ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5173 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 15:27
2015-يىللىق ئافرىقا لوڭقىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىدە باشلاندى.
Aگۇرۇپ
ئېكۋاتور گىۋىنىيسى 1-1 كونگو جۇمھۇرىيتى
تۇنجى مۇقەددىمە مۇسابىقە ساھىبخان كوماندا ئېكۋاتور گىۋىنىيسى بىلەن كونگو كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. 18مىنۇت بولغاندا ئېكۋاتور گىۋىنىيسى ماھىرى ئېممولو لوپىز بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى. 87مىنۇت بولغان چاغدا كونگو كوماندىسى نومۇرنى تەڭلەشتۈرىۋالدى.
بۇركىنافاسو 0-2 گابون
ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ قارا تۇلپار كۈمۈش شاھى تۇنجى مەيداندا مەغلۇب بولدى
Bگۇرۇپ
تۇنىس 1-1 ۋېردى تۇمشۇقى
70-مىنۇتتا تۇنىس كوماندىسى ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما بىر توپ كەينىدە قالغان ۋېردى كوماندىسى 78مىنۇت بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نومۇرنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. بۇ كوماندا ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپلا 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن. شۇنداقلا ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر قار تۇلپارىدۇر
زامبىيە 1-1 كونگو دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيتى
C گۇرۇپ
گانا 1-2 سېنگال
گانا كوماندىسى ئاخىرقى مىنۇتتا رەقىبى تەرىپىدىن بوغۇزلاندى.
ئالجىرىيە 3-1 جەنۇبىي ئافرىقا
جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسى ئاۋۋال توپ ئۇرغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. 10نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۆز ماھىرىنىڭ خائىن توپ سوۋغا قىلىشى بىلەن ئالجىرىيە كوماندىسى قايتىدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا قوزغاپ رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. ئالجىرىيە كوماندىسىدىن سۇلايمان بىلەن گوخلام توپ ئۇردى.
بۈگۈن كەچتە Dگۇرۇپىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
Aگۇرۇپ ئېكۋاتور گىۋىنىيىسى كونگو جۇمھۇرىيتى گابون بۇركىنا فاسو
Bگۇرۇپ زامبىيە كونگو دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋېردى تۇمشۇقى تۇنىس
C گۇرۇپ گانا سېنگال جەنۇبىي ئافرىقا ئالجىرىيە
Dگۇرۇپ كوتېدىئور گىۋىنىيە كامىرون مالى
|
|