akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1315|ئىنكاس: 43

مادرىتنىڭ ئىككىنچى سودىسى پۈتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 00:08  

d431f48b50938bc2881c5b5c0b47a1da.jpg

ئىسپانىيە مادرىد كۇلۇبى رەسمىي ھالدا ، بىرازىلىيە كىرو زىرو كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى لوكاس بىلەن بىرلىككە كىلىپ بولغانلىقىنى ، مادرىد ئورگان تورىدا ئېلان قىلدى . مادرىد لوكاس ئۇچۇن 2020 - يىلغىچە توختام تەييارلىدى .
لوكاس سىلۋا بولسا 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 16- كۈنى توغۇلغان ، بۇ يىل 21 ياش ، بىرازىلىيەنىڭ كەلگۈسى چولپانلىرىنىڭ بىر دەپ قارىلىۋاتقان ئىستىقبالى پارلاق ياشلارنىڭ بىرىسى ، لوكاس سىلۋا تېخى يېقىندىلا ، بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دېگەن شەرىپىگە ئېرىشتى . ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئارقا بەل ، ئالاھىدىلىكى توپ تارتىۋېلىشى ماھىر ، يىراق ئارلىققا توپ يەتكۈزۈپ بېرىشى ئالاھىدە ياخشى ، بەدەن قۇۋۋەتمۇ خىلى يېتەرلىك بولۇپ ، يىراقتىن توپ ئۇرۇشقا بەكلا ماس كېلىدۇ  .
لوكاس سىلۋا بولسا مادرىد تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئىككىنچى سودىسى ، مادرىد كوماندىسىدىكى مودرىچنىڭ يارىلىنىپ قىلىشى بىلەن، زاپاس ئەزالاردىن ئىيارامىندى بىلەن سەمى ھېدىرانىڭ تازا كۈچ بېرەلمەسلىك سەۋەبىدىن ،مادرىد كۇلۇبى مۇۋاپىق بولغان بىر ئارقا بەل توپچىسىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئىدى ، ئەڭ ئاخىرىدا مادرىد يۇقىرى قاتلىمى بۇ ياشقا ئىشىنىپ ،ئۇنىڭ مادرىد كوماندىسى بىلەن جەڭ قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
لوكاس سىلۋانىڭ يۆتكىلىش ھەققى 14 مىليون ياۋرو بولۇپ بېكىتىلدى . ئالدىمىزىكى دۈشەنبە كۈنى مادرىد مەستانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئۇچۇن ، بىرنابىيو مەيدانىدا مۇراسىم ئىلىپ بېرىلىدۇ  
لوكاسنىڭ مادرىتتىكى كۈنلىرىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .


1422024465_extras_noticia_foton_7_1.jpg

852232_heroa.jpg

مويس : ئىيارامىندى قايتىپ كەلگەن بولسا ،ناھايىتى خۇش بولاتتىم

لوكاس سىلۋانىڭ مادرىتقا كېلىشى بىلەن ، تېخى ئۆتكەن يىلى مادرىتقا قوشۇلغان ئىيارامىندىنىڭ مادرىتتىكى ئورنى تەۋرەپ قالدى ، بۇنى سەزگەن ئىيارامىندىنىڭ بۇرۇنقى كۇلۇبى ريال سوسىداد ، ئىيارانى قوشۇۋېلىش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتتى ، ريال سوسىداتنىڭ ھازىرقى تىرېنېرى داۋىد مويىس ، ئىيارا ھەققىدە توختىلىپ : مەن ئىيارانىڭ ئىقتىدارىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايمەن ، ئۇنى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كوماندىغا قايتۇرۇپ كەلسەم دەيمەن دېدى .
ئىياراغا قىزىقىۋاتقان كۇلۇبلار خىلى بولۇپ ، ئارسىنال ، ئاتلىتكو بىلباۋ قاتارلىق كۇلۇبلار ئىيارانىڭ ئۆزى ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇش نىيىتىدە .
مادرىد كۇلۇبى ئىيارانى ئۆتكەن يىلى 36 مىليون باھا بىلەن قوشۇۋالغان بولۇپ ، ئەگەر بىرەر كۇلۇب مۇشۇ باھاغا يېقىن كەلسە ، ئىيارانى قويۇپ بېرىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 05:57:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 06:00:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ مادرىدقا يارىشىپ كەتكەيسەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-24 06:18:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر تۆھپەكارلىرىنىڭ ناملىرى ، قارا دوسكىغا چىقىپتۇدە.  بىر يېڭىلىق بوپتۇ بۇ ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ قارا دوسكىغا چىقىش ئۇچۇن ، ئەمدى دەششەت تېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 06:54:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ كەلسە ئ‍ۇرۇندۇق باقار ھەقىچان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 08:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى يازدا كېلەرمىكىن دېگەن ، پەسىل ئاخىرىدىكى زىچ ، مۇھىم مۇسابىقەر سەۋەبىدىن قىشلىق يۆتكۈلۈشكە كۈچەپ كەتتى مادرىد .
ئىلارمىندىنىڭ خانلىق جەمئىيەتكە قارىغاندا ئۆز رايونىنىڭ كوماندىسىغا ، باسىكلىقلارغا قوشۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق ، قويغان باھاسىمۇ خىلى يامان ئەمەس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 08:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 09:07:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇيا،باش سۈرەتنىڭ ئاستى بۇرۇنقىدەك تۇرۇۋەرگەن بولسا
ياخشى بولاركەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 09:16:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە خىلى ئۆزگۈرۈش بوپكىتىپتىغۇ بىركىچىدىلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 09:25:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 09:47:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لوكاس مادرىدقا ماسلىشىپ كەتسە مادرىد تىخىمۇ غالجىرلىشىپ كېتەرمۇ ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 10:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل سودا! يەنە شۇ ياشلاشتۇرۇش پىلانى، مۇنبەر ئۆزگىرشى بەكلا زورغۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش