akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1826|ئىنكاس: 79

ياپونيە مەغلۇپ بولدى ! خوندا،كاگاۋا نۇقتا توپنى ئۇرالمىدى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 06:04  

U4849P6T12D7494620F44DT20150123201855.jpg

1-ئاينىڭ 23-كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى 3:30 دە ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 4\1ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى ياپونيە كوماندىسى بېلەن  ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.  مۇسابىقە باشلىنىپ يەتتە مىنۇت بولغاندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى . مۇسابىقە باشلىنىپ 81 مىنۇت بولغاندا ياپونيە كوماندىسى مۇسابىقە نەتىجىسىنى 1:1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى . شۇنداق قىلىپ 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالدى . قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ياپونيە كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قوزغىغان بولسىمۇ مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى ...رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭى باسقۇچىدا ياپونيە كوماندىسىنىڭ ياۋرۇپادا توپ تېپىدىغان ئىككى داڭلىق ماھىرى يەنى كاگاۋا بىلەن خوندا نۇقتا توپنى ئۇرالماي كۈچلۈك ياپونيە كوماندىسى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋىتىلدى .

مۇسابىقە جەۋھەر فىلىمى
http://sports.sina.com.cn/n/2015-01-23/20187494620.shtml


6XJ5-cczmvun5351077.jpg

دىيارىمىز ۋاقتى 12:30 دە يەنە بىرمەيدان ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىران كوماندىسى بىلەن ئىراق كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . مۇسابىقە باشتىن ئاخىرى ئىنتايىن كەسكىن بولدى. ئىككى تەرەپ 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 3:3 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويدى. نۇقتا توپ جېڭىدە ئىراق كوماندىسى كۈچلۈك دەپ قارالغان ئىران كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ كەتتى .

مۇسابىقە جەۋھەر فىلىمى
http://sports.sina.com.cn/n/2015-01-23/17307494517.shtml

بۇ قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسىدا كورىيە ، ئىراق ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق كوماندىلار  تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-24 13:37:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەربىدار يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 13:04
ياپونىيە يېڭى تېرىنىر ئەكەلسە گېرمانىيەدىن ئەكەلسە ب ...

  نۇقتا توپقا ئاجىز ئەمەس دۆلەت كوماندىسىدىن 3 نى سانىڭە، مەن بىر ئاڭلاپ باقاي... تىرېنېرنى نۇقتا توپتا يېڭىش ئۈچۈن ئەمەس، نۇقتا توپقا بېرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئالماشتۇرسا بولىدۇ... رېئال مادرىدمۇ 2012 - يىلى ئۇزغۇنلۇقتا نۇقتا توپتا بايرېنغا يېڭىلگەن، ئۇرالمىغانلار رونالدو، كاكا، راموس... رونالدو 2008 - يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەنىلا نۇقتا توپ كىرگۈزەلمىگەن... 2006 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە بىلەن ئىنگىلاند كوماندىسىنىڭ مۇسابىقسىدە ئەڭ غوللۇق ماھىر جېراد بىلەن لامپارد نۇقتا توپ ئۇرالمىغان... دېمەك، بىر كوماندىنىڭ تىرېنېرى ۋە ۋاراتارىنى نۇقتا توپ جېڭىگە قاراپ باھالاشقا مەن تولۇق قارشى. نۇقتا توپ جېڭىدە گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئۇتۇش نىسبىتى %50 تە %50... تىرېنېرنى 90 مىنۇتتىلا ياكى 120 مىنۇتتىلا يەڭمىدىڭ دېسە، ئاندىن توغرىراق بولىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:26:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنيەمۇ جىق تىرىشقان لىكىن تەلەي كەلمەي قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:31:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان بولدى شاللىنىپ،مىلانغا تىزدىن قايىت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:31:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېرىشقان ئاشار … ئەرەب خەلىپىلىكى ياخشى ئوينىدى .
بولسا چىمپىيۇن بولغاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:37:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:39:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران لاتارىيەدە قاقسەنەم قىلۋەتتى مىنى ، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دەپ نەدە زەردار دەپ قارالغان كوماندىلا ئۇتتۇرۇپلا يۇرىدۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئارىف + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:40:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنيەنىڭ نوختا توپتا تەلىيى يوق 2010- يىلى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىستىمۇ پاراگۋاي كوماندىسىغا نوختا توپتا ئۇتتۇرۇپ قويغانتى بۇلار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاۋستىرالىيەنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى  ھەم ئەنسىرەيدىغىنى ياپون بىلەن تۇتۇشۇش ئىدى. ئىدىيە جەھەتتىنمۇ ياپون بىلەن جەڭگە چۈشىمىز دەپ ئويلىغان   (ئالدىنقى ئىككى قىتىمدا ياپونلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغان.  ) ياپونىيەنىڭ بۈگۈن ئاممىتى  دەھشەت قىچىپتۇ  پۇرسەتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئىسراپ قىلىۋەتتى ۋارتارنىڭ بوسۇغىسىدا كىرىشكە تىگىشلىك توپتىن نەچچىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى. ئۇرغان توپلىرى  بوسۇغىدا ئەگىپلا يۈردى دېسە. بۇلۇڭ توپقا ئەڭ جىق ئالغىنى. 32قېتىمدىن ئارتوق ۋارتارغا تېپىپمۇ شاللاندى.
2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇيان شۇنى ھېس قىلدىمكى ياپونىيەنىڭ ئاجىزلىقى دەل نۇقتا توپتا ئىكەن. مېكسىكلىق تېرىنىر بەرىبىر كېتىدۇ ( ساختا توپقا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاسىيا لوڭقىسىدىن كىيىن توختايدۇ) ياپونىيەگە نىسبەتەن گېرمانىيەدىن تېرىنىر تەكلىپ قىلىش ئەڭ مۇۋاپىقمكىن دەپ قارايمەن.
باشقىچە ئەھۋال بولمىسا ئاۋسترالىيەنىڭ بىر پۇتى ھەل قىلغۇچقا كىرىپ بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:45:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي.كاگاۋا ياپۇننىڭ شاللىنشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:49:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۈنكى مۇسابىقلەر بەك كەسكىن بولدى ،ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ جەۋھىرىنى كۆرگەن ئوخشايمەن ،ئىراق بىلەن ئىران  ياپۇن بىلەن ئەرەپلەر بىرەشمىسى بەك بەق چىڭ تۇتۇشتى ئاسىيا دىربىيسى مۇشۇ ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-23 20:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاتارىيەدە يەنە زىيان چىقتى.  ساھىبخان چىمپىيۇن بۇلدىغان ئوخشايدۇ بۇيىل .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش