بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 12:46
ئۇلار ئىلگىرى شانلىق بىر دەۋىرنىڭ ياراتقۇچىلىرى ئىدى، ئۇلار پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك ياشلىقىنى ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كوماندىسىغا بېغىشلىۋەتكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن «شاھ» ياكى «شاھزادە» ئاتالغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە تەۋە ئاشۇ توپ مەيدانىنىڭ مەڭگۈلۈك شاھلىرى.
«ھاييىبۇرى شاھى» ھېنىرى
بۇ چولپان تېخى يېقىندىلا ئۆزىنىڭ پۇتبول كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى، مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم ئۇچىراتقاندا ئۇ ھاييبۇرى مەيدانىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى، ئۇ تاكى 2007-يىلى ئارسىنالدىن ئايرىلغانغا قەدەر جەمئىي 226 توپ ئۇرۇپ، كۇلۇپ تارىخىدىكى 1-مەرگەنگە ئايلىنىپ بولغانىدى، ھازىرغىچە تېخى ئارسىنالدىن ئۇنىڭ مەرگەنلىك تەختىگە خىرىس قىلغۇدەك توپچى چىققىنى يوق. ئۇنىڭ شۇ شانلىق يىللىرىدا ئارسىنال كوماندىسى ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز تۆھپىلىرىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق ئەلۋەتتە.
———————————————————————————
«بېرنابۇ شاھزادىسى» رائۇل
توغرا، رائۇلنى بىز تىلىمىزدا ئادەتلىنىپ كەلگەندەك «ئۈزۈك شاھى» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بېرنابۇدىكى مەستانىلەرگە نىسبەتەن رائۇل دېگەن بۇ ئىسىم نۇرغۇن مەنىگە ئىگە... 1994-يىلىدىن باشلاپ 2010-يىلىغىچە رائۇل خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئۈچۈن توپتوغرا 16 يىل قان-تەر تۆكتى، 6 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقى، 3 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنى ۋە 2 قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چېمپىيۇنى، رائۇل خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرىنى مانا مۇشۇنداق نەتىنجىلەر بىلەن باشتىن كەچۈردى. «بېرنابۇ شاھزادىسى» دېگەن بۇ شەرەپلىك نام مەستانىلەر تەرىپىدىن كاپىتانىغا بىلدۈرگەن ئەڭ چوڭ ھۆرمەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، گەرچە رائۇل ئاللىقاچان بېرنابۇدىن يىراقلاشقىنى بىلەن، ئەمما مەستانىلەر قەلبىدە ئۇ ھامان بېرنابۇ بىلەن، خان جەمەتى مادىرىد بىلەن بىللە.
———————————————————————————
«تاغىل ئات شاھزادىسى» دېل پېئېرو
1993-يىلىدىن باشلاپ ئۇچىسىغا قارا-ئاق يوللۇق جەڭ فورمىسىنى ئارتقان دېل پېئېرو كەسپىي ھاياتىدىكى بارلىقىنى «تاغىل ئات قوشۇنى» يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئۈچۈن بېغىشلىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەينى چاغدا «تېلفون ۋەقەسى» سەۋەبىدىن يۇۋېنتۇس كوماندىسى ھەتتا دەرىجە چۈشۈرۋېتىلگەندىمۇ، ئۇ يەنىلا كوماندا بىلەن ئىسسىق-سوغۇقنى تەڭ باشتىن كەچۈرۈشكە بەل باغلاپ ئىزچىل كوماندىدىن ئايرىلماي كەلگەن. 1994-يىلى فىلورىنسىنا كوماندىسىغا نىسبەتەن مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان ئاشۇ نادىر توپى بىلەن نام چىقارغان دېل پېئېرو يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 300 دىن ئارتۇق توپ ئۇرغان. ئۇنىڭ بىر كوماندا ئۈچۈن 19 يىل توپ تەپكەن ۋە 300 توپ ئۇرغان بۇ رېكورتىنى بىزلەر يۇۋېنتۇس تارىخىدا قايتا كۆرۈشىمىز ناھايتىمۇ تەس. گەرچە «كەسپىي ھاياتىنى مۇشۇ بىرلا كوماندىدا ئاخىرلاشتۇرىدۇ» دەپ قارالغان ئۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئامالسىز ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ياشلىق ھاياتىنى بېغىشلىغان ئانا كوماندىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىممۇ بۇ «تاغىل ئات شاھزادىسى» نى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
———————————————————————————
«رىم شاھزادىسى» توتتى
ئۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەش بىھاجەت، بىزلەر مۇسابىقە كۆرۈشنى باشلىغاندىلا توتتى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان چاغلار ئىدى. ئۇ تا ھازىرغىچە بىزدىن ئايرىلىپ باققىنى يوق. بىر كۆرۈنۈش زادى يادىمدىن كەتمەيدۇ، 2012-يىلى 2-ئايلاردا چېۋو كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە ئۇ ئاخىرى مۇشۇ پەسىلدىكى تۇنجى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ، قىشلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىدىكى يېرىم پەسىلدە بىرمۇ توپ ھوسۇل ئالالمىغان توتتى ئاشۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەستانىلەرگە قاراپ ئىچىگە كىيۋالغان مايكىسىغا يېزىقلىق «مېنى كەچۈرۈڭلار، سىلەرنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىپ قويدۇم» دېگەن خەتلەرنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر كوماندىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان توپچىلاردىن يەنە قانچىسى قالدى؟ توتتى گەرچە ئاللىقاچان كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، يەنىلا كوماندىسى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈچ چىقارماقتا. «رىم شاھزادىسى» دېگەن بۇ چىرايلىق نامغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىم ماس كېلىدۇ؟
———————————————————————————
«نوۋكەمپو شاھى» رونالدىنخو
بارسىلونانى تىلغا ئالغىنىمىزدا ھەممەيلەن 4 دانە ئالتۇن توپنىڭ ساھىبى مېسسىنى ئېسىمىزگە ئالىمىز، ئەمما ئۆتمۈشتىكى ھەقىقىي «نوۋكەمپو شاھى» بولسا 21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن بارسىلونانىڭ قايتا ئويغىنىشىغا تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان شەخىس رونالدىنىخودىن ئىبارەت. 2003-2004 مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونانىڭ سابىق رەئىسى لاپورتا رونالدىنىخونى نوۋكەمپوغا ئېلىپ كەلگەندىن باشلاپ، ئۇ ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن پۇتبول دۇنياسىنى بويسۇندۇرغان. رونالدىنىخو بېرنابۇدىمۇ ھەقىقىي تالانتىنى نامايەن قىلىپ، ھەتتا مادىرىد مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تۇنجى بارسىلونا توپچىسىغا ئايلانغان. گەرچە ئۇ كېيىن قالايمىقان كېچىلىك تۇرمۇش قوينىغا چۆكۈپ كېتىشى سەۋەپلىك ئىپادىسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن رونالدىنىخونىڭ بارسىلونادا بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇ يارقىن كۆرۈنۈشلىرى مەڭگۈ كۆز ئالدىمىزدىن كەتمەيدۇ.
———————————————————————————
«قىزىل ئالۋاستىلار شاھى» كانتونا
«قىزىل ئالۋاستىلار شاھى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان كانتونا بولسا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىنىڭ ئەڭ شانلىق رىۋايىتىنى ياراتقان قەھىرىمانى ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ چۇس مىجەزى توپ تېپىش تالانتىغا ئوخشاشلا داڭق چىقارغان بولۇپ، بەزى توپ مەستانىلىرى ئۇنى ھەتتا «پەرىشتە بىلەن ئىبلىسنىڭ بىرىكمىسى» دەپ قارايدۇ. كەسپىي ھاياتىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كانتونا ئامېرىكىغا كېتىدۇ ۋە ھوللىۋود كىنوچىلىق ساھەسىگىمۇ قىزىقىپ باقىدۇ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ھەتتا كانتونانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ. پۇتبول سەھنىسىدە شۆھرەت قازانغان بۇ چولپاننىڭ سىياسىي ساھەدىمۇ ئۇتۇق قازىنىشىنى تىلەيمىز.
———————————————————————————
«مېئازا شاھى» ئادىرىيانو
ئادىريانونىڭ پۇتبول تالانتىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ، ئەمما ئۇمۇ كۆپ ساندىكى بىرازىلىيلىك توپچىلارغا ئوخشاش ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن ناھايتى تېزلا پۇلنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن قالايمىقان تۇرمۇش قوينىغا چۆكۈپ ئۆزىنى يوقاتقانلارنىڭ بىرى. ئەينى يىللىرى ئۇ ئېنتىر مىلاندىكى قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە ۋىئېرىنىڭ ۋارىسى دەپ قارالغان، بولۇپمۇ ئېنتىر مىلان مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇ «مېئازا شاھى» دېگەن نامغا تېخىمۇ مۇناسىپ.
———————————————————————————
مالدىنى
گەرچە مالدىنى توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن ھەقىقىي تۈردە «مىلان شاھى» ياكى «مىلان شاھزادىسى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ باقمىغىنى بىلەن، ئەمما بارلىق مىلان توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇ مەڭگۈلۈك شاھ. مالدىنى ئۇدا 10 يىلدىن ئارتۇق ئىتالىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سول بېك بولۇپ كەلگەن، 1984-يىلىدىن باشلاپ مىلانغا قېتىلىپ، تاكى 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە چېكىنگەنگە قەدەر ئۇ مەيلى توپ مەيدانىدا بولسۇن ياكى مەيدان سىرتىدا بولسۇن ئىزچىل كەسپىي توپچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن. يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مالدىنى تا بۈگۈنگىچە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەڭ تېز توپ كىرگۈزگەنلىك رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
———————————————————————————
زانىتتى
مالدىنىغا ئوخشاشلا زانىتتىمۇ ھېچقاچان توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن «شاھ» ياكى «شاھزادە» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئەمەس، ئەمما زانىتتى بولسا كۆك-قارا قوشۇننىڭ روھىي تۈۋرۈكى، پۇتبول دۇنياسىدىكى ھەقىقىي ساداقەتمەن توپچىلارنىڭ ئۈلگىسى. ئۇ 18 يىلدىن ئارتۇق ئېنتىر مىلان ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ نۇرغۇن يىللار چېمپىيۇنسىز، لوڭقىسىز دەۋىرنى باشتىن كەچۈرگەن، يەنە تېخى 2010-يىلدىكىدەك شانلىق «ئۈچ شاھ» دەۋرىگىمۇ باش تۆھپىكار ۋە شاھىت بولغان.
———————————————————————————
گېرراد
ئوۋېن مادىرىدقا كەتكەندىن كېيىن، گېرراد ھەقىقىي تۈردە لىۋېرپولنىڭ ئەڭ مۇھىم يادىروسىغا ئايلانغان، گېرراد پات-پات بىزگە ئۆزىنىڭ قالتىس بولغان يىراقتىن توپ ئۇرۇش تالانتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. ھېلىقى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىستانبۇل كېچىسى، 0:3 نەتىنجە بىلەن كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا دەل گېرراد كوماندىغا باشلامچىلىق قىلىپ مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ، ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىدا قەد كۆتۈرگەن. گەرچە لىۋىرپول ئۇزۇن يىل لوڭقىسىز قالغان بولسىمۇ، گەرچە گېرراد نۇرغۇنلىغان زەردارلارنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئانفېرىد مەيدانىدا يەنىلا ساداقەتمەنلىكنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. «قىزىل ئارمىيە» گە نىسبەتەن گېرراد بولسا مەڭگۈلۈك شاھ.
|