ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3803 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئارسىنال3 :بىرگىتون2
ئاخشام ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10 بىلەن ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى،، ئارسىنال قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىغا مىھمان بولۇپ باردى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 1 مىنۇت بولغاندا ئارسنالدا يىڭىدىن كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان ياش چەمبىرىس ئوڭ يولدىن بۆسۈپ كىرىپ ئوتتۇرغا توپ تاشلىدى، بۇ توپنى بىر يىلدىن بىرى يارلىنىپ يىقىندا ساقىيىپ مەيدانغا چۈشكەن ۋالكۇت ئەپچىللىك بىلەن توختۇتۇپ قاپقىغا تىپىپ كىرگۈزدى ، 34 مىنۇتقا كەلگەندە ئارسىنالنىڭ 7- نۇمۇرلۇق ماھىرى روسكى توپنى چاققانلىق بىلەن چەكلەنگەن رايوندىكى ئۆزىلگە پاس بەردى، ئۆزىل بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى ، كىينكى مەيدان باشلىنىپ قارشى تەرەپ ئەزالىرمۇ بوشاشماي تىرشىپ 49- مىنۇتتا بىر توپ قايتۇرۋالدى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 58-مىنۇتتا ئارسىنالنىڭ ھۇجۇمچىسى گىرۇد روسكىغا سول تەرەپتىن پاس تاشلىدى، روسكى بۇ توپنى يەرگە چۈشۈرمەيلا تىپىپ كىرگۈزۈپ قارشى تەرەپتىن ئىككى نۇمۇر ئىشۋالدى ،74-مىنۇتتا قارشى تەرەپ ئەزالىرى ئارسىنال مۇداپئىچىلىرنىڭ بىخۇتلىقىدىن پايدىلىنىپ يەنە بىر توپ ئۇردى 70- مىنۇتتا سانچىس بىلەن ئاكوپومو ،گىرۇد بىلەن ۋالكۇتنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چۈشتى كىيىنكى مىنۇتلاردا ئۆزىلنىڭ ئورنىغا كىكىلىن ئالمىشىپ چۈشتى ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرگە ياخشى ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ توپ كىرمەي ئارسىنال قارشى تەرپ مەيدانىدا بىرگىتوننى شاللاپ ئوڭۇشلۇق 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى ، مۇسابىقىدە 34 ياشلىق روسكىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى .
ئالدىنقى كۈنىدىكى مۇسابىقلەردە ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى سىۋانىس، جەنۇبى ئامپىتون، چىلىسى،مانچىستىر شەھرى، قاتارلىق كوماندىلارمۇ شاللىنىپ كەتتى. |
|