ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2817 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 15:27
چېلسىي توپچىسى فابرېگاس ئېنگلاند بىرلەشمە تارىخىدىكى ئىككى پەسىلدە چىقارغان ياردەم پاس سانى 15 تىن ئاشقان تۇنجى پۇتبولچى بوپ قالدى
سابىق ئارسېنال چولپىنى ئۆتكەن يىل يازدا بارسېلونادىن چېلسىيغا كەلگەندىن بۇيان ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، چېلسىي كوماندىسى 5:0 نەتىجە بىلەن سېۋانس كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پەسىلدىكى 15-ياردەم پېسىنى چىقاردى. يەنە 5 پاس چىقارسا ھېنرىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان رېكورتىنى بۇزىدۇ.
فابرېگاسنىڭ ئالدىنقى قېتىم ياردەم پاس سانى 15 تىن ئاشقان ۋاقتى بولسا 2007-08 مۇسابىقە پەسلىدە ئارسېنالدا 17 ياردەمچى پاس چىقارغان، شۇ پەسىلدە ئارسېنال ئۈچىنچى بولغان، مانچېستىر بىرلەشمىسى چېمپىيون، چېلسىي ئىككىنچى بولغان.
چېلسىي كوماندىسى ھازىر بىرلەشمىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، فابرېگاسنىڭمۇ ھېنرىينىڭ رېكورتىنى بۇزۇن ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە سابىق خېڭدا كوماندىسى توپچىسى ئارگېنتىنالىق كونكانىڭ شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىغا كېلىشى مۇقىملىشىپ بولغان بولۇپ، باشقا ئەھۋال كۆرۈلمىسە ئاسىيا لوڭقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شاڭخەي تەرەپ بۇ ئىشنى ئېلان قىلىدىكەن.
يېقىندىن بۇيان كونكانىڭ جۇڭگو بىرلەشمىسىگە قايتىش خەۋەرلىرى چىقىپ قالغان، بولۇپمۇ شاڭخەي كوماندىسى كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان، بۇ كونكانىڭ لىپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە بىر دۇنيا دەرىجىلىك تېرنىر ئېرىكسوننىڭ قولىغا چۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېقىندا ئېرىكسون زىيارەت قوبۇل قىلغاندا كوماندىنىڭ كىرگۈزىدىغان چەتئەللىك توپچىلىرىنىڭ داڭلىق چولپان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شاڭگاڭ گورۇھىمۇ ئۇنى قوللىغان، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ چولپان دەل جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ ئىلگىرىكى MVP سى كونكا ئىكەن.
|
|