بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 03:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
مەن بۇ مۇنبەرەە ئەزا بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى 20 كۇلۇب تېرىنىرلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى تېما قىلىپ يۇللىغانىدىم، نەتىجىدە نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ياقتۇرۇپ ياخشى باھالارنى بېرىشى ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بۇلدۇم، شۇنىڭ تۈرىتكىسىدە بۇ قېتىم بىز دائىم دىققەت ئىتبارىمىزنى قارىتىپ، قىزىقىپ كېلىۋاتقان باشقا تۆت چوڭ بىرلەشمىدىكى زەردار كۇلۇبلارنىڭ تېرىنىرلىرىنىڭمۇ قىسقىچە تەرجىمھالىنى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن، مۇنبەرداشلىرىمنىڭ پىسەنتىگە ياقسا، ئاز تولا پايدىلنىش قىممىتى يارىتالىسا ئۆزەمنىڭ ئەمگىكىدىن تولىمۇ رازى بولغان بولاتتىم....
لويېس.ئېنرىك ( ئىسپانىيە بارسېلونا )
ئېنرىك 1970-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىسپانىيىنىڭ شىھۇندا تۇغۇلغان، بوينىڭ ئېگىزلىكى : 1.80 مېتىر، ئېغىرلىقى : 74 كېلوگىرام مەيداندىكى ئورنى: ئوتتۇرا مەيدان
توپچىلىق ھاياتى
ئۇ ئىسپانىيىنىڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەركەتچىسى.
ئۇنىڭ سۈرئىتى ۋە ئىنكاسى ئىنتايىن تېز بۇلۇپ، مەيداندا قاپقىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئوڭ بەل ئورنىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
1988-يىلى ئېنرىك رېئال مادىرىت ياشلار بازىسىغا قېتىلىدۇ، بىر يىل چېنىققاندىن كېيىن يۇرتىدىكى كۇلۇب—شىھۇن رىقابات كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلدۇ، 1991-يىلى قايتىپ كىلىپ، رېئال مادىرىت بىرىنچى سەپ كۇماندىسىدا توپ تېپىدۇ، ھەم شۇ يىلى دۆلەت كۇماندىسىغا چاقىرتىلىدۇ، ئۇنىڭ دۆلەت كۇماندىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ، 92-يىلى بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كۇماندىنىڭ چىمپىيۇن بولىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ، 1994-، 1998-، ۋە 2002-يىللىق ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ،1996-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، يارلىنىش سەۋەبلىك 2000-ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان، دۆلەت كۇماندىسىغا ۋاكالەتەن 62 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 12 توپ كىرگۈزگەن، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەت كۇماندىسىدىن چېكىنگەن.
ئۇ 1996-يىلى رېئال مادىرىتدىكى توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەركىن توپچى ھالىتىدە بارسېلونا كۇلۇبىغا قوشۇلغان، گەرچە ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەشەددى رەقىبلەردىن بۇلغان رېئال مادىرىت ۋە بارسېلونادىن ئىبارەت ئىككى كۇلۇبدا توپ تەپكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككىلا تەرەپ توپ مەستانىلىرى ئۇنى ئىنتايىن ئالقىشلايدۇ، بۇلۇپمۇ بارسېلونا توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئورۇن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر توپچى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ بارسېلونا كۇلۇبىدا كۇماندا بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپ ۋە نەتىجىلەرنى ياراتقان، كۇماندىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2003-04-مۇسابىقە پەسلىدە ئېغىر يارلىنىپ، كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە ئۆز يۇرتىدىكى شىھۇن رىقابەت كۇلۇبىغا قايتىپ كەتكەن ھەمدە شۇ يەردە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلشتۇرغان.
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
مادىرىت :
1993-يىلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ئۇزغۇنى
1993-يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى
1995-يىلى ئىسپانىيە ئا بىرلەشمە ئۇزغۇنى
بارسېلونا :
1996-يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
1997-يىلى ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى
1997-، 1998-يىلى ئىككى قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى
1998-، ۋە 1999-يىلى ئىككى قېتىم ئىسپانىيە ئا بىرلەشمە ئۇزغۇنى
تېرىنىرلىق ھاياتى
ئېنرىك تېرىنىر بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن بارسېلونا ب كۇماندىسىنى تۇتقان، تېرىنىرلىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنى خېلى مۇۋاپىقيەتلىك باسقاندىن كېيىن، 2011-يىلى 6-ئايدا تۇختامنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىتالىيە رىم كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، بېلانوۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بارسېلونا كۇلۇبى ئېنرىكنى قايتۇرۇپ كېلىپ بىرىنچى سەپ كۇماندىسىنى قامچىسىنى تۇتقۇزغان.
كارلو.ئەنچېلودى ( ئىسپانىيە رېئال مادىرىت )
ئەنچېلودى 1959-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيىنىڭ رېجاۋلودا تۇغۇلغان ئېگزلىكى : 1.79 مېتىر ئېغىرلىقى : مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان
توپچىلىق كەسپى ھاياتى
ئۇ ئىتالىيە ۋە ئاس مىلەن تارىخىدىكى مۇنەۋۋەر تۆھپىكار توپچى ۋە تېرىنىرلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
توپچى ۋاقتىدا پارما، رىم، ئاس مىلەن كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن
`1976-يىلدىن 1979-يىلغىچە ئىتالىيە پارما كۇماندىسىدا
1979-يىلدىن 1987-يىلغىچە ئىتالىيە ئىتالىيە رىم كۇماندىسىدا
1987-يىلىدىن 1992-يىلغىچە ئاس مىلەن كۇماندىسىدا توپ تەپكەن.
بۇ جەرياندا ئىككى قېتىم ئىتالىيە ئا بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى، ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ئۇزغۇنى، ئىككى قېتىم تويوتا لوڭقىسى ئۇزغۇنى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى ۋە بىر قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئىتالىيە دۆلەت كۇماندىسى ئۈچۈن، 1986- ۋە 1990- يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، 1988-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتناشقان، ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن. 1992-يىلى كەسپى ھاياتىدىن چېكىنگەن
تېرىنىرلىق كەسپى ھاياتى ۋە ئېرشكەن نەتىجىلىرى
ئۇ چېكىگەندىن كېيىن تېرىنىر بۇلۇپ ، تۇنجى قەدىمىنى ئىتالىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئالگېر.ساچقا ياردەمچى بولۇشدىن باشلىغان
95-يىلدىن 98-يىلغىچە رېگىنا كۇلۇبىغا تېرىنىر بولغان ھەمدە كۇماندىنى ئا بىرلەشمىگە ئېلىپ چىققان.
1998-يىلى ئىتالىيە يۇۋېنتىس كۇلۇبىغا تېرىنىر بولۇپ، 99-،2001-يىللىرى ئىككى قېتىم يۇۋېنتىسنى ئا بىرلەشمىنىڭ ئىككىنچىلىكىگە ئېرىشتۈرۈپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقە ئويناش سالاھىتىگە ئېگە قىلغان.
2002-يىلى ئاس مىلەن كۇلۇبىغا تېرىنىر بولغان، ئاس مەلەن كۇلۇبىدا ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنى ئىسپاتلاپ دۇنيا تۇنۇلغان داڭلىق تېرىنىرلاردىن بۇلۇپ قالغان، مىلەن كۇماندىسىنى قايتىدىن ھاياتى كۈچگە ئېگە قىلىپ ، ياۋروپانىڭ زومىگەرلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان، نۇرغۇنلىغان شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، مىلەننىڭ يېڭى دەۋرىنى ياراتقوچىلاردىن بۇلۇپ قالغان.
2003-يىلى :
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى
ياۋروپا دىرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
ئىتالىيە لوڭقىسى
2004-يىلى :
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە ئۇزغۇنى
ئىتالىيە دىرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
2007-يىلى :
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى
ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى
2009-يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە بېرىپ، ئۈچ يىللىق توختام بىلەن ئېنگىلانددىكى كۆك قوشۇن چېلسىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغان، شۇ يىلى 9-ئايدا رايۇنلار قالقان لوڭقىسىدا مانچېستىر بىرلەشمىسىنى يېڭىپ، ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشكەن.
2009-يىلى رايۇنلار قالقان لوڭقىسى
2010-يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ئۇزغۇنى
ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2011-يىلى چېلسىدىن قايتىپ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى پارىژ سانت ژېرمان كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرى بولدى، بۇ يەردىكى قىسقىغىنە ھاياتىدا 2013-يىللىق فىرانسىيە ئا دەرىجىلكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولدى.
2013-يىلى 6-ئايدا ئىسپانيە رېئال مادىرىتنىڭ قامچىسىنى قولغا ئالدى، كەلگەن تۇنجى يىلىلا شۇ پەسىللىك ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ۋە مادىرىت تارىخىدىكى 10- ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى 5-ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ئېرىشتى.

دىيېگۇ. سېمونى ( ئىسپانىيە مادىرىت رىقابەت)
سېمونى 1970-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئارگېنتىنا بوئېنىس.ئايرىسدا تۇغۇلغان
بوي ئېگىزلىكى : 1.80مېتر ئېغىرلىقى : 77 كېلوگىرام مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان
توپچىلىق كەسپى ھاياتى
ئۇ كەسپى ھاياتىنى 1987-يىلى 9-ئايدا ئارگېنتىنادىكى سانسفېرىت كۇلۇبىدىن باشلىغان، 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاندىن ياۋروپا سەھنىسىگە قەدەم قويغان. 1988-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت كۇماندىسىغا چاقىرتىلغان، دۆلەت كۇماندىسىدا 106 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 11 توپ كىرگۈزگەن، 89-يىلى دۇنيا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە، 92-يىلى بىرلەشمە تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە، 94-،98-،2002-يىللاردىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ۋە 96-يىلدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىقىنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
توپ تەپكەن كۇلۇبلار :
87-90-يىلغىچە ئارگېنتىنا سانسفېرىت كۇلۇبى
90-92-يىلغىچە ئىتالىيە پىسارو كۇلۇبى
92-94-يىلغىچە ئىسپانىيە سېۋىللا كۇلۇبى
94-97-يىلغىچە ئىسپانىيە مادىرىت رىقابەت
97-99-يىلغىچە ئىتالىيە ئىنتىر مىلەن
99-2003-يىلغىچە ئىتالىيە لازىئو
03-2005-يىلغىچە ئىسپانىيە مادىرىت رىقابەت
05-2006-يىلغىچە ئارگېنتىنا ئاۋېيانادا كۇلۇبى
بۇ جەرياندا 461 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 83 توپ ئۇرغان.
2006-يىلى 19 يىللىق كەسپى ھاياتىدىن چېكىنىگەن.
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
1991-يىلى ئارگېنتىنا دۆلەت كۇماندىسى ئامېركا لوڭقىسى ئۇزغۇنى
1993-يىلى ئارگېنتىنا دۆلەت كۇماندىسى ئامېركا لوڭقىسى ئۇزغۇنى
1996-يىلى مادىرىت رىقابەت ئىسپانىيە ئا بىرلەشمە ئۇزغۇنى
1996-يىلى مادىرىت رىقابەت ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ئۇزغۇنى
1998-يىلى ئىنتىر مىلەن ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2000-يىلى لازىئو ئىتالىيە ئا بىرلەشمە ئۇزغۇنى
2000-يىلى لازىئو ئىتالىيە لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2001-يىلى لازىئو ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى
تېرىنىرلىك كەسپى ھاياتى ۋو ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
ئۇ تېرىنىر بولغاندىن كېيىن ، 2006-يىلى 2-ئايدىن 5-ئايغىچە ئارگېنتىنا رىقابەت كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرى بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئارگېنتىنا لاپۇلاتا ئۇنۋېرستېتى پۇتبول كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرى بۇلۇپ يۆتكۈلۈپ كەتكەن.
2007-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە ئارگېنتىنا دەريا قېنى كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرى بولغان
2011-يىلى 12-ئايدا ئۆزى توپ تەپكەن كۇلۇب، ئىسپانىيىدىكى مادىرىت كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇ مادىرىت رىقابەت كۇماندىسىنى قايتىدىن ھاياتى كۈچ ۋە ئىشەنچگە ئېگە قىلىپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بارسېلونا ۋە رېئال مادىرىتقا زۇر تەھدىت پەيدا قىلالايدىغان ، ياۋروپا سەھنىسىدە ئەنىئەنىۋى كۈچلۈك كۇماندىلارغا خىرىس ئېلىپ كىلەلەيدىغان كۈچلۈك بولغان ئۈچىنچى بىر زەردار كۇماندىنى قۇرۇپ چىقتى.
2006-يىلى ئارگېنتىنا لاپۇلاتا ئۇنۋېرستېتى ئارگېنتىنا ئەتىيازلىق ئا بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى
2008-يىلى ئارگېنتىنا دەريا قېنى ‹‹يازلىق بەش كۈچلۈك پۇتبول مۇسابىقىسى››نىڭ ئۇزغۇنى
2012-يىلى مادىرىت رىقابەت ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنى
2014-يىلى ئىسپانىيە ئا بىرلەشمە ئۇزغۇنى
2014-يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
2014-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ئىككىنچى
قاتارلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى.
داۋېد.مويېس ( ئىسپانىيە خانلىق جەمىيەت)
مويېس 1963-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، سىكوتلاند نىڭ گېراسكى دا تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى : 1.85 مېتىر مەيداندىكى ئورنى : مۇداپىئە
ئۇ، ئېنگىلاددىكى كۆپلىگەن تېرىنىرلارغا ئوخشاش توپچىلىق دەۋرىدە ئانچە بەك مۇۋاپىقيەت قازانغان توپچى ئەمەس، 1982-يىلىدن باشلاپ سىكوتلانددىكى كىلىتلىقلار كۇلۇبىدا توپ تەپكەن، 20 ياش ۋاقتىدا كۇماندا بىلەن بىرلىكتە توپچىلىق ھاياتىدىكى ئېرىشكەن بىردىنبىر لوڭقا بولغان سىكوتلاند ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولغان، كېيىن تۇيۇقسىز كۇلۇب تېرىنىرنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغان، بۇ ۋاقىتتا ئېنگىلاند زەردارلىرىدىن ئارسىنال بىلەن ساندېرلاند كۇلۇبى مويېسقا تەكلىپ ئەۋەتىپ، كۇماندىنىڭ سىناق مەشىقىدىن ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن مۇغەمبەر مويېس، ئۆزىنىڭ سىناق مەشىققە قاتنىشىشىنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى ئېيتىپ رەت قىلىۋېتىدۇ، ھەم ياخشى بىر پۇرسەتتىن مەھروم قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جان ساقلاشنىڭ غىمىدە تۈۋەن دەرىجىلىك كۇلۇبلاردا كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
تېرىنىرلىق كەسپى ھاياتى ۋە نەتىجىلىرى
1998-يىلى 1-ئايدا، مويېس پۇرېستون كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى قولىغا ئالىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ كۇلۇب نۇرۈۇنلىغان ئىچكى-تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلى دەرىجە چۈشۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى، مويېس دەرھال كۇماندىنى تەرتىپكە سېلىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ھېچقانداق داڭلىق توپچى سېتىۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كۇماندىنى يېتەكلاپ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر مەيداندا ئىككىدىن نومۇر ئېلىپ كۇماندىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ، ھەمدە ئا دەرىجىگە ئۆرلەش پۇرسىتىنى يارىتىپ، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدا غەلبە بىلەن دەرىجە ئۆرلەپ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چىقىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ نامى بىراقلا چىقىپ، ئېنگىلاند زەردارلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، مانچېستىر بىرلەشمىسى تەكلىپ ئەۋەتىپ، مويېسنى فۇرگۇسىننىڭ ياردەمچىلىكىگە تەكلىپ قىلدۇ، لېكىن يەنىلا مويېس بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ زەردار كۇلۇبلاردا مۇستەقىل تېرىنىر بولۇش پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ.
2002-يىلى ئېۋىرتون كۇلۇبىغا تېرىنىر بۇلۇپ، ئاخىرى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە كىرىش ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، 10 يىل ئىپادىسى ناچار بولغان بىر كۇلۇبنى يېتەكلەپ تۇنجى يىلى 7 -ئورۇنغا چىقىدۇ، ھەمدە شۇ يىلى بىرلەشمىدە مۇنەۋۋەر تېرىنىر بۇلۇپ باھالىنىدۇ، كېيىنكى پەسىل بىرلەشمىدە 4-ئورۇنغا چىقىپ ئېۋرتوننى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئېگە قىلىدۇ، ھەم يەنە بىر قېتىم مۇنەۋۋەر تېرىنىر بۇلۇپ باھالىنىدۇ، 2009-يىلى ئۇيۇشما لوڭقسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئۈچىنچى قېتىم مۇنەۋۋەر تېرىنىر بۇلۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ.
2013-يىلى 5-ئايدا، مانچېستىر بىرلەشمىسى فۇرگۇسىننىڭ ئورنىغا مويېسنى تېرىنىر قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن ئۇ بىر يىل ئىچىدە مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇماندىسىغا ئەڭ ناچار نەتىجە بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ناھايىتى تېزلا مانچېستىردىن ئايرىلىدۇ.
2014-يىلى 11-ئايدا ئىسپانىيە خانلىق جەمىيەت كۇلۇبنىڭ تېرىنىرى بولدى

فېلىپ. ئېنزاگى ( ئىتالىيە ئاس مىلەن)
ئېنزاگى 1973-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىتالىينىڭ پىئاكىنزا دا تۇغۇلغان، بويىنىڭ ئېگىزلىكى : 1.81مېتىر ئېغىرلىقى : 74 كېلوگىرام مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇم
توپچىلىق كەسپى ھاياتى
ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى يۇرتىدىكى پۇتبول كۇلۇبى پىئاكىنزادىن باشلانغان، دەسلەپتە ب س بىرلەشمىدىكى بىرقانچە كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن، كېيىن پارما كۇلۇبىغا قوشۇلغان، لېكىن كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن، 96-97-مۇسابىقە پەسلىدە يارلىنىپ ئاتلانتا كۇلۇبىقا سېتىۋېتىلگەن، ئاتلانتاغا كېلىپلا ئۇ جانلىنىشقا باشلىغان، 24توپ كىرگۈزۈپ شۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولغان، ھەمدە يۇۋېنتىس قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارىتقان، شۇنىڭ بىلەن 1997-يىلى يۇۋېنتىسقا قوشۇلغان، ئۇ كەلگەن بىرىنچى يىلىلا كۇماندىغا ھەمدەم بۇلۇپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن، ۋە يەنە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇڭ لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن( مادىرىت تەرىپىن مەغلۇپ بولغان)، شۇ ۋاقىلاردا زىدانى،پېرلو لار بىلەن بىرلىكتە يېۋېنتىسنىڭ قورقۇنۇچلۇق تۆمۈر ئۈچ بۇرجەكلىك ھۇجم سېپىنى ھاسىل قىلغان .
2001-يىلى ئاس مىلەن كۇلۇبىقا قۇشۇلغان، 02-2003-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان بۇلۇپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا 12 توپ كىرگۈزۈپ مىلەننىڭ ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىشكە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن، 06-2007-مۇسابىقە پەسلىدە يەنە ياۋروپا .ۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىدا، ئىككى توپ ئۇرۇپ 1:2 نەتىجە بىلەن لېۋىرپولنى بۇغۇزلاپ، ئاس مىلەن تارىخىدىكى 7-ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن، ھەم شۇ يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە بىر توپ ئۇرۇپ رەقىبىنى يېڭىپ، مىلەننىڭ 5-قېتىم بۇ تۈردىكى لوڭقىنى كۆتۈرۈشكە كۈچ قوشقان، بۇ بىر توپى بىلەن ياۋروپا سەھنىلىرىدە 59 توپ كىرگۈزۈپ، شىفۇچېنكو بىلەن تەڭلىشىپ، موللىرنىڭ 69 توپلۇق رېكۇرتىنىڭ كەينىدىلا تۇرغان( كېيىن بۇ رېكۇرتنى راھۇل، ئۇنىڭدىن كېيىن مېسسى بۇزۇپ 75 توپقا كۆتۈرگەن).
ئىتالىيە دۆلەت كۇماندىسى ئۈچۈن، 57 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 25 توپ كىرگۈزگەن.
ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ مۇسابىقىلەردە 110 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 70 توپ كىرگۈزگەن.
ھەر قايسى كۇلۇبلاردا جەمئى 619 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 287 توپ كىرگۈزگەن
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
95-يىلى پىئاكىنزا ئىتالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە ئۇزغۇنى
98-يىلى يۇۋېنتىس ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە ئۇزغۇنى
ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
99-يىلى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى خەلىقئارا تۇتۇ لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2004ۋە 2011-يىلى مىلەن ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە ئۇزغۇنى
2003-يىلى ئىتالىيە لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2011-يىلى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2003 ۋە 2011-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2003 ۋە 2007-يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2003-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ئۇزغۇنى
دۆلەت كۇماندىسى :
94-يىلى ياۋروپا 21ياشلىقلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۇزغۇنى
96-97-يىللىرى ئىتالىيە مەرگىنى
2007-يىلى، ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچدىكى مۇنەۋۋەر توپچى
ئىتالىيىنىڭ ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدىكى مۇنەۋۋەر مەرگىنى
ئىتالىيە جۇمھۇريىتى تۆھپىكار ئوردېنى
سېلسىئا كەسپى مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى
2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ئۇزغۇنى
2000-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى ئىككىنچى
2012-يىلى 7-ئايدا، ياۋروپادا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن، ئىتالىيە دۆلەت كۇماندىسى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان، ئاس مىلەن كۇلۇبىدا 11 يىل شانلىق شان-شەرەپ ۋە نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇ مۇنەۋۋەر پۇتبول چولپىنى ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
تېرىنىرلىق ھاياتى
ئېنزاگى توپچىلىق كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا، ئاس مىلەن 17 ياشلىقلار كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، 2013-يىلى ئاس مىلەن تەييارلىق كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرى بولدى.
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى رەسمى ھالدا مىلەن بىرىنچى سەپ كۇماندىسىنىڭ قامچىسىنى قولىغا ئالدى، توختام مۇددىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگەىچە بولىدۇ.
ماسمېليانو.ئالەيگىرى ( ئىتالىيە يۇۋېنتىس)
ئالەيگىرى 1967-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىتالىيىنىڭ لىۋېرنو دا تۇغۇلغان. ئېگىزلىكى : 1.83مېتىر ئېغىرلىقى : 75 كېلوگىرام
توپچىلىق ھاياتى
ئۇنىڭ توپچىلىق ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى ئىتالىيىدىكى تۈۋەن دەرىجىلىك كۇلۇبلاردا ئۆتكەن، ئلگىرى-كېيىن بۇلۇپ، لىۋېرنو، پىشكارا ، كالىيار....قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن، پەقەت 97-98-مۇسابىقە پەسلىدە بىر يىل ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى نابلېس كۇلۇبىدا توپ تەپكەن، ئۇ بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 19 يىللىق كەسپى ھاياتىدا ھەر قايسى كۇلۇبلاردا ئاران 59 توپ كىرگۈزگەن، ئۇنىڭ توپچىلىق كەسپى ھاياتىنى ئۇتۇقلۇق بولىمغان دېيىش تامامەن مۇمكىن.
2003-يىلى پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
تېرىنىرلىق ھاياتى
ئۇنىڭ تېرىنىرلىق ھاياتى 2004-يىلى، ئۆزى توپ تەپكەن كۇلۇبى ئاگېلانس كۇلۇبىدىن باشلانغان، كېيىن يەنە گېروسانتو، ساسۇلۇ، كالىيار كۇلۇبلىرىدا تېرىنىر بولغان.
2010-يىلى 6-ئايدا، ئاس مىلەن كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇ مىلەن كۇماندىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلغان، تۇنجى يىلىلا ئىتالىيە ئا بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى ۋە ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۇماندىنىڭ ئومۇمى ئىپادىسىدا چېكىنىش بۇلۇپ، ئالەيگېرى ناھايىتى چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەن، تاشقى جەھەتتە مىلەن مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ قارشلىشىغا ئۇچۇرغان. ئىچكى جەھەتتىن، ئۇنىڭ بىلەن كۇماندا ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت كۆرۈلۈپ، بەزىبىر توپچىلارنىڭ كۇماندىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىرلەشمىنىڭ 19 مەيدان مۇسابىقىسىدە 5 ئۇتۇپ 7 تەڭلىشىپ 7ئۇتتۇرىشدەك ئېچىنىشلىق نەتىجە ياراتقان، شۇنىڭ بىلەن مىلەن يۇقىرى قاتلىمى ئالەيگېرىنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن.
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىتالىيە تاغىل ئات قوشۇنى—يۇۋېنتىسقا تېرىنىر بولغان.
ئۇ تېرىنىرلىق ھاياتىدا ئىككى قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى تېرىنىرلىرى ‹‹ ئالتۇن ئورۇندۇق›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

روبېرتو.مەنچېنى ( ئىتالىيە ئىنتىر مىلەن)
مەنچېنى 1964-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىتالىيىنىڭ يېس دا تۇغۇلغان، بويىنىڭ ئېگىزلىكى : 1.75 مېتىر ئېغىرلىقى : 64 كېلوگىرام
توپچىلىق ھاياتى
ئۇ 1981-يىلى 16يېشىدا بولۇنىيا كۇلۇبىدا ئۆزىنى كەسپى ساياتىنى باشلىغان، ھەم شۇ ۋاقىتتىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياش توپ بۇلۇپ قالغان، 30مەيدان مۇسابىقىدە 9 توپ كىرگۈزۈپ، قالتىس نەتىجە ياراتقان، 17 يېشىدا سانپۇدولىيا كۇلۇبىغا قۇشۇلۇپ، بۇ كۇلۇبدىكى 15 يىللىق ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان، بۇ كۇلۇبدا جەمئى 563 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 173 توپ كىرگۈزۈپ، سانپۇدولىيا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە قەھىرمانغا ئايلانغان، كۇلۇب ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپ ۋە نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇلۇپ، سانپۇدولىيا كۇماندىسىنى ياۋروپاغا تۇنۇتقان.
1997-يىلى سانپودۇلىيا كۇلۇبىدىكى 15 يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلشتۇرۇپ لازىئو كۇلۇبغا قوشۇلغان، 2000-يىلغىچە لازىئو كۇماندىسىدا 126 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ ئۇرغان، ھەمدە كۇماندا بىلەن بىرلىكتە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
2000-يىلى ئېنگىلانددىكى لەيچېستىر شەھىرى كۇلۇبىغا قوشۇلغان، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇرۇنقى ئىپادىسىنى يوقاتقان مەنچېنى بۇ يەردە ئاران تۆت مەيدان مۇسابىقىگىلا قاتنىشالىغان. 2000-يىلى كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
ئۇ ھەر قايسى كۇلۇبلاردا جەمئى 719قېتىم مەيدانغا چىقىپ 206 توپ ، دۆلەت كۇماندىسى ئۈچۈن 63مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس نەتىجە ياراتقان.
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
ئىككى قېتىم ئىتالىيە ئا بىرلەشمە ئۇزغۇنى ( 1991 ، 2000)
ئالتە قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى ئۇزغۇنى( 1985،1988،1989،1994،1998،2000)
ئىككى قېتىم ياۋروپا غالىپلار لوڭقىسى( 1990،1999)
بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ئىككىنچى (1991-1992 )
ئىككى قېتىم ئىتالىيە پۇتبول ئەپەندىسى (1988،1992)
تېرىنىرلىق ھاياتى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
2000-يىلى مەنچېنى لازىئو كۇماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنىرى بولدى، بىر يىلدىن كېيىن فىلورىنسا كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى بۇلۇپ يۆتكۈلۈپ كەتتى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەچېنى بىر چېچىلاڭغۇ، دەرىجە چۈشۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كۇماندىنى يېتەكلەپ، بىرلەشمىدە دەرىجە ساقلاپ قالغاندىن سىرىت،ھەممنى تاڭ قالدۇرۇپ، ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشتى، ئۇزۇن ئۆتمەي كۇماندىدىكى بەزى مەسىلىلەر ئۇنىڭ كۇماندىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2002-يىلى5-ئايدا، لازىئو كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرى بولدى، ئىككى يىللىق لازىئودىكى ھاياتىدا ئۇ پەقەت ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭلا ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشەلىدى، توختام مۇددىتىنى ئاخرلاشتۇرۇپ، 2004-يىلى تۇنجى قېتىم ئىنتىر مىلەن كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالدى، ئىنتىر مىلەن كۇلۇبىدا ئۇ ئۆزىنىڭ شانلىق دەۋرىنى كۈتىۋالدى، كۇماندىنى يېتەكلەپ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى، 06.07،08 -يىللىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىتالىيە ئا بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى، ئىككى قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنى ۋە ئىككى قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشتى . ئىتالىيىدىكى مۇنەۋۋەر تېرىنىر دېگەن شەرەپ نائىل بولدى.
2009-يىلى مەنچېنى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە بېرىپ مانچېستىر شەھىرىنىڭ قاپچىسىنى قولىغا ئالدى، ئاللىبۇرۇن مۇنەۋۋەر تېرىنىر بۇلۇپ پىششىپ يېتىلگەن بۇ ئادەم 2012-يىللىق ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشىپ، مانچېستىر شەھەر كۇلۇبىنىڭ 44 يىل بىرلەشمە ئۇزغۇنى بولالماسلىقدەك تارىخىغا خاتىمە بەردى، ھەمدە يەنە رايۇنلار قالقان لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشتى ، كۇلۇبنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قايتۇرۇپ كەلدى.
2014-يىلى 11-ئايدا قايتىدىن مېئاچا دا پەيدا بۇلۇپ، ئىنتىر مىلەن كۇلۇبىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى.
گۇاردېئولا ( گېرمانىيە بەيرىن مىيۇنخىن)
گۇاردېئولا 1971-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىسپانىيىنىڭ سانپېدودا تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى : 1.80 مېتىر ئېغىرلىقى : 70 كېلوگىرام
توپچىلىق ھاياتى
ئۇ مەيداندا ئاساسلىقى ئوتتۇرا مەيدان ۋە بەزىدە مۇداپىئەدىمۇ ئوينايىتتى، 1984-يىلى 6-ئايدا 13 يېشىدا بارسېلونا كۇلۇبىقا كەلگەن، ياشلار كۇماندىسىدىن بىرىنچى سەپ كۇماندىسىغا چىققۇچە نۇرغۇن جاپالىق مەشىق ۋە چېنىقىشلاردا تاۋلىنىپ، ئاخىردا بارسېلونانىڭ تۆھپىكار، مۇنەۋۋەر توپچىسىغا ئايلانغان، 90-يىلى 12-ئايدا بارسېلونا تېرىنىرى كىرۇيېف ئۇنى تۇنجى قېتىم بىرىنىچى سەپ كۇماندىسىغا ۋاكالەتەن مەيدانغا چىقارغان، 20 ياشقا كىرگەندۇ ئۇ ئاللىقاچان بارسېلونا بىرىنچى سەپ كۇماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلانغان، ئەينى ۋاقىتتىكى لاۋدېرۇف، باكىرو، بېگىرىستان قاتارلىق توپچىلار بىلەن قوشۇلۇپ، بارسېلونا كۇماندىسىنىڭ كۈچلىك ئوتتۇرا مەيدان قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان، ئۇ بارسېلونا كۇلۇبىدا 17 پەسىل توپ تەپكەن بۇلۇپ، كۇماندا بىلەن بىرلىكتە ئالتە قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغونى، بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇوق لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنى، بىر قېتىم ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنى، ئىككى قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنى، ۋە تۆت قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇزۇن ۋاقىت بارسېلونا كۇماندىسىنىڭ كاپىتانى بۇلۇپ، كۇماندا بىلەن بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان مۇنەۋۋەر توپچى. بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە قالتىس ئىپادىسى بىلەن، 11 كىشلىك بارسېلونا تارىخى سەپ شەكلىنىڭ ئوتتۇرسىدىن مەھكەم ئورۇن ئالغان.
نويېس ۋە ۋانجالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يۈلەنچۈكىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشى ۋە كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى بىلەن توپچىلار ئوتتۇرسىدىكى بەزى بىر ئىختىلاپلار تۈپەيلى ئۇ بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، 2001-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، گۇاردېئولا بارسېلونا توپ مەستانلىرىنىڭ : ‹‹ گۇاردېئولا سەن كەتمە، سەن بىزنىڭ ›› دەپ توۋلىغان سادالىرى ئىچىدە، بارسېلونادىن ئايرىلىپ، بورسىيا كۇلۇبىقا قوشۇلغان.
توپ تەپكەن كۇلۇبلار :
84-90-يىلغىچە بارسېلونا ب كۇماندىسى
90-2001-يىلغىچە بارسېلونا بىرىنچى سەپ كۇماندىسى
01-2002-يىلغىچە بورسىيا كۇلۇبى
02-2002-يىلغىچە رىم كۇلۇبى
2003-يىلى بورسىيا كۇلۇبى
03-05-يىلغىچە ئەل-ئاخىر كۇلۇبى
05-06-يىلغىچە مېكسىكا دورادوس كۇلۇبى
1992-يىلى تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە دۆلەت كۇماندىسىغا چاقىرتىلغان، بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، بىر قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، بىر قېتىم ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن، يارلىنىش ۋە تېرىنىرنىڭ تاللىشى سەۋەپلىك دۆلەت كۇماندىسىدا پەقەت 47 مەيدان مۇسابىقىگىلا قاتناشقان، ھەمدە 5 توپ كىرگۈزگەن، ئېغىر يارلىنىپ، 98-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان.
2006-يىلى كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تېرىنىر بولغان.
ئېرشكەن نەتىجىلىرى :
1992-يىلى دۆلەت كۇماندىسىدا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىقىنى ئەرلەر پۇتبول تۈرى ئالتۇن مېدالى
1992-يىلى ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش ماھىر
92-،2000-يىلىدىكى ياۋروپا مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى
تېرىنىرلىق ھاياتى
ئۇ تېرىنىرلىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئۆزىنى تەربىيىلىگەن بارسېلونا كۇلۇبىدىن باشلىدى، كۇماندىنى يېتەكلىگەن تۆت يىل مابەينىدە، كۇماندىدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، چوڭ ئۆزگۈرۈش كىرگۈزۈپ، بارسېلوناچە ئالاھىدىلىككە ئېگە تىكى-تاكا ئۇسلوبىنى قايتىدىن كۇماندىغا سىڭدۈرۈپ مۇۋاپىقيەت قازاندى، كۇماندىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچتى، خاۋېي، ئېنىستا، مېسسى، پېدىرو،پېك، بوسكېس....قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، ناھايىتى تېزلا تېرىنىرلىق ساھەسىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان داڭلىق تېرىنىر بۇلۇپ كۆزگە كۆرۈندى، 2008-09-مۇسابىقە پەسلىدە بىر يىلدا، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى، ئىسپانىيە ئا بىرلەشمە لوڭقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدىن ئىبارەت ئالتە لوڭقا كۆتۈردى، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن كىرويىف ۋە سامېتىردىن كېيىن 3-بۇلۇپ توپچى ۋە تېرىنىر ۋاقتىدا ئىسپانىيە ئا بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن ئادەم، توپچى ۋە تېرىنىرلىق سالاھىتىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن 6-ئادەم بۇلۇپ تارىخ بېتىگە تىزىلدى، ھەمدى 21-ئەسىردىكى تۇنجى بۇلۇپ 3 چوڭ لوڭقىغا، تارىختىن بۇيانقى تۇنجى بۇلۇپ بىر يىلدا ئالتە لوڭقىغا ئېرشكەن تېرىنىر بۇلۇپ قالدى.
مەيلى توپچىلىق ۋاقتىدا بولسۇن ۋە مەيلى تېرىنىرلىق قىلغان ۋاقتىدا بولسۇن بارسېلونا ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇ مۇنەۋۋەر تۆھپىكار 2012-يىلى بارسېلونادىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
2013-يىلى 1-ئايدا بەيرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىشى بىلەن گۇاردېئولا بۇ كۇلۇبنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى، بەيرىنگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۇلۇپ ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تېرىشىپ يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلمەكتە.....
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
ئۈچ قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ( 2009، 2011 ،2013)
ئۈچ قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ( 2009، 2011 ،2013)
ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمە ئۇزغۇنى ( 2009 2010 2011 )
ئىككى قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوقىسى (2009 2012 )
ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ( 2009 2010 2011 )
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ( 2009، 2011 )
گېرمانىيە ئا بىرلەشمە لوڭقىسى (2014)
گېرمانىيە لوڭقىسى (2014)
جۇرگېن.كىلوپ ( گېرمانىيە دورتمۇند )
كىلوپ 1976-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربى دېستۇگارت دا تۇغۇلغان، ئېغىرلىقى : 83 كېلوگىرام
ئۇ فىرانكىفۇرت ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەنتەربىيە ئىلمى كەسپىدە ئوقىغان.
پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتى ئاساسەن گېرمانىيە ب بىرلەشمىسىدىكى مېينىز كۇلۇبىدا ئۆتكەن، 1990-يىلدىن تاكى 2001 يىلى چېكىنگەنگە قەدەر شۇ كۇلۇبدا توپ تەپكەن، ئۇ دەسلەپتە ھۇجۇم ئورنىدا ئوينايىتتى،95-96-مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن مۇداپىئەگە ئالماشقان، مېينىز كۇماندىسى ئۈچۈن 325 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 52 توپ كىرگۈزگەن.
تېرىنىرلىق ھاياتى
كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزى توپ تەپكەن مېينىز كۇلۇبىدا 8 يىل تېرىنىرلىق قىلغان، 2003-04-مۇسابىقە پەسلىدە كۇماندىنى يېتەكلەپ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئېلىپ چىققان، ( 2007-يىلى بۇ كۇماندا يەنە ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتكەن)
2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، دورتمۇند كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرى بولغان، ئۇ ئالدىنقى پەسىلدە 13 ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان كۇماندىنى يېتەكلەپ، كۇماندىنىڭ ناچار ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، تۇنجى يىلىلا بەيتىن مىيۇنخىن كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن، بىرلەشمىدە كۇماندىنى 6-ئورۇنغا ئېلىپ چىققان، ئىككىنچى يىلى بىرلەشمىدە 5-ئورۇنغا چىقىرىپ، كۇماندىنىڭ ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناش
سالاھىتىگە ئېرىشتۈرگەن، 2011-10-مۇسابقە پەسلىدە دورتمۇند كۇماندىسى بىردىنلا چاقناپ بىرلەشمىدە ئۈچ ئايلانما بۇرۇن چمپىيۇنلۇققا ئېرىشىشدەك ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ھەمدە 9يىلدىن كېيىن 7-قېتىملىق بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرشكەن، كېيىنكى پەسىل ئىككى ئايلانما بۇرۇن 8-قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، ھەمدە گېرمانىيە لوڭقىسىنىڭىمۇ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇنجى قېتىم بىر يىلدا قوش لوڭقىغا ئېرىشىشدەك ياخشى نەتىجە ياراتقان، ئىككى پەسىل بەيرىن كۇماندىسىنى ئۇددا بەش مەيدان مەغلۇپ قىلدى، 2012-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھالاكەت گۇرۇپپىسىدا 4 ئۇتۇپ 2 تەڭلىشىشدەك قالتىس نەتىجە بىلەن ھەممىنى تاڭ قالدۇردى، يېرىم ھەل قىلغۇچدا ئىسپانىيە زەردارى رېئال مادىرىتنى بۇغۇزلاپ، 16يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىردى.
كىلوپنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ يېتەكلىشى بىلەن، دورتمۇند كۇماندىسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۇماندىدىن ياۋروپادىكى زەردار كۇماندىلارغا رەقىب بۇلالىغۇدەك كۈچلۈك كۇماندا بۇلۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئەپسۇس، 2015-14-مۇسابىقە پەسلىدە كۇماندىدىكى بەزى غۇللۇق ماھىرلارنىڭ ئايرىلىشى بىلەن كۇماندىنىڭ بىرلەشمىدىكى ئىپادىسىدە زور دەرىجىدە چېكىنىش كۆرۈلدى، ئۇزغۇنلۇق سەھنىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، بىرلەشمىدىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى كىلوپنىڭ ئورنىغا تەۋرىنىش ئېلىپ كەلدى.
لاۋرېنىت .بېلانىك ( فىرانسىيە پارىژ سانىت ژىرمان )
بېلانىك 1965-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى فىرانسىيىنىڭ ئالايىسدا تۇغۇلغان، ئېغىرلىقى : 87 كېلوگىرام
ئۇ ئەڭ بۇرۇن فىرانسىيەنىڭ مونتىپېللىر كۇلۇبىدىن يېتىشىپ چىققان. ئۇ بىر مۇداپىئەچى بولسىمۇ توپ ئۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن قالتىس ئىدى، توپ ئۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بۇلۇپ، ھەر خىل ئۇسلۇبدا توپ ئۇراتتى، ئۇ كەسپى ھاياتىدا ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ، بارسېلونا، مانچېستىر بىرلەشمىسى، نابلېس ۋە مارسىل كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن، ھەر قايسى كۇلۇبلار ئۈچۈن، 583 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 123 توپ كىرگۈزگەن،.
كەسپى ھاياتىدا كۇماندا بىلەن بىرلىكتە ، بىر قېتىم فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى، ئىككى قېتىم فىرانسىيە لوڭقىسى ئۇزغۇنى، بىر قېتىم ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى ۋە بىر قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇ يەنە فىرانسىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مۇداپىئەچىسى ئىدى، 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى دۆلەت كۇماندىسىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان، 92-96-ۋە 2000-يىللىردىكى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تۆت كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە بىردىنبىر ھالقىلىق توپنى كىرگۈزۈپ، ئورۇگۋاي كۇماندىسىنى شاللىۋەتكەن، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قىزىل كارتا يەپ ، ھەل قىلغۇچقا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، كۇماندىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشىشكە ئالاھىد تۆھپە قوشقان، دۆلەت كۇماندىسىدا 87 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 17 توپ كىرگۈزگەن.
96-97-مۇسابىقە پەسلىدە فىرانسىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولغان
98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2000-يىللى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇ فىرانسىيە پۇتبولچىلىقىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز
2003-يىلى كەسپى ھاياتىدىن چېكىنگەن.
تېرىنىرلىق ھاياتى
بېلانىك 2007-يىلى رەسمى تېرىنىر بولغاندىن كېيىن، پورتو كۇلۇبىنىڭ قاپچىسىنى قولىغا ئالغان، 2008-09-مۇسابىقە پەسلىدە پورتو كۇماندىسىنى يېتەكلەپ، كۇماندا تارىخىدىكى 6-قېتىملىق فىرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقى ۋە فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى فىرانسىيە پۇتبول ژۇرنىلى تەرىپىدىن، ئارسىنال تېرىنىرى ۋېنگىرنى مەغلۇپ قىلىپ مۇنەۋۋەر تېرىنىر بۇلۇپ باھالانغان.
2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن، فىرانسىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولسىمۇ، بىرەر نەتىجە يارىتالماي، ئىشتىن چۈشكەن.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت ژىرمان كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرى بولغان ، ھەم شۇ پەسىللىك فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن.
يەنە بەزى كۇلۇب تېرىنىرلىرىنىڭ توردىكى ماتىريالى تولۇق بۇلمىغانلىقتىن، ئۇشبۇ تېمام مۇشۇ يەردە تامام بولدى، خېلى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلغانلىقتىن چارچاش سەۋەبلىك ئىملا خاتالىقى ۋە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن، كەڭ تورداشلىرىمنىڭ توغرا پۇزىتسىيىدە بولىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەرلى قايتىدىن تەھرىرلەندى
ئېھتىرام بىلەن :
جاغىستاي 120
|