پۇتبول كۇلۇبى

كۆرۈش: 2166|ئىنكاس: 121

ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقە خەۋىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 09:25  

      730_1425734_972134.jpg

بۈگۈن سەھەر ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش بىرىنجى ئۇچىرشىشى نوكەمپو پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بارىسلونا كوماندسىسى مېسسىنىڭ كىرگۈگەن نوقتا توپىغا تاينىپ تەستە مادىرىد رىقابەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.ھەر ئىككىلى تەرەپ ئاساسلىق توپچىلىرىنى مەيدانغا چىقاردى. ئالدىنقى مەيدان 0-0نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.مادىرىد رىقابەتتىن تورىس ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مەيدانغا چىقتى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندىن كىيىن مەنزۇنىچ قا ئالماشتۇرۋېتىلدى.مۇسابىقە داۋامىدا ھەر ئىككىلى تەرەپ مۇداپىيەنى ياخشى قىلدى. ئەپسۇس مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا بەش مىنۇت قالغاندا بوسكىس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلشىغا ئۇچىردى.باش رىپىر بارىسلوناغا نوقتا توپ ھۆكۈم قىلدى. مېسسى ئىكىلەنمەيلا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مادىرىد رىقابەتنى بۇغۇزلىدى.بۇ بىر توپ بىلەن مېسسىنىڭ مادىرىد رىقابەتكە ئۇرغان جەمئى توپى 22توپقا يەتتى.ئىككى كوماندا   1925 / 1924 -مۇسابىقە پەسلى شاھلىق لوڭقىسىدىن باشلاپ  ھازىرغا قەدەر تارىختا 22قېتىم ئۇچىراشتى. بارىسلونا 12قېتىم مادىرىد رىقابەتنى شاللىۋەتتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بارىسلونا كوماندىسى 3-3-4سەپ شەكلىنى ئىشقا سالدى. خاۋى مەيدانغا چۈشمىدى. ۋارتارنى تىرىستىگىن قوغدىدى. مادىرىد رىقابەت كوماندىسى بولسا1-3-2-4سەپ شەكلىنى قوللاندى. شۇنداق قېلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقە 0-1نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. كىيىنكى ئۇچۇرشۇش 1-ئاينىڭ 29-كۈنى مادىرىد رىقابەت كوماندىسى مەيدانىدا ئېلىپ بېرلىدۇ.


         

         
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 09:44
ئاچچىقىڭلار كەلسىمۇ دەۋىرەي: بوستكىس، پېدرولار بولم ...

ئىككىمىز ئوخشاش قاراشتىكەنمىز. مەنمۇ رونالدۇ بىلەن پىپى بولمىغان بولسا مادىرىت مەستانىسى بولاتتىم.
بۇنى قانداقتۇر رونالدوغا ھەسەت قىلدى دەپ چۈشىنىۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد  قىلىمەن دېمىسەممۇ بىلىسىغۇز. ئۇنىڭمۇ سەنئەتچىلىكتە بوش ئەمەسلىكىنى.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 14:24
ئۆز كۆز قارشىمنى ئوتتتۇرىغا قويدۇم. مىسسى بىلەن قېر ...

بوسكىس توغرىسىدىكى گەپ دەل يالغان يىقىلىش توغرىسىدىكى گەپ ، ئىنكاسىڭىزدىمۇ دەل شۇ توغرىسىدا گەپ قىلىپسىز ، ئەمما ما سۇرۇنغا رونالدوغا باغلاپ مېسسىنى زورلاپ ئەكىرىپسىز ، شۇنىڭغا دىدىم ، بۇنىڭغا تېتىقسىز دەپ شالىڭىزنى چاچقىنىڭىزغا قارىغاندا .......بولدىلا ئاخىرنى دىمەي ، مەن سىز بولمىغانندىن كىيىن .....رونالدو سۇغا سەكرىگەندە سىزنىڭ قانداق پۇزۇتسىيىدە بولغىنىڭىز ئۆزۈڭىزنىڭ ئىسىڭىزدە.....رونالدو ،پى پىيلار ئەرتىسلىق قىلسا مادىرىت ئارتىس ئۆمىكى بوپ قالمايدىكەن ، ما بارىسلونادىن بوسكىس مۇنداقلا قىلسا  بوپ بىرىدىكەن .....ئەمما بىز بارىسلونا مەستانىلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق ، چۈنكى كونىلاردا : ئىتلار قاۋشىۋىرىدۇ،كارۋانلار ئۆز يولىدا مېڭىۋېرىدۇ دىگەن تەمسىل بار ئەمەسمۇ ، ئاخىردا دەيدىغىنىم سىز -مەن بولساق بىر مىللەت ، بايا سىز مىنى مېسسى تۇققىنىڭمىدى ، تېتىقسىز دەپسىز ، سىزدىن سۇراپ باقسام ،شۇنچە تىرىككىدەك رونالدومۇ سىزنىڭ بىرنىمىڭىزما ؟.....
مەن سىزگە پاكىت سۆزلىدىم ، ھەم ئىسپاتلاپ بىرەلەيمە، سىزمۇ نوچى بولسىڭىز ئاغزىڭىزنى بۇزماي ئىسپات سۆزلىمەمسىز...ئەمما مەن يەنىلا سىزگە ئوخشىماي ،ئۆزۈمنى تۇتىۋالغانلىقىمدىن خۇشالمەن......
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   januzay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 04:42  

توۋا بارسىلونا بېلەن ئاتلېتكا مادىرىت مۇسابىقە ئۇينىساباشقا كۇلۇپ مەستانلىرى ئىلمىي پىكىر قىلۋاتسا ماۋۇ خانلىق مادىرت مەستانلىرنىڭ قايناپ كەتكىننى كۇرمەمدىغان.ئاتلىتكىنىڭ قايسى كۇنى داغدا قۇيغانلىۇنى شۇنچە تېز ئۇنتۇپ قالدىمىكنە.سەنئەت ئۇمىكى دەپ كېتىشپتۇ تېخى ئۇزۇچىلاسېستىرالارمەكتىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
@baggio@ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 13:02
بۇنىڭغا رونالدو ، مېسسى دەپ مېسسىنى رونالدو بىلەن بىر ...

    ئۆز كۆز قارشىمنى ئوتتتۇرىغا قويدۇم. مىسسى بىلەن قېرىنداش ئەمەستۇرسىز؟! كۆزىڭىزنى يۇغان ئېچىپ قاراپ بېقىڭ. مەن ئىككىسىنى سېلىشتۇرىۋاتمايمەن بەلكى بۇسكىسنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىمەن. تېتىقسىزلىقتا چېكىگە يەتتىڭىزمۇ نىمە. ئەمدى ئۈزىڭىزنى بىلمىسىڭىز مەندىن رەنجىمەڭ. سىزگە ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇم يۇق.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 15:05
ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز... ھەقىقىي ئارتىس دەپ ، بۇ ...

ئۇ ئالدىن تەييارلىق قىلغان يىرى ھى ھى ، يەرنىڭ يۇمشاق يىرىنى ئىزدەۋاتامدىكى دەيمەن ھى ھى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز... ھەقىقىي ئارتىس دەپ ، بۇسكىسنى دەيمىز

ئاۋۇ پۇرسەت كۈتۈپ زوڭزىيىپ تۇرۇپ كەتكەنلىرىگە نىمە دەي ئەمدى...
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا بۇغدا ھەقىقەتنى سۆزلەپ قويسا ما مىسسىچىلارنىڭ پىشىغا ئىسىلىپ قىلۋاتقان ئىشىنى ، بىرسىمۇ ئەمەس يەتتە سەككىزى تىخى …… ھەي ھەي بۇغدا بولدى قىلىڭلا ئۇششاق باللا بىلەن تەڭ بولماي ، باشقىلارنىڭكىنى كۆرسە ئەخلاقسىز دەپ قارلايدىغان ئەخلاقلىقلىرمىز بۇگۇن ئۈزىگە كەلگەندە   ئاقلاپ دەپ كەتكەن گەپلىرىنى نىمە دەي ، ئۇبدان قارساقلا ئىنىقلا ئارتىسلىققۇ ئۇ ، ۋولىۋىد ئارتىسى بوسكىس ، مىس مىس توپنى تەپمەستىلا ئويلاپ تەييارلىقنى قىلىپ بوپتىكەن ، توپ يىنىغا كەلمەي تۇرۇپمۇ بىر يىقىلاي دەپ يەرگە ئېڭشىپمۇ بوپتىكەن تەلىيىگە توپ ئالدىغا كەلدى ۋاق ئۈزىنى يەرگە ئاتتى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 10:50
توغرا چۈشۈنىدىغانلار سىزدەك توغرا چۈشىنىدىكەن. ئىنك ...

ئۇنداق گەپلەرنى زىغىرلاپ كەلسەك جان توشىمايدۇ دەيمە قېرىندىشىم. ئۇلار ياۋروپادا ئوينىنى ئويناپ يۈرۈۋېرىدۇ. بۇ جان بىزگە لازىم دەيمە. ئۇنداقلارنىڭ گېپىگە ھە دەپ قويۇلاپ ئۆتۈپ كېتىڭ ئۇلار بىلەن تەڭ بولماڭ. ئادەم دېگەن ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. مەن شۇڭا ئانچە مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەيمەن.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوسكىسنى ئ‍اشۇنچېۋالا يىقتىۋەتسېمۇ ئ‍اران بىر نوقتا توپ قويۇپ بەرگىنى قارشى تەرەپكە قىزىلنىمۇ بەمەي بىچارە بوسكىس بۇ چاغقا يا كىرەمباغدا يا چاڭجىياڭ دوختۇرخانسىدا داۋالىنۋاتدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاشۇ توپ نۇقتا توپ بولماي نىمە ئەمسە ؟ بىر بارساچى قورقماي تۇرۇپ نۇقتا توپ دىيەلمىدىڭلارما ؟

ئاخشام پايدا ئالغىنى كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىپ قارىساڭلار بارسا ئەمەس بەلكى ئاتىلىتكا ...

بىرىڭلار سەنئەت ئۆمەك ، يەنە بىرىڭلار شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى دەپ قاچانغىچە تالىشىپ يۈرىسىلەر دەيمەن ...
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارساغا يەنىلا بوسكىس ئەسقىتىپتۇ دە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇسكىس  قايتىدىن  تۇنۇلدىكەندە  .خېلى بولغان ئىسمى جىقمىغىلى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىلغىلى ئارانلا تۇرغان گۇي   ...توپ تەگمەستىلا يىقىلىلايلا دەپ قاپتىكەن .. ئەي
بوپتۇ  بۇمۇ سەنئەت ، ماھارەت ،  باسا دىكى  كەسپىي ئادەت.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان يىقىلىشمۇ بىر سەنەت ئۇنىمۇ قاملاشتۇرالىغانلار قىلىدۇ ئۇنىڭغىمۇ تاھايىتى ئەپچىللىك تېخنىكا كىتىدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا قىزىل خالاتلىقلار ئۇتۇپتىما مارەك بولسۇن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوۋ  بوسكىس نىمدا قاملاشتۇردىغاندۇ  ، ما قېتىم كۆزىنى  ئىتىۋالماپتۇيا    باشتىلا  بېشىنى ئىڭشىپ  پەس بۇلاپ بوپتىكەن  ئۇ ۋاقىتتا پۇرسەت كەلمەي  پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپتۇ  ،  ئۇنىمۇ دەيمىز  بۇنىمۇ دەيمىز   قاملاشتۇرغان ئادەم قاملاشتۇردىكەن    بارسىلونا بىر توپ ئۇردىمۇ   ئىشقىلىپ قاندالا  قىلسا  بارسىلونا ئۇتتى  
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان يىقىلىشنىڭ گىپى چىقىپ قالدى. بۇنى مەنمۇ بۇرۇن خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىكەنمەن. كىيىن مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار، شۇنداقلا ھەخىل مەشىق فىلىملىرنى كۈرۈپ بۇنىڭغا بولغان قارشى ئۆزگەرگەن، يالغان يىقىلىش، توپچىلار ئىشتىرىپ قويسا يېتىۋېلىش، رىپىر كۆرمىگەندە ھەرخىل قىلىق چىقىرىش، دىگەنلەرنى تېرىنىر مەخسۇس ئۆگىتىدىكەن ئەمەسمۇ، بۇبىرخىل تاكتىكا ئۇرۇشى كەن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابلەتجاننىڭ تېمىسىدىمۇ بۇ توغۇرلۇق سۆزلەنگەن.

بارسلوناننىڭ غەلبە قىلغىننى تەبىركلەيمەن،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏چېكىتتەك ھاۋاغا شۇڭغىدىمىكىن دېسەم، پۇتىغا پەشۋا يەپتۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 09:44
ئاچچىقىڭلار كەلسىمۇ دەۋىرەي: بوستكىس، پېدرولار بولم ...

چولپانلار تاللا بازىرىدا

ماۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسلىرىم نىمىشقا ئۆچۈرلىدۇ ..ئىنكاس يازالمايمەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇنى تەلەي دەيمىز
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەيداندىكى رىپىرمۇ بەك ئېغىر بېسىق رىپىركەن، خېلى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە چالمىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2015-1-25 04:49 , Processed in 0.094251 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش