akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 37

خانلىق مادرتىنىڭ يېرىم پەسللىك سان-سىفىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالام ئەلەيكۇم
ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىت ،ئاخشام كەچ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 18-مەيدان مۇسابىقىسىنى يەنى بىرلەشمىنىڭ يېرىم مۇساپىسىنى بېسىپ بولدى،ساھىپخان مەيداندا سېۋلىيە بىلەن بولغان بولغان مۇسابىقە 2-ئاينىڭ4-كۈنىگە كىچكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىر مەيدان كەم ئوينىغان ھالەتتە18 مەيدان مۇسابىقىدە 45 بىلەن يېرىم پەسىللىك چىمپىيۇن بولدى.
خانلىق مادرت ئىلگىرىمۇ  يەنى  ،2010\2011-يىللىق يېرىم پەسللىق مۇسابىقىدە47نۇمۇر بىلەن،2011\2012-يىللىق يېرىم پەسللىك مۇسابىقىدا 46نۇمۇر بىلەن ، ئىككى قېتىملىق بۇ يىلقىسىنى قوشقاندا ئۈچ قېتملىق يېرىپ پەسللىك ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.
خانلىق مادرتنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ياۋرۇپادىكى باشقا كۇلۇپلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئۈستۈن تۇرغان بۇلۇپ،18مەيدان مۇسابىقىدە62 توپ ئۇرغان،بۇنىڭ ئىچىدە پورتىگالىيەلىك كىرستىيانو رونالدو 28 توپ ئۇرۇپ ،9 ياردەمچى پاس چىقارغان،سىتاستىكىغا ئاسالانغاندا رونالدو خانلىق مادرتنىڭ كىرگۈزگەن ۋە كىرىشكە تۈرۈتكە بولغان توپلارنىڭ 59 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.
ياردەمچى پاس: رونالدو9پاس، بېنزىما 8پاس،كىروس بىلەن يېڭى كەلداخۇن جامىس رودىگىرىس ئوخشاشلا7پاس،ئېسكو 5پاس،مارسىلو4پاس،بېل3پاس ،ئاربىيلو،پې پې،كاراخال مودرچ قاتارلىقلار ئىككدىن ،مانچىستردىن مادرتقا  يۆتكەلگەن ئېرنەندىزس  بىر پاس چىقارغان.
رونالدونىڭ يېرىم پەسللىك كىرگۈزگەن توپ سانى 28 بۇلۇپ مادرت توپچىلىرى ئومۇمى كىرگۈزگەن توپ سانىنىڭ 45پىرسەنتىنى،بېل 9 توپ بىلەن 14پىرسەنتىنى،بېنزىما 8 توپ بىلەن 13پىرسەنتىنى،جامىس 6توپ بىلەن 9پىرسەنتىنى،ئېرنەندىز 3توپ بىلەن 5 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن.
توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى :توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى جەھەتتە رونالدونىڭ ئەڭ يۇقۇرى بۇلۇپ بۇ پورتىگالىيەلىك 54.2مىنۇتتا بىردىن توپ ئۇرغان،ئېرنەندىز زاپاس ھالەتتە مەيدانغا چۈشۈپ ھەر 54.6مىنۇتتا بىردىن توپ ئۇرغان ،بېنزىما ۋە بېلنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقتى تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ ئايرىم-ئايرىم159مىنۇت ۋە 143 مىنۇت بولغان.
مەيدانغا چىققان ۋاقتى :مەيدانغا چىققان ئومۇمى ۋاقتىغا قاراپ باقساق گىرمانىيەلىك تونى كىروس 1565مىنۇت مەيدانغا چىققان بۇلۇپ،مەيدانغا چىقىش نىسپىتى96پىرسەنىت بولغان،4مەيدان مۇسابىقىدا ئالماشتۇرۋىتىلگەن, شۇنداقتىمۇ مادرتنىڭ يېرىم پەسللىك مەيدانغا چىققان ئەڭ يۇقۇرى ۋاقتى 1620مىنۇتقا يەتمىگەن،
رونالدونىڭ 1519مىنۇت بۇلۇپ مەيدانغا چىقىش نىسپىتى93 پىرسەنىت بولغان،چىكىتچاقتىن كىيىن تۇردىغىنى كاشىلياس بۇلۇپ 1440،مارسىلو 1401مىنۇت،جامىس1358مىنۇت،بېل 1293مىنۇت،راموس1280مىنۇت،بېنزىما1273 مىنۇت،پېپې 1260مىنۇت،كارۋاخال1092مىنۇت،ئېسكو1055مىنۇت مەيدانغا چىققان.
مادرتنىڭ تۆۋەندىكى نەتىجىلىرىنى توپچىلارنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە باش چىقىرىپ ھەمدەمدە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە
ئاخىردا مادرتنىڭ يېڭى يىلدا يېڭىچە قىياپەت بىلەن رەقىپلىرىنى يەر چىلشىتىپ،ئىچكى كۈرەشتىن يىراق تۇرۇپ يوغان قولاق ۋە بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلمىز
d1adfeaedd_1395195785.jpg 4324065827662470345.jpg 15016488_267387.jpg
تىما مەنبەسى:http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2015-01-19/54bccf9532951.htm
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 22:51:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېكىتچاق ماۋۇ ئىسىم ماس كەپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 22:57:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 22:51
چېكىتچاق  ماۋۇ ئىسىم ماس كەپتۇ .


ئاپلا تۇتۋالدىڭلاردە
توپچى ئىسمنىڭ  كۆپ يەردە تەكرارلىنىشى تىما ئۇقۇغۇچىنىڭ تىما ئىگىسىگە نىسپەتەن شەخس مەستانىسى دىگەندەك ئاڭنى شەكللەندۈرۈپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چىكىت دىگەن سۆزنى ئۈزۈمگە قالقان قىلۋالدىمغۇ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:01:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنىڭ پاس ئۈنىمىنىڭ بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلەپ كەتكىنى بىلىنىپلا تۇرۇپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدقا ئەڭ كەم بۇلۋاتقىنى كولىكتىۋىزىملىق ،ئادەملەردە سو يوق ،مادرىدنىڭ بىرلەشمە ھەم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسنى ئىگىز كۆتىرشىگە تىلەكداشمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:09:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىرىم پەسىللىك  چىمپىيۇن!
مۇبارەك بولسۇن!
پۈتۈن پەسىللىك چىمپۇيۇن بولالماسلىقىڭلارغا  تىلەكداشمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:10:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KUZEY` تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 23:16  

بۇ سان-سىفىرلاردىن رۇنالدۇنىڭ سامان يۇلى جەڭ كىمىسى ئۇچۇن قانچىلىك مۇھىملىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.  يىقىن كەلگۇسىدە كىرىستىيانۇ كۇماندا تارىخدىكى  مەرگەنلەر سىپىدە بىرىنجىلىك تەختىدە مەھكەم ئۇلتۇرۇشى مۇمكىن ۋە ئۇزۇك شاھىدىن ئىشىپ بىرنابۇنۇ شاھزادىسى بۇلۇشىغا ئازلا قالدى..  باشقىلار نۇرغۇن يىل سەرىپ قىلىپ ئاران ياراتقان خۇشبۇ رىكۇتلارنى بۇزىمەن دەپلا بۇزۇش ئەلۋەتتە ئاسانغا تۇختىمايدۇ. بۇلۇپمۇ نۇرغۇنلىغان داڭدار چۇلپانلار توپ تەپكەن مادردتەك رىقابەت  ئىڭى  ھەر قانداق بىر كۇماندىدىن كۇچلۇك بىر جەڭگىۋار قۇشۇندا........  كىرىستىيانۇغا يەنە بىر قىتم ھۇرمەت.  ئالغا مادرد ئالغا رۇنالدو( بۇ پىقىرنىڭ شەخسى قاراشىم ئەلۋەتتە )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:12:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:12:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:13:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 23:14:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 23:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 23:14
سۈرەت كونكەنغۇبىر مەزگىل ئاس مىلان يەنە بىر مەزگىل  ...

قالپاق كىيۋىتىپسىلەرغۇ....4 توپ ئۇرغاننى خەنزۇچە نىمە دەيتۇق شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-3 07:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش