ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5551 |
تۆھپىسى: سەر |
|
كېيىنكى مەيداندىن باشلاپ كۆرگەن. خېلى شىددەتلىك مۇسابىقە بولدى ھى ھى
شەھەر شۇنداق ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ئارسىنالنىڭ مۇداپىئەسىنى بۇزالمىدى. ئارسىنالمۇ پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىئەنى بىر كىشلىك قىلىپ قويدى.
زادى ئىسپاننىڭ ئوتتۇرا مەيدانلىرى پەچەتتە. كارزولامۇ ۋەھشى ئوينىۋەتتى. شەھەر تەرەپتىن سىلۋا بىلەن ناۋاسمۇ يامان ئەمەس ئويناپ قويدى. لېكىن ئىنژىنىر ھۇجۇمنى كۈچەيتىمەن دەپ ناۋاسنى چۈشۈرۋېلىپ ھۇجۇمچى چىقارغان بولسىمۇ ناۋاستەك كۈچ بېرەلمىدى.
شەھەر بۇلۇڭ توپنى ئوبدانراق مەشىق قىلمىسا بولماپتۇ. شۇنداق كۆپ بۇلۇڭ توپقا ئېرىشىپمۇ بىرىنجى نۇقتىنى پەقەت ئاخىرقى توپتا كومپانى ئالالاپتۇ. كىردىمىكى دېگەن لېكىن كىرمەپتۇ.
ئىنژىنىرغا قارىغاندا ۋېنگىرنىڭ ئادەم ئالماشتۇرشى ئەس قاتتى. روسكى فىلامىنىغا شۇنداق چىرايلىق پاس بەرگەن. كومپانى بولمىغان بولسا گىرۇد يەنە بىر توپ ئۇرىۋالاتتى.
گىبىس راس تېز يۈگرەيدىكەن جۇمۇ. ئالدىدا ئاگۈيرو ئازراق تارتىۋالمىغان بولسا ئاشۇ سۈرىتى بىلەن كىرىپ بىر توپ ئۇرىۋىتەتىكەن.
ئىشقىلىپ ئارسىنال پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىئەدە تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇمنىمۇ ئوبدانلا قىلىپ قويدى. |
|