ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 286 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سىنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى. خىتافى بولغان مۇسابىقىسىدە رىئال مادىرىد تولۇق غەلبە بىلەن قايىتتى. بۇ مۇسابىقىدە مددىرىتلىقلار ئەڭ رەخمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك بولغىنى ئىككى توپ ئۇرغان رونالدۇ ئەمەس، ئىككى ھالقىلىق پاس تاشلىغان جامىسمۇ ئەمەس ، بەلكى فىرانسىيە ھۇجۇمچىسى بىنزىما.
ئەنچىلوتى مۇسابىقىدىن كىيىن ئاخپارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىنزىمانى ماختاپ: مۇسابىقىدە پۈتكۈل كوماندىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى. بولۇپمۇ بىنزىما ھالقىلىق رول ئوينىدى. ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىپادىسى بىلەن رونالدۇغا چىقارغان پېسى راستىنلا بەك قالتىس بولدى.
خېتافى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مادىرىدنىڭ بىر توپ ئۇرىۋىلىشتىن ئىلگىرى ھۇجۇملىرى بەكلا ئۈنۈمسىز بولدى. مۇسابىقى رېتىمىمۇ دىگەندەك بولمىدى. بىنزىما نىڭ شۇ بىر ھالقىلىق پاس تاشلىشى بىلەن مادىرىد قا غەلبە دەرۋازىسى ئېچىلدى. مۇسابىقىنىڭ 62-مىنۇتىدا بىنزىما ئاخىرقى سىزىقتا توپ ئېلىپ مېڭىپ ،مۇداپىيىچىلەردىن ئۆتكەندىن كىيىن توپنى ۋارتارنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. رونالدۇ تىزلىكتە ئورۇن ئېلىپ بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىدىن كىيىن ماركا گېزىتى ئىپادە بىلدۈرۈپ: بىنزىما چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئاخىرقى سىزىقىدا ئۆزىنىڭ تىخنىكىسىنى ياخشى نامايەن قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا ئورۇن ئېلىشى ۋە ئۈنۈملۈك پېسى بىلەن رونالدۇنىڭ توپ كىرگۈزىشىگە ياردەم بەردى.
ماركا گىزىتى بۇ ھالقىلىق پاس چىقارغۇچى ئەپەندىمنىڭ رولىنى ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈردى. گېزىتتە يەنە :بىنزىما بىر ھۇجۇمچىغا بىرىلىدىغان تەبىرنى ئۆزگەرىتتى. گەرچە ئۇ 14 توپ ئۇرۇپ بۇ جەھەتتىمۇ كوماندىغا زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ،لىكىن ئۇنى تىخىمۇ چاقناتقىنى ئۇنىڭ مەيداندا مەردانىلىق بەرگەن پاسلىرى بولۇپ قالدى. ئىھتىمال ئۇ پۇتبول ساھەسىدىكى بىر ھۇجۇمچىغا بىرىلگەن تەبىرنى ئۆز ئىپادىسىگە تايىنىپ ئۆزگەرتىپ يىزىپ چىقىشى مۇمكىن.
ماركا گېزىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا خىتافىي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىنزىما ئۆزىنىڭ 11 چى يادەمچى پېسىنى چىقېرىپ كوماندا ئىچىدە بېرىنچى ئورۇندا تۇرغان. كوماندا ئچىدە كېرۇس 10 قېتىم ، رونالدۇ 9 قېتىم پاس چىقارغان . بولۇپمۇ رونالدۇ بولسا بىنزىمانىڭ ياردەمچى پاسلىرىدىن تولۇق پايدىلانغان. |
-
|