akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 29

بارىسلونا مۇداپىيەچىسى ۋېرمالىن توغرىسىدا مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      
          hi-res-29753e2f051582f3eb89af301a8a2557_crop_north.jpg

  بۈگۈن ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئەينەك ئادەم ۋېرمالىننىڭ يەنە بارىسلونا كوماندىسىدا كەلگۈسى بارمۇ ؟ناملىق مۇلاھىزە خەۋەرنى ئېلان قىلدى
ۋېرمالىننىڭ بارىسلونا ھاياتى ئۇڭۇشلۇق بولمىدى. ۋېرمالىن بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا يارلانغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە توپ مەيدانىغا قايتىپ كىلەلمىدى.كۆڭلۈگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارماننى پۈكۈپ ،بارىسلونا كوماندىسىغا ھەمدەم بۇلۇشنى ئۈمۈد قىلغان بۇ يىگىت مۇرادىغا يىتەلمىدى.تەجىربىلىك مۇداپىيەچى دەپ تەرىپلىنىپ كىلۋاتقان ۋېرمالىن 29ياشقا كىردى.قىرىشقاندەك ئۇزۇن مەزگىل يارلىنىش ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدى.بەلكىم بۇ يىگىت بۇندىن كىيىن تەجىربىلىك مۇداپىيەچى دىگەن نامدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
يېشى ۋە يارلىنىش ئەھۋالىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقا ۋېرمالۈننىڭ بارىسلونا كىرەك ياكى كىرەك ئەمەسلىگىنى تاللاشقا سەۋەپ بۇلۇپ قالدى.ھەم يۇقارقى سوئال ئوتتورىغا چىقتى: ۋېرمالىننىڭ يەنە بارىسلونا كوماندىسىدا كەلگۈسى بارمۇ ؟ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى!


         hi-res-773def7e5df726a206981d53f03d6894_crop_exact.jpg

مۇلاھىزە قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋال بىز بارىسلونا كوماندىسىنىڭ نىمىشقا ۋېرمالىننى سېتىۋالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى.
29ياشلىق ۋېرمالۈننىڭ مۇداپىيە تەجىرىبىسى ئىنتايىن مول يەنە كىلىپ ئۇنىڭ بوشلوقتىكى ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش (ئاساسلىقى كاللا توپ تالىشىش) ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى ،مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى  بارىسلونا كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە ئىقتىدارىنى بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرەلەيدۇ دىگەن مەخسەتكە كەلتۈرگەن ئىدى.ئەپسۇس يارلىنىپ شۇنداق ئالاھىدىلىكى بارمۇ-يوق ئىسپاتلاشقا ئامالسىز قالدى.
ئەمدى ۋېرمالۇن ساقىيىپ كوماندىغا قايتىپ كەلسە ئۇنىڭ كەلگۈسى قانداق بۇلىدۇ؟

          hi-res-770d7f3efa02dd3db835704f2924019f_crop_exact.jpg

ESPNخەۋەرلىرى گىزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە ۋېرمالىن يەنە بىر مەزگىل كۈتۈنۈشى كىرەك ئىكەن. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بارىسلونادا توپ تىپىشى ئاسانغا توختىمايدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھازىرغىچە بارىسلونا ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىدى. خۇددى سۇغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشكەندەك بىخىرامان كىسىلنى داۋالىتىۋاتىدۇ.
ئەگەردە بۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن كوماندىغا قايتىپ كەلسە ، ئۇچاغدا مۇداپىيە سېپىدىن بۇ يىگىتكە ئۇرۇن -بارمۇ يوق؟ ھازىر بارىسلونا كوماندىسىدا رىقابەت كەسكىن، پىك ،ئارۋىس قاتارلىق داڭدارلارمۇ زاپاس بۇلۇۋاتىدۇ.

ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ۋېرمالۈنغا پەقەت بىرخىل تاللاش يولى قالغاندەك تۇرىدۇ.يەنى يارىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن بىلگىيە دۆلەت كوماندىسىدىن پايدىلنىپ ئۈزۈنى ئىسپاتلاپ بارىسلونانى قايىل قىلىش.
يەنە بىر مەسىلە ۋېرمالىن ساقايغاندىن كىيىن بۇرۇنقىدەك مۇداپىيە ئىقتىدارى بارمۇ -يوق؟ بۇنىڭ تىپىك مىسالى ۋالدىس. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتمەكتە ۋېرمالىن ئازاپ بىلەن ئۆتمەكتە.بارىسلونا كوماندىسىدىكى مۇداپىيە مەسىلىسى ئىزچىل ھەل بولماي كىلۋاتىدۇ. تەقدىر بارىسلونا كوماندىسىغا باقمىدى. ۋېرمالىن ئوينايدىغان ئۇرۇن دەل بارىسلونا كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئاجىزلىقى ئىدى.
ئۇنداقتا ھازىرقى مەسىلە مەيدانغا چىقتى. ۋېرمالىننىڭ زادى بارىسلونا كوماندىسىدىكى كەلگۈسى قانداق بۇلار. مۇنبەرداشلار قارشىڭلارنى ئوتتورىغا قۇيۇپ بېقىڭلار. بارىسلونا كۇلۇبى ھازىرغىچە ۋېرمالۈن پاجىئەسىنى تېلغا ئالمىدى. لېكىن ئۇلارنىڭمۇ قاتتىق ئازاپلانغانلىقى تەبىئى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 23:31:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 22:39  

  ئەگەر كەتكۈزۈۋەتسە بۇرۇنقى پۇللارنى تېخىمۇ بىكار خەجلىگەن بولىدۇ.
1.  19 مىليون ياۋروغا ئەكەلگەن توپچى بىر مىنۇتمۇ ئوينىماي، مۇشۇنداقلا كېتىمەن دېسە قايسى كۇلۇب ئالار؟ 10 مىليونغا ئالارمۇ؟ ئۇ ياخشى ئوينىيالمىسىدى ئالىدىغانغا ئوتتۇرھال كۇلۇب بولسىمۇ چىقاتتى، يارىلانغان تەنھەرىكەتچىگە ھەرقانداق كۇلۇب ئامال قىلالمايدۇ. بۇ زىيان ئېغىر زىيان.
2. دۇنيادا مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىدىن بېك ئەتىۋار بولۇپ كەتتى، بولۇپمۇ بارسېلوناغا!!! ۋېرمالۈن ساقايسىلا ئۈمىد بار. ئىشقىلىپ، مانا مەن دېگەن بېكلەردىن ئىشەنچىلىك. ھازىرقى دۇنيادىكى ئېسىل بېكتىن 10 نى سانايلى... مۇنبەردىكى 10 مىزنىڭ نەزەرىدىكى 10 بېك 10 خىل بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، ئۇنى شاللىغاندىن يەنىلا تاللاپ تۇرغان ئەۋزەل. (ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت تەھلىل. ئاخىرىدا بارسېلونا تاسادىپىي سېتىۋېتىپ قالسا، ئابلىتاخۇن، ئەينى چاغدا ساتمايدۇ دەۋاتمامتىڭلار دېمىگەيسىلەر)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:39:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 22:35
ئەگەر كەتكۈزۈۋەتسە بۇرۇنقى پۇللارنى تېخىمۇ

يەنىلا مىلەن مەستانىسىدە سىز......  سىلەرگە سوۋغا قىلايلى. يىشىمۇ شۇ يەرگە بىرىپ قالغاندەك....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 22:39
يەنىلا مىلەن مەستانىسىدە سىز......  سىلەرگە سوۋغا قىلاي ...

   ئاۋۋال ئورۇن ئېلىپ قويۇپ، ئاندىن يازغان ئىنكاستى... زىۋىدە خانىمدەكلا ئالدىراپ قاپسىز...
  ھەراست، ھازىرقى مىلاندا 1980 - يىلىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان  پۇتبولچىدىن ئىككىنى سانىيالىسىڭىز سىزنى مېھمان قىلىمەن... بىزنىڭ تىرېنېرمۇ سىلەرنىڭكىدىن ياش جۇمۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:46:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشىمۇ تەس بۇنىڭ .. كومپانى يەنە توتتىنھامدىكى بىر بىك ساقلايدۇ بىلگىيەنىڭ تېمىنى .... بۇنى ساتسىمۇ پۇلغا ئالمايدۇ ئەڭ ياخشىسى يارىسىنى ئىككىنجى قوزغالماس قىلىپ داۋالاپ ماتىھۇ ، بارتىلانىڭ زاپىسى قىلىپ ئىشلەتكەن ياخشى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 22:46:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 22:42
ئاۋۋال ئورۇن ئېلىپ قويۇپ، ئاندىن يازغان ئىنكاستى...  ...


مىلانچىلار قارىماققا پو ئاتقاندەك بىلىنسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئاس مىلاننىڭ ھازىرقى ھالىتى  راسىتلا شۇنداق ياش ئىكەن. ۋارتار لوپىز تاز قانچە ياش بولغىيتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:49:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تېرىنىردىن خوش بولغان يىرىم بولسا مۇداپىيەنى ياخشىلىۋەتتى ، بىرلەشمىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزگەن كوماندا بولۇپ قاپتۇق... ئەمما  ئىنىستانى كاردىن چىقاردىدە. ئىنىستاغا مۇداپىيە مەسلىسى يۈكلىنىپ ، ھەم بۇرۇنقىدەك كۆپ بوشلۇق بولماي رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:52:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە  بارىسلونا كوماندىسىنىڭ  ۋېرمالىننى  ساقايغاندىن كىيىن  ئويناتماي ئامالى يوق .19 مىليون  سەرىپ قلىپ ئەكەلگەن توپچى تۇرسا ..... ئەمدى ساتاي دىسمۇ كىم ئالىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 22:54:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدايى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 22:49
بىزنىڭ تېرىنىردىن خوش بولغان يىرىم بولسا مۇداپىيەنى ي ...

پېكنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى نىمە دەمىز. بۇلالمىغاندا ئاندىن پېك يادىغا كىلدۇ. ۋېرمالىن ساقايسا پېك،ماسچىرانو ،ئالبا بىلەن بىرلىشەلىسىلا ئۈنۈمى ياخشى بۇلارمىكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:56:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇنىڭ مۇداپىيە ئىقتىدارغا قۇل قۇياتىىم.....بىر ياخشى بېك ئىدى .ئۈز ۋاختىدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-20 22:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ۋېرمالىنمىتى ئىسمى مەن دوگىلاس دەپ ئېلىپ قۇيۇپتىمەن ئەمەسمۇ يەنە بىر تىمىدا.........
بارسىلونادا يارلانغا مۇداپىيەچىلەر كىم -كىم...؟دوگىلاس ئىسملىك توپچى يوقتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 23:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىروي يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 22:57
ئاپلا ۋېرمالىنمىتى ئىسمى مەن دوگىلاس دەپ ئېلىپ قۇيۇپت ...

بارىسلونا كوماندىسىدا دوگىلاس ئىسملىك بىر بىرازىلىيە توپچىسى بار. ئەمما ئۇ ياردارمۇ-ئەمەسمۇ بىلمەيدىكەنمە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:52

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش