akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1143|ئىنكاس: 47

ئالتۇن توپ مېسسى بىلەن رونالدو ئىككىسىنىڭلا رىقابىتىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KUZEY` تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 13:51  

   
  
تۇنۇگۇن فىرانسىيەلىك داڭلىق چولپان رىبىري ئۆزىنىڭ ئالتۇن توپ توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كاتتا مۇكاپاتنىڭ باھالاش ئەھۋاللىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، دېدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رىبىريىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر مېسسى بىلەن رونالدو ئىلگىرىكىدەك پۇتبول دۇنياسىدا ھەركەتچانلا بولسا، ئۇنداقتا باشقا پۇتبولچىلارنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇنداقلا ھازىر ئالتۇن توپ مۇكاپاتى پۈتۈنلەي سىياسىيلىشىپ كېتىپتۇ.                                                                                            يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇتبۇل دۇنياسىدا، مېسسى بىلەن رونالدو ئۇدا يەتتە قېتىم بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەگەر مۇشۇنداقلا تەرەققىي قىلىپ ماڭسا، بۇندىن كىيىن ھېچقانداق نەرسە بۇ ئىككىسنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى مونوپوللۇقىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. مەيلى باشقا پۇتبولچىلار قانچىلىك نەتىجە يارىتشى، قانچىلىك لوڭقا كۆتۈرشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى ناھايىتى تەسكە توختايدىكەن. شۇڭا رىبىريىنىڭ قارىشىچە پۇتبولچىلار ئەمدى بۇ مۇكاپاتنى بايقۇت قىلىش كېرەك ئىكەن.                                                         رىبىري يەنە: مېسسى بىلەن رونالدو پۇتبول مەيدانىدا ياخشى ئىپادىسى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، ئۇنداقتا ئىسمى ئاتالغان ئۈچىنچى پۇتبولچى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يوق. ئالتۇن توپنىڭ ھېكايىسىدە ئويۇن بار، ئەجەبا باشقا پۇتبولچىلار قانداق نەتىجە ياراتسا ئاندىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى مەن قەتئىي بىلەلمىدىم، ئۇ ئىككىسىنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشقا، ھەتتا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىمۇ دال بولالمىدى. ئېنىقكى نويىر بۇ ئىككى ئۈچ يىل جەريانىدىكى ئەڭ قالتىس ۋاراتار، ئۇ بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنى نۇرغۇن غەلبىلەرگە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى گېرمانىيە كوماندىسنىڭ ئاساسلىق ۋاراتارى، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر. شۇنداق شان-شەرەپلىرى تۇرۇپ، ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئىلىش سالاھىتىگە ئىرىشەلمىدى. مەن راسلا بۇ مۇكاپاتنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدىم. ئەگەر نويىرنىڭ ئورنىغا باشقا بىر بەيرىن مىيۇنخېن پۇتبولچىسى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولسا، ئۇ ھالدا بىز ئەستايىدىل ھالدا كىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ھەقىقىي لايىق ئىكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلغان بولاتتۇق. ئەمما ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەننىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ بۇ بىر نەچچە پارچە سۈرئەتكە ئارتۇق چۈشكەنلىك خالاس. مەن ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا، ئالتۇن توپ مۇكاپاتى تولۇق سىياسىي تۈس ئىلىپ بولدى، دېدى. فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدىغان رىبىري 2013-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزاتى ئىچىگە كىرگەن ئىدى، گەرچە رىبىري بەيرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ئۈچ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىدىكى تۆھپىكار، كوماندا يادروسى بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا بىلەت سانى يەنىلا مېسسى بىلەن رونالدوغا يەتمىدى. بۇ يىلقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى باھالىشىدا، بەيرىن مىيۇنخېن توپچىسى نويىر ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولسىمۇ، نەتىجە يەنىلا ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، نويىر ئۈچىنكى بولۇپ قالدى.                                                                                                                                                                                                                                                                                    رىبىرىنىڭ بۇ دىگەنلىرى ئەملىيەتتە راستەك تۇيۇلغان بىلەن مەنچە بۇلغاندا قىلچىلىك ئىلمىي ئاساسىي يۇق شەخسى ھىسياتى بىلەن دىيىلگەن گەپلەردەك قىلىدۇ.ئاخىردا شۇنى تەكىتلەپ ئۇتۇش كىرەككى رۇنالدۇ مىسسىلار باشقىلار قىلالمىغان، نۇرغۇنلىغان يىڭى رىكۆردلارنى ياراتتى.ھەمدە بۇ ئىككى پوتبۇل دۇنياسىدىكى داڭدارلار  ئۇزى ئىرشىپ كىلۋاتقان شان شەرەپنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمىدى.        ئۇلار زەپەر قۇچقانسىرى تىخىمۇ تىرشىشنى ئۇگۇنۋالدى.ئىرىشكەن شەرەپلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ خۇدىنى يۇقىتىپ قۇيمىدى. پوتبۇل دۇنياسىدا بۇ ئىككىسىدەك بىر بىرىگە بىسىم ئىلىپ كىلەلەيدىغان چۇلپانلارنىڭ بۇندىن كىيىن چىقىشى مىنىڭچە مۇمكىن بۇلمايدۇ.باشقىلارنىڭ  بۇ مۇكاپاتقا ئىرشىشى ئەمىليەتتە بەكلا تەسكە تۇختىشى مۇمكىن.بۇ گىپىم  قانداقتۇر يىقىن كەلگۇسىدە رۇنالدۇ مىسسىلاردىن ئالتۇن تۇپنى تالاشقۇدەك چۇلپان چىقمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس .لىكىن ھەر قانداق  بىر كەسپىي پۇتبۇلچى ئالتۇن توپ  ئالىمەن دەيدىكەن . چۇقۇم ئالدىدىكى ئىككى تاغدىن ھالقىپ ئۇتۇشى كىرەك. لىكىن شۇنى ئۇمۇد قىلىمەنكى يىقىن كەلگۇسىدە يەنە مۇشۇ ئىككىسىگە ئۇخشاش بىربىرسىنى قۇغلاپ ھارمايدىغان جەسۇر تۇپچىلارنىڭ چىقىشىغا تىلەكداشمەن. شۇنداق بۇلغاندىلا پوتبۇل دۇنياسىنىنىنىنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقىدىنمۇ  ياخشى بۇلغۇسى.                                                     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-25 15:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنلاردا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار ئىلغارلىق سايلاشتا سىز ئۆتكەن مەۋسۈم ئىلغاربولدىڭىز،شۇڭا بۇنۆۋەت توختاپ تۇرۇڭ،سىز تىخى  يېڭى كەلدىڭىز،ياش،چوڭلار بولسۇن، بۇ بولسۇن،كېلەر يىل ماۋۇ بولسۇن دەپ نۆۋەتلىشىپ بولىدىغان. ھازىر ئۇنداق ئەمەس كىمنىڭ بىڭسى بولسا شۇ ئالىدۇ،كىمنىڭ نەتىجىسى،تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولساشۇ ئالىدۇ،شۇنىڭغا قارىغاندا ھازىرقى باھالاش ناھايىتى ئادىلكەن دەپ ئويلاپ قالدىم،ئۆزۈمچە.
مۇكاپات دىگەن ئەڭ نوچىسىغابېرىدىغان نەرسە،خەقنىڭ كۆڭلىنى دەپ،بۇ قېتىم ئۇ ئېلىپ تۇرسۇنمۇيا،دەيدىغان كۆڭۈل سوۋغىسى ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 18:24:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا ، نويىر ئۇچ نامزاتنىڭ ئىچىگە كىرىشكە مۇۋاپىق ئەمەس ، نويىرنىڭ ئورۇنىغا روبىن موۋاپىق دەپ قارايتىم .
ئەگەر نويىرنى كىرگۈزىمىز دېسەك ، موللىرنى ، تونى كىروسنى ، كىلوسلارنىمۇ قۇشۇشقا توغرا كىلىدۇ ، بۇلارنىڭ قايسىنىڭ ئىپادىسى نويىرنىڭكىدىن تۆۋەن بولدى ؟
بۇ يەردىكى مەسىلە ئوپچا نەتىجە ئەمەس ، يەككە تۈردىكى كىشلەرنىڭ كۆزىگە چىلققۇدەك چاقناش . ئېنىق قىلىپ ئېتىساق ،باشقىلارنىڭ يادىدا قالغۇدەك توپ تېپىش ، بۇنى پەقەت رونالدو ، مىسسى ، روبىنلار قىلالىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 15:36:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 17:48:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 17:51  
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 14:53
ئۈچىنچى بىر پۇتبولچى بۇ ئىككىسىگە ئوخشاش بىر يىلدا 50  ...


  دېمەك، ۋاراتار، بېك، ئوتتۇرا مەيدان تەنھەرىكەتچىلىرى بولمايدىكەندە، ئۇلار نەدىمۇ 50 توپ كىرگۈزەلىسۇن...
بۇنى ئالتۇنتوپ دېمەي، ھۇجۇم توپ، كىرگۈتوپ... دېسەك بولغۇدەك...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 14:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۈچىنچى بىر پۇتبولچى بۇ ئىككىسىگە ئوخشاش بىر يىلدا 50 تىن ئارتۇق توپ كىرگۈزۈپ، كۇماندىدا ئاساسلىق يۈكنى كۆتۈرەلەيدىغان بولغاندا رېبېرىنىڭ پىكىرىنى ئويلاشساق  بولىدۇ.  ئەجىبا بۇ ئىككىسىنىڭ قورقۇنۇشلۇق توپ كىرگۈزۈش ھالىتى سىياسى بىلەن مۇناسۋەتلىكمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 14:40:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار نىمە دىسە دەۋەرسۇ 4-لۇڭقا ئ‍ۈچۈن ئ‍الغا كىرىستىيانو رونالدو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 14:40:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق مۇنبەردىكىلەنىڭ ھىكمىتى بۇيۇچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 14:45:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ باشقىلار ھەرقانچە ئىرىشكەن نەتىجىلەر،مۇشۇ ئىككىسىنىڭكىگە يەتمەيۋاتسا…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 14:53:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال يۇق سەۋىيەسى شۇنچىلىك بولغاچقا ئۇ ئىككىسى بىلەن بەسلىشىپ بولالمايدۇ ئەلۋەتتە...............!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 15:01:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوساقتا قانچىلىك ئۇماچ بوسا شۇ يامان رىبىرى قارىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 15:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتۇق يۈز خەنجەر ئالدىنقى يىلىمۇ تولاگەپ قىلىپ، ئالتۇن توپتىن قۇرۇق قالغاندا پەس كويا چۈشۈپ قالغان.
دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنپ نەزەردىن چۈشۈپ كەتتى بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 15:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن توپنى پەقەت بىرلا قېتىم ئالدىغان قىلسا ئاندىن بۇلاتتى.......
دىمىسىمۇ 7 يىللىق ئالتۇن توپ مونپوللىقى پەقەتلا قاملاشمىدى
پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مسسىغا بەرگەندىن كىيىن رونالدوغا بەرمىسە ئىشىنىڭ تەسلىكىنى پەملىدى.....
مېسسىنىڭ ئۇدا 4 قېتملىق ئالتۇن توپ ئېلىشىلا ئىشنى بۇزۇپ بولغان...چىكتچاق داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ ئاخىرنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 15:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار نېمە دىسە دەۋەرسۇن                     6-   5-   لوڭقا   ئ‍ۈچۈن   ئ‍الغا    لېئونىل  مېسسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 15:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يىلى بايرىن مىيۇنخىن توپچىلىرنى  ئىككى سولتەككە يەڭگە قىلىپ قويغىنى قاملاشمىدى. ھېلىمۇ بەك ئېغىر بېسىق ئىكەن بايرىن توپچىلىرى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 15:22:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەت قىلىۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:15

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش