنى ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ،بېل بېنزىما ئايرىم ئايرىم15 توپ ۋە 14 توپ ئۇرۇپ بولغان،bbcگۇرۇپپىسىنى چىقىرۋەتكەن جامىس بۇ پەسللىك ئۇرغان توپىنى ئىككى خانلىق سانغا يەتكۈزگەن بۇلۇپ 10 ئۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەللىك ۋە نەتىجىنى تەڭ بارلقققا كەلتۈرۋاتقان سېرگو راموس5 توپ،ۋارانى،5 توپ،پې پې،ئاربىيلو،ناچو مارسىلو قاتارلىقلار بىردىن توپ ئۇرۇپ مۇداپىيەچىلەرنىڭ ئۈزىلا 11 توپ ئۇرۇپ بولغان.   رونالدو 36 توپ،بېنزىما 15،بېل 14،جامىس،10،راموس 5،ئسكو،پۇرچاق 4،ۋاران 2، پېپې،ئاربىيلو،ناچو،مارسىلو،مودرچ،كىروس،مېدرا،خېسى،ئايرىم-ئايرىم 1 توپ ئۇرغان،قالغان ئىككى ساتقىن توپ قۇشۇلۇپ 100 توپلۇق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەن

d1adfeaedd_1395195785.jpg
مەنبە:http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2015-01-26/54c593c075906.htm
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 13:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 13:22
مادىرىدقا نىسبەتەن قايتۇرما ھۇجۇم ياخشى... نېمىشقا دې ...


  مەن مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان دەۋاتىمەن، لېكىن بىرسىڭلارمۇ قۇلاق سالمىدىڭلار... رونالدونىڭ، بېلنىڭ، رودرىگىسنىڭ، ئىسكونىڭ، مارسېلونىڭ سۈرئىتىنى ھەممىمىز، بولۇپمۇ تىرېنېرلار بەك بەلەن بىلىدۇ. مۇھىمى، قارشى تەرەپ تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. رېئال مادرىد بىلەن مۇسابىقىلەشكەن %90 كوماندا مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن تەڭ ئارقىغا يېنىۋېلىپ، مۇداپىيەنى ئاساس قىلىدۇ، قايتۇرما ھۇجۇمنى ئۇلار ئاۋۋال تاللىۋالىدۇ. مادرىد توپ تىزگىنلەش نىسبىتىنى %60 - %70 كە يەتكۈزۈپ،  قارشى تەرەپنى ئوتتۇرا مەيدانغىچە بېسىۋېلىپ نومۇر ئالىدۇ. بۇ دەل كۈچلۈك كوماندىنىڭ بەلگىسى، تارىخىتا خاندانلىق ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ خىل ئۇسسۇل بىلەن خاندانلىق ئاتالغان. قاراپ باقايلى، يېقىنقى يىللاردىكى بارسېلونا ۋە 90 - يىللاردىكى مىلان... 2007 - يىلى ئۇزغۇنلۇقتا چېمپىيون بولغان مىلان نېمە ئۈچۈن ئۇزغۇنلۇقتا مانا مەن دېگەن كوماندىلارنى يەڭدىيۇ، بىرلەشمىدە ئادەتتىكى، ئاجىز كوماندىلارغا يېڭىلدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مىلاننىڭ ئاجىزغا ئاجىز، كۈچلۈككە كۈچلۈك ئويناش ئۇسۇلىمۇ ئۇزۇن يىل داۋام قىلىپ كەلدى، سەۋەبى نېمە؟ 2007 - يىللاردىكى مىلان دەل قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇستا ئىدى، يەنى كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئوينىغاندا مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ، كاكا بىلەن سېدورىفىتىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ مانچېستىر بىرلەشمىسى، لىۋېرپول، بايرېن ۋە كىلتىرىكنى يەڭدى. ئەمما، ئاجىز كوماندىلار مىلاننى بېسىۋالامدۇ؟ ئۇلارمۇ دەل مىلاننىڭ ئالدىغا چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن  مىلاننى بابلىدى. مىلان ھازىر قارشى تەرەپنى بېسىۋېلىپ، مۇنتىزىم ھۇجۇم قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ، ئامال يوق قايتۇرما ھۇجۇم ئويناۋاتىدۇ. بۇ يىلمۇ شۇ، كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن بولغان نەتىجىسى يامان ئەمەس، ئەمما ئاجىز كوماندىلار بىلەن ئوينىسا يەنىلا ناچار. ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ بېقىڭ...   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 14:47:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونانىڭ 82 بولۇپتۇ!
پەسىل ئاخىرلاشقىچە ئۆتۆپ كىتىشىگە ئىشىنمە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:31:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدنىڭ ساتقىن توپىمۇ بارمىكەن؟كىم كىملەر ئۇرغاندۇ ساتقىن توپنى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:33:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-26 12:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:33
مۇشۇ مادرىتنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغان مەن بەك قايىل چاقما ...

راست گەپنى قىلساق ھازىرقى قايتۇما ھۇجۇم مو چاۋاشنىڭ 3دىن بىرىگە توغرا كىلدۇ........ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدەك قايتۇرما ھۇجۇم يوقلا ھازىر....
ئاساسەن ئىككى يان بېكىنڭ ئوڭ سولدىن پاس تاشلىشى بىلەن نۇمۇر ئېلۋاتىدۇ..........قايتۇما ھۇجۇم ئاندا ساندا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:37:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغان ئىككى ساتقىن توپ قوشۇلۇپ ، مۇشۇنداق قوشسا بولامدا ؟
(رونالدونىڭ تاپىنىنى كۆتۈرۋالغان رەسىمىكەن ھە )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:38:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:31
مادرىدنىڭ ساتقىن توپىمۇ بارمىكەن؟كىم كىملەر ئۇرغاندۇ  ...

بەلكىم باشقا كوماندىلارنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇپ قويغان خائىن توپى كۆزدە تۇتۇلغاندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىروي يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:35
راست گەپنى قىلساق ھازىرقى قايتۇما ھۇجۇم مو چاۋاشنىڭ 3 ...

  سۇئال: قايتۇرما ھۇجۇم ياخشىمۇ قارشى تەرەپنى بېسىپ ئويناش ئۇسۇلىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:41:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:46:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىسكەن   ،   مېنىڭچە  بۇ   سىتاتىكىلارغا   قارىغاندا   مادىردنىڭ   كۇزىرى   ھەقىقەتەن   كۆپكەن  ،  رونالدونىڭ   يوقلىقى   چانمىغۇدەك……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 12:47:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:41
داۋۇت قارى بامۇ سىلە ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمىدىڭلىغۇ باش س ...

رەھمەت بولدى شۇنداق يارىشىپتۇ . مەن قالتىس ئالدىراش ، پەقەت ۋاقىت چىقىرالمايمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-26 12:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:38
سۇئال: قايتۇرما ھۇجۇم ياخشىمۇ قارشى تەرەپنى بېسىپ ئو ...

جاۋاپ:مورىنھو دەردىكى قايتۇما ھۇجۇم توپچىلاردىن يۇقۇرى بولغان بەدەن ساپا تەلەپ قىلاتتى...توپچىلارنىڭ يۈگۈرەپ ھاسىراپ كەتكەلىكى دائىملىق ئۇچراپ تۇراتتى نىمە ئۈچۈن :مۇداپىيگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش،قايتۇرما ھۇجۇم....
ھۇجۇم ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ ئارقىغا چىكىنىشى قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتىنىڭ كاتالىزاتورى......توپ كىرىش توپ يىيىش دائىملىق ئەھۋال ....ئەڭ مۇھىمى يۈرەكنى تىترەتكىدەك ساراڭ كەبى توۋلاپ كەتكۈدەك ئەڭ ياخشى ھۇجۇم يەنىلا قايتۇرما ھۇجۇم
قارشى تەرەپنى بېسىشقا كەلسەك بۇ ماھىيەت جەھەتتىن توپ كونتىرول قىلىشنى ئاساس قىلىپ مۇداپىيەچىلەردىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپكە بېسىم قىلىش تاكتىكىسى ........ئەمما قارشى تەرەپنىڭ كۈچلۈك بولغان قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا مۇداپىيەدىكى ئېغىر يۇچۇقنى كۆرسىتىپ قۇيدۇ.....بۇنىڭ تىپىك مىسالى كوردىبا ۋالۇنسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە
مىنى تاللاتقۇزسا قايتۇرما ھۇجۇمنى تاللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-26 12:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:38
سۇئال: قايتۇرما ھۇجۇم ياخشىمۇ قارشى تەرەپنى بېسىپ ئو ...

ئەمما قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىنى ياقتۇرۇشنى ئۈزى ئەنچىلوتىنى يامان كۈرۈشتىن دىرەك بەرمەيدۇ...دېربىدا ئالاھىدە بولغان ئوتتۇرا مەيدان كونتىروللىقى بىلەن بارسىلونانى يەر چىشلەتكەن،ئىككى قېتىملىق ئازغۇنلۇق ساھىبى بولغان ئەنچىلوتىغا قايىل بولماسلىققا ئاساسىم يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش