ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3775 |
تۆھپىسى: سەر |
|
لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ ئورگان تور بېتى ئىسپانىيىلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سۇسونىڭ ئا س مىلان كۇلۇبىغا قۇشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ تۆت يىللىق توختام ئىمزالىغان.
تېخى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن سۇسو ئاللىقاچان لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى كوماندىسى ئۈچۈن 21 مەيدان توپ ئويناپ بولدى. ئۇ 2013-يىلى 9-ئايدىكى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە لىۋىرپول كۇلۇبىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى ئوينىغان. ھالبۇكى ئۇنىڭ لىۋىرپول كۇلۇبى ئۈچۈن كىرگۈزگەن بىردىن بىر توپى بۇ پەسىللىك مىدېرس قەلئەسى كۇلۇبى بىكەن بولغان بىرلەشنە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە مەيدانغا كەلگەن.
سۇسو 2010-يىلى 11-ئايدا گاردىس كۇلۇبىدىن لىۋىرپول كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. بىراق ئۇ 2012-2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئاندىن لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى كوماندىسىغا كىرگەن. ھەم شۇ پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 14 قېتىم مەيدانغا چىققان.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنى 2013-يىلى يازدا ئۇ ئارىيەت شەكلىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئالمېرىيا كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. ئۇنىڭ شۇ پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئىوادىسى قالتىس بولغان. بىرلەشمىدە 33 قېتىم مەيدانغا چىقىپ ئۈچ توپ كىرگۈزگەن ۋە 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.
لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ پۈتۈن توپچىلىرى سۇسونىڭ لىۋىرپول كۇلۇبىغا كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەنبە : لەگلەك تورى
|
-
|