akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1685|ئىنكاس: 46

9-قىزىل كارتا، 74 يىللىق ناچار نەتىجە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 16:49  

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!

   
   9-قىزىل كارتا

        
001.jpg


1-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە ئاياقلاشقان، رېئال مادىرىت بىلەن كوردوۋا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىدا، كىرىستىيانو.رونالدو ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق قائېدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ، قىزىل كارتىغا ئېرىشىپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلدى، بۇ قىزىل كارتا ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى 9-قېتىملىق قىزىل كارتا بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدكى تۆت كارتا مانچېستىر بىرلەشمىسىدە، بەش كارتا رېئال مادىرىتتا بېرىلگەن.

1-كارتا  :  2004-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن ئاستون ۋېلا كۇماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىنىڭ 37-مىنۇتىدا، سۇغا سەكرەش ھەركىتى بىلەن سېرىق كارتىغا ئېرىشكەن، 85-مىنۇتىدا، يان رېپىر رونالدونى ئوفسايىت دەپ ھۆكۈم قىلغان، بۇنىڭغا رازى بولمىغان رونالدو توپنى يىراققا تېپىپ چىقىرۋېتىپ يەنە بىر سېرىق كارتىغا ئېرىشىپ، قىزىل كارتىغا ئۆزگەرگەن.

2-كارتا : 06-2005-مۇسابىقە پەسلى، ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى مانچېستىر دېربىسىنىڭ 66-مىنۇتىدا( مانچېستېر بىرلەشمىسى 3:1 ئۇتتۇرۋەتكەن)، رونالدو قارشى تەرەپ ماھىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچۇرغان، رېپىر ھېچقانداق ھۆكۇم چىقارمىغان ئەھۋالدا، ئىنتايىن ئاچچىقلانغان رونالدۇ قارشى تەرەپتىن ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك ھەركەت ئىشلەپ قىزىل كارتىغا ئېرىشكەن.

3-كارتا :  08-2007-مۇسابىقە پەسلى، مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن پورتېسمۇست كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە، نەتىجە 1:1 بولغان ئەھۋالدا، مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا، رونالدو چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىگە ئېغىر بولغان قائېدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ، قىزل كارتىغا ئېرىشكەن.

4-كارتا : 09-2008-مۇسابىقە پەسلىدىكى مانچېستىر دېربىسىنىڭ 59-69-مىنۇتلىرىدا ئىككى سېرىق كارتىغا ئېرىشىپ، قىزل كارتىغا ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلگەن.

5-كارتا : 10-2009-مۇسابىقە پەسلى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 19-ئايلانمىسى، رېئال مادىرىت بىلەن ئارمىلىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە، رونالدو توپ كىرگۈزۈپ بولۇپ، كىيىمىنى سېلىۋېتىپ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلەپ سېرىق كارتا يېگەن، 89-مىنۇتتا قائېدىگە خىلاپ ھەركىتى ئىشلەپ يەنە بىر سېرىق كارتىغا ئېرىشىپ، قىزىل كارتىغا ئۆزگەرگەن.

6-كارتا : 10-2009-مۇسابىقە پەسلى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 19-ئايلانمىسى، مالاگا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، قارشى تەرەپ ماھىرىغا ناھايىتى ئېغىر بولغان ھەركەت ئىشلەپ ئۇ ماھىرنىڭ قاڭشىرىنى ئېزىۋەتكەن ھەمدە قىزىل كارتىغا ئېرىشىپ بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن.

7-كارتا : 13-2012-مۇسابىقە پەسلى، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ مادىرىت رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىدا رونالدو رېپىرغا نارازى بولۇپ بىر سېرىق كارتىغا ئېرىشكەن، ۋاقىت قوشۇپ بېرىپ 114 مىنۇتتا يەنە قارشى تەرەپ ماھىرىغا ئېغىر بولغان قائېدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ ، بىۋاستە قىزىل كارتىغا ئېرىشكەن.

8-كارتا : 13-2014-مۇسابىقە پەسلى، بېلباۋ رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، رونالدو چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قاتتىق مۇداپىئەگە ئۇچراپ، قارشى تەرەپ ماھىرى بىلەن تىللاشقاندىن كېيىن، ئاندىن يۈزىگە ئۇرغان رېپىر قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چۈشۈرۋەتكەن.

9-كارتا : 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كوردوۋا بىلەن بۇلغان مۇسابىقىدە بېرىلگەن.


   
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !!

     
002.png
     

   1-ئاينىڭ 25-كۈنى، بارسېلونا بىلەن ئېلچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە، بارسېلونا ئوتتۇرا مەيدان يادروسى - خاۋېي ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى، بۇ مۇسابىقە ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مەيدان مۇسابىقە ئىدى، چۈنكى  بۈگۈن ئۇنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنى، دەل 35 ياشقا كىرگەن كۈنى ئىدى، ئۇ 1980-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان.
  قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن خاۋېي !!!!


           
74 يىللىق  ناچار نەتىجە

               
003.jpg


  1-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئاس مىلەن كۇماندىسى بىلەن لازىئو كۇماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقىدە مىلەن بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا كەينى-كەينىدىن ئۈچ توپ كەتكۈزۈپ، ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتتى، نەتىجىدە مىلەن بىرلەشمىنىڭ 10-ئورنىغا چۈشۈپ قالدى، كېلەر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقلا ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ئويناش پۇرسىتىدىنمۇ يىراقلاپ كەتتى، 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە مىلەن بىر تەڭلىشىپ، ئۈچ ئۇتتۇرۇپ ،ئۇتۇپ باقمىدى، بۇ نەتىجە بىلەن مىلەن كۇماندىسى 1941-يىلدىن بۇيانقى 74 يىللىق ئەڭ ناچار نەتىجە ياراتتى، يەنى بېرلىسكونى تەخىتكە چىققاندىن بۇيانقى ئەڭ پاسسىپ ھالەت شەكىللەندى، بۇ ھالەت بەلكىم تېرىنىر ئېنزاگىنىڭمۇ ئورنىغا تەۋرىنىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 19:50:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 11:07:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 00:08
ۋاي ھىلىقىدا چىقىدىغان ھىلىقىچۇ،
قولىدا سان-سىرون ...

ئېغىر بول ئىينىم ، ئەمدى چىقىپسەن ، بىر نەرسە دەۋالمىغانغا ھېچنىمە بولۇپ قالمايمىز ، گەپدانلىقتىن قالغانغا ھېچكىم ھېچنىمە دەپ قالمايدۇ ، مۇنبەرگە كۆپ قىسىملىرىمىز خۇشاللىق ئىزدەپ كىرىمىز ، ئارتۇق گەپ قىلىپ تالشىپ ئازارلاشساڭ ، ساڭىمۇ ئازارى يېتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 00:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 23:23:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاۋى  گەرچە  ھازىر  سىنىڭ  ئىپادەڭدە  چىكىنىش  يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، بىز سەندىن مەڭگۈ رازى !
چۈنكى سەن ئەينى  يىللىرى ئىنىستا،بۇسكىسلار بىلەن بىرلىشىپ ياۋرۇپانى سورىغان قورقۇنۇشلۇق «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» نى ھاسىل قىلغان سەن!
شۇنداقلا 6 شاھ لىقلارغىمۇ بىزلەرنى مۇيەسسەر بولۇشقا كۈچ قاتقان سەن!

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !
كاپىتان!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 19:53:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 19:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ مۇنداق رىكورىتلىرىمۇ باكەندە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 16:58:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 16:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 17:05  

ئىلىچى 36 يىللىق رىكورىت ياراتقىنىدىن پەقەت ۋە پەقەت خاپا بولمىسام بولغىدەك ، بىر زەردار 74 يىللىق رىكورىت يارتىپتۇ ئەمەسمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 17:06:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلاندا تېرنىر ئورناشمىدى. كىلەر قېتىم كىلدىغىنى كىلىشكە يەنىلا جۈرئەت قىلدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 17:07:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدۇنىڭ ئاساسەن ئاخىرقى 80-مىنۇتلارنى قىنى قىزىيدىكەن ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 17:10:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز ھاجىنىڭ ئورنى تەۋرەپ قالامدۇ قانداق ؟؟؟!
مىلاننىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ساقلىماقتىمىز ... ئاتا-بالا رەزگىلەر مىلاننى نەس باستۇرىۋەتتىغۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 17:14:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wurra يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 17:07
رونالدۇنىڭ ئاساسەن ئاخىرقى 80-مىنۇتلارنى قىنى قىزىيدىك ...

مىنىڭدەكلا ئويلاپسىز !  بۇ سولتەكنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قىنى قىزىپ قالىغان ئىشى باركەن دىسە ............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 17:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرە يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 17:14
مىنىڭدەكلا ئويلاپسىز !  بۇ سولتەكنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلار ...

ئويلىغىنىڭلا خاتا ، قىنى باشتىلا قىززىيدۇ 80 مىنۇتتىن كىيىن قايناپ تېشىپ كىتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 17:22:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداقلا بولسۇن ئاخشام قىلغىنى پەقەت ياخشى بولمىدى،،،،ئەگەر ئۇتتۇرغان بولسا  ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىغا ھازىرقىدىنمۇ بەك چىققاتتى ...تەلىيگە يارىشى ئۇتتى......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 18:03:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9 قىزىل كارتا ، مەن تېخى جىق بولسا 3-4 تال ئوخشايدۇ دەپتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 18:19:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسىنىڭ نەچچە قىزىل كارتىكەن ،بۇ جەھەتتە كىم رىكورت يارتىدىغاندەك ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 18:38:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wurra يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 18:19
مىسسىنىڭ نەچچە قىزىل كارتىكەن ،بۇ جەھەتتە كىم رىكورت ي ...

مېسسىنىڭ   بىلىشىمچە  ،  پۇتۇن   كەسپى   ھاياتىدىكى   قىلزىل   كارتىسى   1دىن   كۆپ   ئەمەس……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش