elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2372|ئىنكاس: 111

چولپان بولساڭمۇ ‏ئوبرازىڭنى ساقلا !

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 15:40  

ھەركىتىڭنى توختات-رونالدو!

U7880P6T12D7495938F45DT20150125014447.jpg

    بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 23:00 تە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 20-ئايلانما مۇسابىقىسى بىر بۈلىكىدە ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كۇلۇبى مىھمان مەيداندا كوردوۋا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كوردوۋا كوماندىسى نوقتا توپ پۇرسىتىگە ئىرىشىپ بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئەۋزەل ئۇرۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسابىقە قاتمال ھالەتكە قەدەم قويدى. كوردوۋا كوماندا ئەزالىرى ئاكتىپلىق بىلەن مۇداپىئەنى ئاساس قايتارما ھۇجۇمنى قۇشۇمچە قىلغان ئاساستا تاكتىكا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمىنى بىچىت قىلىش بىلەن بىرگە خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

    مۇسابىقىنىڭ 27-مىنۇتىدا بېنزىما توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن بولسىمۇ خانلىق مادرىد كۇلۇبى نەتىجىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى. كوماندا يادروسى كىرىستىيانو رونالدو باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاش قارشى تەرەپنىڭ قاتتىق مۇداپىئە قىلىشىغا ئۇچرىدى.


eb390a2ejw1eolm26xc0zj20g40apwfh.jpg

U7880P6T12D7495938F44DT20150125014447.jpg

U7880P6DT20150125013937.jpg


   مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو ئاخىرى ئاچچىقىنى باسالماي پارتلاپ چىقتى. تونى كىروس يان يولدىن ئىختىيارى توپنى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە تاشلىغان ۋاقىتتا تىركىشىپ توپ تالىشىۋاتقان رونالدو قارشى تەرەپ ئوتتۇرا بېك ئەزاسى ئېدمارنىڭ كەينىدىن تىپىۋەتتى. ئارقىدىن يەنە بىرئوتتۇرا بېك كىرىسىبونىڭ يۈزىگە ئۇرىۋەتتى. ئېدمارمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يۈزىنى قاماللىغىنىچە چىملىققا ئۈزىنى تاشلىدى. رىپىر قىلچە ئىككىلەنمەستىن رونالدوغا قىزىل كارتا بىرىپ مەيداندىن چۈشۈرىۋەتتى. ئاچچىقىنى تېخىچە باسالمايۋاتقان رونالدو مەيداندىن ئايرىلىش جەريانىدا ‹‹ بىز دىگەن چىمپىئون كوماندا، سەنلەر دىگەن توپ تەپمەي ئادەم تىپىدىغانلار، مەن ساڭا قانداق تىپىشنى ئۈگۈتۈپ قويدۇم ›› دىگەن مەنىدە ئۆز كىيىمىدىكى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چىمپىيونى بەلگىسىنى سۈرتۈپ ( چاڭ-تۇزان قۇنۇۋالمىسۇن دىگەندەك ) مەيداندىن ئايرىلدى.

فىلەش:




    ھەممىمىزگە مەلۇم ھەر بىر كوماندا ئۆز غەلبىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كوماندىلارغا ئوخشىمىغان ئۇسۇلدىكى جەڭ تاكتىكىسىنى تۈزىدۇ. خانلىق مادرىدتەك دۇنياۋى چولپانلار توپلاشقان كوماندىغا نىسپەتەن ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ قاتتىق مۇداپىئە قىلىش، پۇرسەت تېپىلسا نۇمۇر ئېلىپ تېخىمۇ قاتمال ۋەزىيەت يارىتىش، توپ ئۇرالمىسىمۇ توپ ئۇرغۇزماي تەڭلىشىش ئاجىز، ئوتتۇرا ھال كوماندىلارنىڭ كۈچلۈك كوماندىلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن ئىبارەت. ھەر بىر توپچى مەشقاۋۇلنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە مەيداندا ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ناۋادا ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلالمىسا كۈچلۈك رىقابەتتە شاللىنىشى ئىنىق.

   مۇسابىقە ئىنتايىن قاتمال ھالەتتە ئېلىپ بېرىلدى. كۈچلۈك سۈركىلىش، قارشىلىشىش، قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئۈزۈلمىدى. بىراق رونالدودەك دۇنيا ئالتۇن توپ ساھىبى مۇسابىقىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، ئۆز ئوبرازىغا قانداق دىققەت قىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىشى كىرەك! گەرچە رونالدو مۇسابىقىدىن كىيىن جەمىئەت تورى تىۋىتېر تورىدا ئۇچۇق كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىگە ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن. رونالدو كىيىنكى مەيدان خانلىق جەمىئەت كوماندىسى بىلەن بولغان قانلىق قىساس كۈرىشىگە قاتنىشالمايدۇ. شۇنداقلا رەقىبى مىسسىغا بىرلەشمىدە توپ ئۇرۇپ ئۈزىگە يىتىشىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.




مىكىس، بەكلا ئاشۇرىۋەتتىڭ!

U8691P6T12D7496144F44DT20150125072811.jpg

   بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 03:45 تە ئىتالىيە بىرلەشمىسى 20-ئايلانمىسى مۇسابىقىسى بىر بۈلىكىدە كۆك بۈركۈت لازىئو كوماندىسى زەردار مىلان كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مىلان كوماندىسى 74 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم 4 مەيداندا 1 نۇمۇر ئېلىشتەك قاتمال نەتىجىنى ياراتتى. مۇسابىقە قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت 1-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا مىلان توپچىسى مىكىس قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى ماۋرى بىلەن سۈركىلىش كىلىپ چىقتى. مونتارى غەزەپلەنگەن مىكىسنى تۇتىۋېلىپ ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. رىپىر دەل ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ توپنى قايتا باشلاشقا بۇيرىدى. مىلان توپنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي غەزىپىنى تېخىچە باسالمايۋاتقان مىكىس يەنە بىر قېتىم ماۋرى بىلەن سۈركىلىشتى. رىپىر قىزىل كارتا بىلەن مىكىسنى مەيداندىن چۈشۈپ كىتىشكە بۇيرىدى. بىراق مىكىس يەنە بىر قېتىم ماۋرىنىڭ گېلىنى بۇغۇپ مەيداندا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى.

فىلەش: http://sports.sina.com.cn/g/seriea/2015-01-25/06597496144.shtml

   مىسكىسنىڭ ھەركىتىمۇ ئوخشاشلا پۇتبول ئەخلاقىغا يات قىلمىش ھىساپلىنىدۇ. مىكىسمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى، ئوبرازىغا دىققەت قىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىشى كىرەك.

   پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رونالدو ۋە مىكىسقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىشى كىرەك! ھەم شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 20:01:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 19:08:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 19:02
خۇشخۇي قارى سىلە مادرىت مەستانىسى تۇرۇپ رونالدونى تا ...

ئۇ ئايالى ئەمەس ، قىز دوستى   دوس دىگەننى ۋاپاسىزلىق قىلسا كىتە كەت دىسىمۇ بۇلىۋىردۇ ، لىكىن مەيداندىكى ئىشىنى دەپ دەردىنى ئالالماي دىسەڭلا مەن تىخى باساچى باللا قىز دوستى ئايرىلىپ كەتسە ئۇرۇپ ياكى ئكلتۇرۇپ دەردىنى چىقىردىغان چىغۋا دەپ قالدىكەنمەن ئۇزۇمچە دەردىنى ئالغاندۇ ئەمدى ئەر كىشى بولغاندىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 20:08:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق ئىلىنا بىلەنلا قالىسلەر باللا؟ يا ئىلىنا رونالدودىن بەكرەك ئازار يەپ كەتكەن بولسا كۆڭۈل بۆلىۋاتامسىلە
ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ئالدىنقى ھەپتە ئىككى توپ ئۇرغان ۋاقىتتا ھېچقايسىڭلار مەبىتىدىن ئايرىلىپ كەتكىنى پايدا قىپتۇ دېگەن گەپنى قىلمايۋاتىتىڭلا. ئەمدى چۇۋۇلۇپ كېتىپسىلەرغۇ؟

تېخى چوڭ سۈپەت ئولتۇرۋاتىمىز دېيىشىپ كەتكىنىنى. چوڭ سۈپەتلىكنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ.

بىر ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن خەخنى ھاقارەتلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايال زاتلىرىنى تارتىپ چىقىرىشتەك نۇمۇسسۇزلىق بولمىسا كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-26 11:11:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  مۇنبەردە بىر نەچچە   ماڭقۇرت نىمىلەر بار ،مۇنبەرنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسى جىدەل تىرىش ،باشقىلارنىڭ شەخسىيتىگە تىگىپ كۆڭلىنى خوش ئىتىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۋالغىلى تۇرغان ،يۇتقانغا كىرىپ پىتتىن ئۆگزىگە چىقىپ ئىتتىن قوقمايمە دىگەن كويغا كىرىۋالغان ،مۇشداق نىمىلەرنىڭ دەستىدىن مۇنبەرگە كىرىپ رىما ئىنكاس ئەمەس ،زىيارەت قىلغۇسى كەلمەيدىغان بوپ كەتتى ، نەگىلا قارسا ئاشۇنداق نىمىلەرنىڭ پاخ پاخ جىدىلى ، ئادەمنىڭ زىيارەت قىلغۇسىمۇ كەلمەيدىغان دەرىجىگە يىتىپ قالدى مۇنبەر ، ئۇنداق نىمىلەرنىڭ مىنىڭ بىلدىغىنىم پەقەت مۇشۇ ئوتتۇرا قولام دەكلا كۆپ ئەمەس ،مۇشۇ تىمىنى ئوقۇپ شۇنداق پەسكە سىرىپ ساپتىكەنمە يەنە شۇ گورۇزا گۇينىڭ جىدىلى ،لىكىن باغانسىرى بىر  سىسىق ئامۇت پۈتۈن سىۋەتتىكىنى سىسىتقاندەك ئەھۋال بولۇۋاتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 20:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 23:06:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تىرىشىڭلار مۇنبەرنى بىر توپ جىدەلخورلار قاپلاپ كەتكىچە تىرشىڭلار غەيرەت قىلىڭلار
نىجات ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكەپ قويدى مۇنبەرنى سىلە ئۈچۈنلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 14:27:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنى  ئەر  قىلغانمۇ  خوتۇن،  ئەرنى  يەر  قىلغانمۇ  خۇتۇن
ھىروكلۇس  دىگەن  كىنۇغا  چىقارمايدىغان  ئېشتى  ئۇكام   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 19:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 19:16
دەردىمنى ئالدىم دەپ باشقا ئادەمدىن ئالسا بولماس، رون ...

ئۇ ئوغلىنىڭ ئانىسى كىم ھازىرغىچە يىشىلمىگەن سىر تىخى ، توكتىن چىققان بالا ئۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 20:04:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 19:02
خۇشخۇي قارى سىلە مادرىت مەستانىسى تۇرۇپ رونالدونى تا ...

ئىلىناغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەنسىلە ھە، كىم بىلەن ئارلاشتى، كىم بىلەن ئارلىشىۋاتىدۇ دېگەندەك. سەل گۇمانلىنىپ قېلىۋاتىمەن جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:17:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇ قاتتىققۇ...مېكىس ۋە مىلاننىڭ مۇسابىقىسىنىمۇ بىلەمسىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-25 13:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 13:17
ماۋزۇ قاتتىققۇ...مېكىس ۋە مىلاننىڭ مۇسابىقىسىنىمۇ بىلە ...


   ئابلەتكا، مىلاننىڭ خەۋىرىنى يازاي دەپ ئويلىغان. بىرەرسى يېزىپ قالار دەپ ئويلاپتىمەن. بۇ ئىككى تىمىغا خېلى ۋاقىت كەتتى. باشقىلار يازمىسا فىرانسىيە بىرلەشمىسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىمەن يازىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:22:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي رونالدو ھەي رونالدو توپ ئۇراممىساڭمۇ ئاچچىقىڭنى يەڭسەڭ ھاياجىنىڭنى بېسىۋالساڭ مەيلەتىغۇ . بوپتۇ ساۋاق ئىلىپ كىيىنكى مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلاسەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:24:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ تۈنۈگۈن س.«پالۋان»  بەكلا  ئاشۇرۋەتتى!
ئۇنىڭ ئورنىغا مىسسى شۇنداق قىلغان بولسا(ئۇنداققۇ قىلمايدۇ)، چوقۇم جازالىنىشى كىرەك!
مەيلى كىم بولسۇن . ئالتۇن توپ ساھىبى بولسىمۇ، پۇتبۇل ئەخلاقىنى ئۈگىنىشى   كىرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:28:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 13:39  

مىلەن ئۇتتۇرۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:29:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-25 13:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 13:29
بۇغدا ئەپەندىم تىما ماۋزۇسىنى مەن خاتا كۆرۈۋالدىممۇ ي ...

   مەن خاسلىقتىن چەتنىگەندەك ھادىسىنى بايقىمىدىمغۇ؟! پۇتبول خەۋىرى، يەنە كىلىپ پۇتبولدىكى تىرورلۇق خەۋىرى بۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ مەيدانى شەخسى ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان يەر ئەمەس،شۇڭا جازالىنىشى كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:34:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 13:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 13:31
مەن خاسلىقتىن چەتنىگەندەك ھادىسىنى بايقىمىدىمغۇ؟!  ...

مىنىڭچە سەل ئاشۇرۋىتىپسىز بۇ سۆزلەر ھازىر ئۈچ ۋاق تامىقىمىزدەك داۋاملىق ئاڭلاپ تۇردىغان سۆزلەر بولۇپ قالدى  پۇتبول مۇنبىردىمۇ كۆرۈپ سەل ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بوپ قالدىم بۇ ئىشلار پەقەت پۇتبول مەيدانىدىكى بىر چىكىدىن ئاشقان جىدەل خالاس.............................ئوشۇقچە گەپ قىلغان بولسام ئۆزۈر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 18:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش