akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1513|ئىنكاس: 40

ئاسىيا چىمپيۇنى ئابدىراخمان ئابلىكىم بىزدىن بۇگۇن ۋاقىتسىز

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 21:23  

195620lmmmmkccvzsnd0bc.jpg

1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىلگىرىكى داڭلىق بوكسچى ئابدىراخمان ئابلىكىم ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن بىزدىن  ئايرىلدى ، ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلسۇن.  مۇناسۋەتسىز خەۋەر  يۇللاپ  قۇيدۇم، تەستىقلاپ قۇياسىلەر.بۇنىڭدىن كېيىن ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىمەن. قىسقا تېما يازمايمەن..تىرىشىپ مۇنبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.

Img257560938.jpg



تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ قىسقىچە تارىخى( بۇ مەزمۇنلار مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئىلىندى)

شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغان20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ بوكس ھەركىتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ،جوڭگو بوكسچىلىق تارىخىدا ناھايىتى زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.


شۇ قاتاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغاقاتناشقان، تۇنجى بولۇپ جوڭگودىن ئاسىيا چىمپىيونى بولغان ، ئاسىيا بوكس سەھنىسىدەنۇرغۇن ماھىرلارنى قورقۇتقان بىر ئەزىمەت بار، ئۇ بولسىمۇ سابىق شىنجاڭ بوكسكوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ھازىرقى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى - ئابدۇراخمانئابلىكىم.



ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالتاي شەھىرىدەتۇغۇلغان.
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتاي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدى.


ئۇ 1995- يىلى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىبىگە كەلدى.


ئۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، تېرنېرىمەرھۇم ئابلىكىم ئابدىرىشىتنىڭ يېتەكچىلىگىدە كەسپىي بوكس مەشقىنى باشلىدى.


ئۇ 1998 - يىلى شېنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەر خىللار بوكس مۇسابىقىسىنىڭ75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.



ئۇ 1999- يىلى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيابوكس چىمپىيونلۇغىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئارقا-ئارقىدىنھىندىستان، كورىيە ۋە قىرغىزىستان ماھىرلىرىنى يېڭىپ، ئۇيغۇرلاردىن شۇنداقلاجوڭگودىن چىققان تۇنجى ئاسىيا چىمپىيونى بولۇپ قالدى.


ئۇ 1999 -يىلى گۇيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چىمپىيونلۇقنىتالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇيپپىسىدا چىمپىيپون بولدى
ئۇ 2000 -يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتچىمپىيونلۇغىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيونبولدى.

ئۇ 2000 - يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن27-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇتۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە پولشا ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، گەرچە بۇ ئىككى ماھىرنىڭئومۇمى سەۋىيىسىدە پەرىق بەك چوڭ بولمىسىسمۇ، لېكىن چوڭ خەلقئارا مۇسابىقەتەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى دەل ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىشىغا سەۋەپبولدى.
ئۇ 2001 -يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنشەرىقى ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىدا 3-بولدى.


ئۇ 2001 - يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىكتەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسى 75 كىلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيونبولدى.


ئۇ 2002 - يىلى مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.


ئۇ 2002- يىلى كورىيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىياتەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.


-يەنە 2003- يىلىغا كەلگەندە ئولىمپىكنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى-گىرىتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزىلىدىغان 28-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىكتەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىستىگىدە قاتتىق مەشىق قىلىۋاتقان ئابدۇراخمانبەل كۆمۈرچەك ئۇمۇرتقىسى چىقىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى ۋە شۇ قېتىمقىئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
شۇنداقتىمۇ ئابدۇراخمان يەنىلا مەشىقنى تاشلاپ قويمايداۋاملاشتۇردى.
يەنە 2005- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇغىنىتالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم چىمپىيونبولدى.- 2008  يىلى ئۇ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا تېرنېر ھەم تەنھەركەتچى بولۇپ ئىشلىدى.


ئۇ 2009 – يىلىدىكى  مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلارمۇسابىقىسىدە 2- بولۇپ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىشسالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

ئۇ 2009 - يىلى 11-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچمۇسابىقە باسقۇچىغا قاتنىشىپ، 1-مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ، 2-مەيدانمۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى.

شۇندىن كېيىن بوكس سەھنىسىدىكى 15 يىلغا يېقىن ماھىرلىق ھاياتىنىئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان.



خەلقىمىزنى تەكرارھاياجانغا چۆمدۈرۈپ كەلگەن قەيسەر ئەزىمەت ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ يۈرىكى1 – ئاينىڭ    21 - كۈنى ئۈرۈمچىدە سوقۇشتىن توختىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 23:03:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى         
ئابدۇراخمان ئابلىكىم
- كىتاب ئوقۇش تەسىراتىمدىن تامچە: ئەنئەنە ۋە ئېتىقاد ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

        
-" ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر"
- ئۇيغۇر خەلق ماقالى

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىز ياۋايىلارچە ، ھەرخىل خېيىمخەتەر ئىچىدە ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي
نادانلىقتا ياشاۋاتقان چېغىمىزدا بىر ئۇلۇغ ئادەم ھاياتلىق ماكانىمىز ۋە تىنچ- ئامانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە
ئەڭ مۇستەھكەم سېپىل سېلىپ بەرگەنىكەن . سېپىلنىڭ ئۈچ تەرىپى ئىنتايىن خەتەرلىك دەريالار بىلەن
قورشالغان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك سېپىل دەريالاردىكى زەھەرلىك دۇتنىڭ بىزنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن،
كەلكۈن كەلگەندە بولسا دەريالار تېشىپ بىزنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن سوقۇلغانىكەن. ئۇ-
لۇغ ئادەم بىزنى مەڭگۈ سېپىلنى قوغداشقا، سېپىلدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. شۇنداق قىلغاندىلا
ئەلدە تىنچ- ئەمىنلىك ۋە بەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلۇغ ئادەمنىڭ دېيىشىچە،بۇ سېپىل ئىنتايىن
مۇستەھكەم ۋە بىخەتەر بولۇپ، بىز ئىزدەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېپىلنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئۇ
زاتى مۇبارەك يەنە بۇ سېپىلنىڭ دۈشمىنى سېپىلنى يالاپ ئاقىدىغان ئەشۇ خەتەرلىك دەريالاردۇر، دەپتۇ
ۋە يەنە سېپىلنىڭ دەريا يالاپ-چېقىپ ئاقىدىغان يەرلىرىنى قانداق پۇختىلاش چارىلىرىنى ئۈگىتىپ قويۇپ
بىز بىلەن خوشلىشىپتۇ.

شۇندىن باشلاپ بىز بۇ سېپىل ئىچىدە بىخەتەر- خاتىرجەم، ئىناق، بەخىتلىك ياشاپتۇق.ئۇلۇغ ئادەمنىڭ
نەسىھىتى بويىچە سېپىلنى مەزمۇتلاشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىپتۇق. بىزدىكى بۇ بەخىتلىك ھايات تالاي
يىللار داۋاملىشىپتۇ. كېيىنچە، بارا- بارا سېپىل سىرتىدا يەنە باشقا شەھەرلەرمۇ قۇرۇلۇشقا باشلاپتۇ.
زامان ئۆزگىرىپتۇ. سېپىلدىكى بەزى ئادەملەر سېپىل سىرتىدىكى شەھەر كىشىلىرىنىڭ باشقىچە بىر خىل
ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى،ئۇلار سېپىلنى قورشاپ تۇرغان دەريالاردا ئەر-ئايال دېمەي ئۈزۈپ
ئويۇن- تاماشا، ئىشقىۋازلىق قىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلۇغ كىشى: بۇ دەريالارنىڭ سۈيى بەكمۇ
خەتەرلىك، ئۇلاردا ئېقىۋاتقىنى سۇ ئەمەس ئەيىش- ئىشرەتتىن ئاققان قان- يىرىڭدۇر، دەپ نەسىھەت
قىلغانىكەن. ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان تىنچ- ئەمىنلىك بۇ نادانلارنى بىخۇدلاشتۇرغاچقا ئۇلار كەلگۈسى
خىيىمخەتەرنى ئۇنتۇپتۇ؛ غەپلەت پەردىسى كۆزلەرنى توسۇۋېلىپ دەريادىكى قان- يىرىڭنى سۈزۈك سۇ
قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلەپ- ئىككىلەپ سېپىلدىن چۈشۈپ دەريادا چۈمۈلۈپتۇ. ئۇلار
دەريا سۈيىدە ئۆزلىرىنى تولىمۇ ئەركىن- ھوزۇرلۇق سېزىشىپتۇ. يىللار- قەرنەلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ
بۇ نادانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپتۇ.ئەجداتلار نەسىھىتىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ.سېپىلدىن چۈشكەن ئادەملەرنىڭ
كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار چۈشكەن جاي شورا بوپتۇ. بۇ نادانلار شورىنى ئېتىشنىڭ ئورنىغا تالاغا
چىقىشىمىزغا ئەمدى ئاسان بولدى، دەپ خۇش بوپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ
چۈشۈپتۇ. دەريا سۈيى شەھەرگە بېسىپ كىرىپتۇ. كىشىلەر ئەمدى دەريالارنىڭ ئۆز ئىشىكلىرى ئالدىدا
ئاققىنىدىن شادلىنىپتۇ. گەرچە بەزىلەر دەريا سۈيىدە ئېقىپ كېتىپ تۇرسىمۇ ھېچكىم ئىبرەت ئالماپتۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەريا ئۇلارغا قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدىغان بوپتۇ.دەريادىن چىققان زەھەرلىك
دۇت ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كېسىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تولا كىشىنىڭ دەرياغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ
سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇپتۇ؛ سېپىلنى پۇختىلاش ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ. گەرچە بەزى ئەقلى ئويغاق،
ئىمانى كامىل كىشىلەر سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەستىن چىقارمىغان،سېپىلنى مۇستەھكەملەشنى داۋام قىلىپ
كەلگەن بولسىمۇ ھەممە ئادەم بىللە قىلمىغاچقا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغاننى ئاز دەپ ئۆز قېـ-
ـرىنداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپتۇ. يەنە تالاي يىللار ئۆتۈپ سېپىلنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلىكىمۇ
ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئەقىل- ھوشى جايىدا كىشىلەر قايغۇرغان بولسىمۇ ئامالسىز قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ
كىشىلەر سېپىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قاپتۇ. سېپىلنىڭ يوقاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەردىن
ئىنساب، دىيانەت، شەرم- ھايا، يۇرتتىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىزا-ئاداۋەت، جەڭگى-جېدەل،ئوغرىـ-
ـيالغان، زىنايى- ھارام، بەڭگىلىك باش كۆتۈرۈپ، يوقۇملۇق كېسەل، ئاغرىق- سىلاق ئاۋۇپ كېتىپتۇ.
روھى ساغلام،تەندۇرۇست ئادەملەر ئاز قاپتۇ. دەريادىن كۆتىرىلگەن زەھەرلىك دۇت ئادەملەرنى سېھىر-
لەپ، دىللىرىنى كور قىلىپ، ئوڭنى تەتۈر، رۇستنى قىڭغىر كۆرۈدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. لېكىن تالاي
كىشىلەر بۇ ئاپەتلەرنىڭ سىرىنى بىلەلمەپتۇ. بىلگەنلەرنىڭ گېپىگە ئەتراپتىكىلەر ئىشەنمەپتۇ.

كېيىن سېپىلنىڭ بىر بۈرجىكىلا قاپتۇ. شۇ بۈرجەككە قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنى سېپىلدىكى
ئادەملەر دەيدىكەن. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ئادەملەردىن قىلچە پەرقى يوق ىكەن.

بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سېپىل ئىچىدىكى ئادەملەر دەيمىز. لېكىن قېنى بۇ سېپىلىمىز؟ پەقەت ئۆرۈلۈپ
چۈشەي دەپ قالغان سېپىل پارچىسى بىلەنلا ئۆزىمىزنى سېپىل ئادەملىرى دىيەلەمدۇق؟

ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ. بىرى، ئەسلى تەبىئىتىمىزدىن ياتلاشقان، ساختىلىق، ئەقىدە- ئېـ-
ـتىقادسىزلىق، رىياكارلىقتىن بۇلغانغان ۋۇجۇدىمىزنى پاكلاپ ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تونۇش؛ يەنە بىرى،
گۇمراھلىق يولىغا مېڭىپ ئاخىرى بىر كۈنى دەرياغا غەرق بولۇش. ياكى بولمىسا ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئاندىن دەريانىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، سېپىلىمىزگە سېغىنىش.

دەريا بىزگە قاراپ ئېتىلماقتا. نادان كىشىلەر دەريادا ئېقىۋاتقىنى ھاياتلىق سۈيى دەپ قارىماقتا. سېـ-
ـپىلنىڭ ئاخىرقى بۈرجىكى ئۆرۈلۈپ تۈگىمەكتە… ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر سېپىل سوقۇش
بىلەن ئاۋارە. لېكىن ئۇلار دەريا دولقۇنى ئالدىدا ھالسىز ۋە ئاجىز…


2000- يىل سىنتەبر، سدنېي.

(بۇ يازما بوكس چېمپيونىمىزنىڭ تۇنجى ئەسىرى)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 12:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 00:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 00:07  

پۇتبولدىن قالسسلا مۇشۇ بوكىسقا قىزىقىمەن، مەندە مەرھۇمنىڭ بوكىس پەلىيى كىيىپ چۈشكەن سۆرىتى  بار، بۇتېمىنى ئالدىراپ ئۈچۈرۋەتمەيلى، بولسا يۇرۇتۇپ قۇيايلى بۇنداق تېمىلارنى....   مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىى جەننەتتە بولسۇن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 01:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەت بولغاي،      راس نىمە سەۋەپتىن تۈگەپ كىتىپتۇ، كېسەلمۇ ياكى باشقا سەۋەپمىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-22 06:14:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇشقا قىلغان ئەجرى مەڭگۈ يادلىندۇ  ، ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن قېرىندىشىم  ، بىر كۈنلەردە باللىرىمغا سىنىڭ رىۋايىتىڭنى سۆزلەپ بېرىمەن
ھەي يەنە بىر يۇرۇق يۇلتۇزىمىز ئېقىپ چۈشتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 20:02:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!بىر يۇلتۇزىمىز ئۆچتى ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 19:54:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ تەستىقلىدىم، ئەتە ئۈچۈرىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 19:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرەتلىكى ياخىشى بولسۇن...   چىكىتنىڭمۇ قويىدىغان ئورنى بار دىققەت قىلىڭ ! ئىملاغىمۇ ھەم شۇنداق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 19:56:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5ECD358659628C2702B2F54BF5A64029.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 19:58:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى فىردەۋىس بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 20:01:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 20:03  

مەرھۇم ياش ئىكەنتۇق.  ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 20:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
com + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 20:21:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان     يېرى      جەنەتتە  بولسۇن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 20:24:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ،  بىر يۇلتۇزىمىز ئۆچتى !  مىڭ ئەپسۇس ...ئىشەنگۈم يوقتى پەقەتلا ،   

ئەجەل  ياش قېرى دىمەيدۇ   .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-21 20:26:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ باغاق نى ھەجەپ بىر يېزىپتۇ. ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش