ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
IFFHS بۈگۈن 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر كۇلۇپ باش مەشقاۋۇلنى ئېلان قىلدى. خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ داڭلىق مەشقاۋۇلى ئەنچىلودى بۇ شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ ئۇنىڭ توپتوغرا يەتتە يىلدىن كىيىن قايتا بۇ شەرەپكە ئېرشىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئەنچىلودى 2007-يىلى ACكوماندىسىنى يىتەكلىگەن ۋاقىتىدا بىرقېتىم ئەڭ مۇنەۋەر كۇلۇپ باش مەشقاۋۇلى شەرىپىگە ئىرىشكەن ئىدى. ئەنچىلودى بۇلتۇر خانلىق مادىرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بۇلۇپ ئۈزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى. ئەنچىلودىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا خانلىق مادىرىد ھازىرغىچە ناھايىتى گۈزەل مۇسابىقە پەسىلنى ئۆتكۈزدى. ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
بۇ قېتىمقى بىلەت تاشلاشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن بۇلۇپ جەمئى 60نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر قاتناشتى. ئاخىردا ئەنچىلودى 169نۇمۇرغا ئېرشىپ رەقىبلىردىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ 1-ئۇرۇنغا چىقتى. مادىرىد رىقابەت تېرنىرى سىمۇنى 30نۇمۇر پەرق بىلەن 2-ئۇرۇندا تۇردى.بايرىن مەشقاۋۇلى گوۋادىئولا 76نۇمۇر بىلەن 3-ئۇرۇندا تۇردى.سىمونى 2012-يىلدىن باشلاپ تۇيۇقسىز مادىرىد رىقابەتنى بىراقلا جانلاندۇرۋەتتى. ھەم بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولدى، يەنە كىلىپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۈسۈپ كىرىپ خانلىق مادىرىدنى تەرلەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ سىمۇنى نىڭ ئىناۋىتى نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۈتۈرۈلدى.ئەڭ مۇنەۋەر كۇلۇپ باش مەشقاۋۇلى مۇكاپاتىغا گوۋادىئولا 2009-يىلى ۋە 2011-يىلى ئىككى قېتىم ئېرىشكەن ئىدى.
ئەڭ مۇنەۋەر كۇلۇپ باش تېرنىرى رەت-تەرتىۋى:
1.ئەنچىلودى ئىرىشكەن نۇمىرى :169نۇمۇر (خانلىق مادىرىد)
2.سىمۇنى 139نۇمۇر (مادىرىد رىقابەت)
3.گوۋادىئولا 76نۇمۇر (بايرىن مىيۇنخىن)
4.مورىنھو 15نۇمۇر (چېلسى)
5.ئېمېرىي 11نۇمۇر (سەرۋىلىيا)
6.پىرىنگىلى 8نۇمۇر (مانجىستىر شەھرى)
7.كىلوف 7نۇمۇر (دوتمۇنىد)
8.كونتى 6نۇمۇر (يۇۋىنتىس)
9.كىمەن 3نۇمۇر (جەنۇبى ئامپىتۇن)
10.گارسىيا 2نۇمۇر (رىم) |
|