akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1383|ئىنكاس: 51

رونالدو ئۇسلۇبىدىكى ئىختىيارىي توپ ۋە ئۇنىڭ تېپىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،مەن بۈگۈن س        .رونالدو ئۇسلۇبىدىكى ئىختىيارىي توپ ۋە ئۇنىڭ تېپىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن .ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسى،يەنە ھەقىقىي مەزمۇنلارمۇ بار.
005b88a8ce31f25ec40b1e6b63a4fbc9.jpg
    ئىختىيارىي توپ:پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىكى ئەڭ چىرىيلىق توپلار قاتارىدىن سانىلىدۇ،لېكىن بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى،ئارىلىق يىراق،ئوتتۇرىدا ئادەم تام بار.  توپ سۈرئىتى تېز،ئۇرغان بۇلۇڭ ياخشى بولمىسا ئاسانلا تامغا تېگىپ يېنىپ كېلىدۇ ،تامدىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ ئۇچۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.لېكىن شۇنداقتىمۇ دۇنيا پۇتبۇل ساھەسىدە تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان چىرايلىق ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئىختىيارىي توپلار ئۇرۇلغان،بىر قىسىم پۇتبول چولپانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى توپلىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.ئاشۇ چولپانلارغا ئامراق بولغان توپ مەستانىلىرى ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي توپ تېپىش ئۇسۇلىنىمۇ ھەم بەك ياخشى كۆرىدۇ.
  مەن ئۆزۈم كىرىستىيانو رونالدوغا ئامراق،ئۇنىڭ ئىختىيارىي توپلىرىنىمۇ ھەم بەك ياقتۇرىمەن،ئادەتتە دوستلىرىم بىلەن توپ ئوينىغاندا دائىم مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىمەن،دوستلىرىم ھەممىسى مېنى ساختا رونالدو دەپ چاقىرىشىدۇ  .لېكىن بۇ خىل توپنى تېپىمەن دەپلا تەپكىلى بولمايدىكەن،ئوننى تەپسەم بەشى ئاشۇنداق ماڭىدۇ،لېكىن سۈرئەت دېگەندە تېز ئەمەس،ھەممىمىزگە مەلۇم ،رونالدونىڭ ئىختىيارىي توپى تېپىش ئەڭ تەس بولغان توپلارنىڭ بىرى،توپنىڭ سۈرئىتى تېز،شۇڭا ئاسانلا ئادەم تام تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدۇ،لېكىن بۇ توپنى توسۇۋەلغان ئادەم دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ،خانلىق مادرىرىدنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە،رونالدونىڭ بىر ئىختىيارىي توپى ئادەم تام تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ،شۇ چاغدا توپ بىر ياش بالىنىڭ يۈزىگە تېگىپتىكەن ،خېلى چىڭ تەگكەن چېغى ،جايىدا قوپالماي بىر ھازا ياتقان ئىدى .
   833e8571c50b9ce4fce6d78cfe579952.jpg
رونالدونىڭ ئىختىيارىي توپى ئالدىغا قاراپ چۆرگىلەيدۇ،ياكى چۆرگىلىمەيدۇ،بۇ دەل توپنىڭ ئادەم تامنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېين تېز سۈرئەتتە پەسكە شۇڭغۇشىنىڭ سەۋەبى.لېكىن بۇ چاغدا جاپا تارتىدىغىنى ۋاراتار بولىدۇ ،رونالدو ئۇرغان بەزى توپلارغا ۋاراتار قىلچە ئىنكاس قىلالمىغان ،توپ سۈرئىتى بەك تېز،تېز سۈرئەتتە پەسكە شۇڭغىغاچقا ئەلۋەتتە ئىنكاس قىلالمايدۇدە.
e66fc44cbfc4b642bb6f99f07c497193.jpg
  توپ تامدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن پەسكە شۇڭغۇسىغۇ ياخشى ،ئەگەر شۇڭغىماي داۋاملىق ئۇچۇپ ماڭسىچۇ ؟ بۇ چاغدا ۋاراتارنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارغا ئۇۋال بولىدۇ.خانلىق مادرىدنىڭ  ئامېرىكىدىكىبىر مەيدان بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسىدە ،رونالدو تەپكەن بىر ئىختىيارىي توپ ۋاراتارنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان بىر كىچىك بالىنىڭ قولىنى سۇندۇرىۋەتكەن، رونالدو مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ ئىشنى بىلىپ كەچۈرۈم سوراش يۈزىسىدىن پۈتۇن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىمزاسى يېزىلغان خانلىق مادرىدنىڭ كىيىمىنى بۇ كىچىك توپ مەستانىسىغا سوۋغا قىلغان.
http://video.sina.com.cn/p/sports/laliga/v/2013-07-24/123962706175.html
100299530.jpg
ھەممىمىزگە مەلۇم ،ھازىر رونالدونىڭ ئىختىيارىي توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى:توپ ئۇرۇش ئۇسلۇبى رونالدوغا ئوخشايدىغان يانە بىر مەرگەن بېلنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى.ئوڭ تەرەپتىكى ئىختىيارىي توپنى بېل تېپىدۇ،شۇنىڭ بىلەن رونالدونىڭ تېپىش سانى يېرىم ئازايدى،توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ ئەلۋەتتە.
2028846810796558467.jpg
يەنە بىر سەۋەب:رونالدونىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك يارىلىنىشى.رونالدو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يارىلىنىشنىڭ دەردىنى خېلى تارتتى.
رونالدونىڭ بۇ قېتىمقى يارىلىنىشىنىڭ سەۋەبى باشقا بىر ئىش ئەمەس بەلكى  ئۇنىڭ ئەجەللىك قورالى بولغان ئىختىيارىي توپتۇر. ئۇنىڭ ئىختىيارىي توپ تېپىش ئۇسۇلىنى كۆرگەنلەر بىلىشى مۇمكىن،رونالدو ئەڭ ئاخىرقى قەدەمنى ئەڭ چوڭ ئالىدۇ ، يۈگۈرۈپ كەلگەندىكى سۈرئەت بىلەن پۈتۈن بەدەننىڭ ئېغىرلىقى تىرىگۈچى پۇتنىڭ تىزىغا چۈشىدۇ، بۇ دەل ئۇنىڭ يارىلانغان سول پۇتى. رونالدو مۇشۇ سەۋەبدىن پەسىل ئاخىرىدىكى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، بارسېلونا بىلەن بولغان شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىمۇ يارىلانغان پۇتىنى سۆرەپ يۈرۈپ ئوينىدى، بەختكە يارىشا بۇ لوڭقىنىمۇ ئالدى،لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىرازىلىىە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى، لېكىن ئۇنىڭ يارىدى تېخى تولۇق ساقايمىدى، بۇ ھەم ئۇنىڭ ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتتى، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە بىر ئۇتۇپ بىر تەڭلەشىپ بىر ئۇتتۇرۇپ گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ بىرازىلىيەدىن بالدۇرلا خوشلاشتى.دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن تەستە ئېرىشكەن ئارام ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يارىسىنى ساقايتىپ يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە يېڭىچە قىياپەت بىلەن قايتىپ كەلدى.
sb2014062700049.jpg
رونالدا يارىلىنىشنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرگەن چاغدا، مادرىدنىڭ كوماندا دوختۇرى رونالدونى ئاگاھلاندۇرۇپ"سەن يەنە مۇشۇنداق ئىختىيارىي توپ تېپىدىغان بولساڭ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەسپى ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇرىسەن، بۇنىڭ تىزىڭغا بولغان بېسىمى بەك چوڭ، كەلگۈسىڭنى ئويلاپ بىر ئىش قىل" دېگەن .مېنىڭچە بولغاندا ئۇ بەلكىم مۇشۇنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن(شەخسى كۆز قارىشىم) .
12843502_481261.jpg
مەن ئۆزۈممۇ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغان، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىش.مەن توپ ئوينىغىلى چىقسام، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايوننىڭ سىرتىغا چىقىۋېلىپ، پۇتۇمنى سىركۇلدەك كېرىپ توختىىماي ۋارىتارغا قارىتىپ ئۇراتتىم، نەچچسى ئۇچۇپ كېتتەتتى، نەچچىسى مايماق كېتەتتى، ۋارىتارغا ماڭغان تەقدىردىمۇ ۋاراتار تۇرغان دوستۇم ھېچ كۈچىمەيلا تۇتىۋالاتتى، لېكىن مەن قىلچە ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىىدىم، مۇشۇنداق تېپىۋېرىپ، ئاخىرى خېلى چىرايلىق تېپەلەيدىغان بولدۇم، دوستلىرىممۇ ماڭا ئالقىش ياڭراتتى .ساختا رونالدو دېگەن ئىسىم مۇشۇنىڭدىن كېيىن ماڭا سىڭىپ قالدى.
لېكىن مەن بارا بارا سول تىزىمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدىم، بۇنى كۆرۈپ كۈلۈشۈڭلار  مۇمكىن، بارلىق بيسىمنىڭ ھەممىسى تىزغا چۈشسە، ھەم بۇ تىرىگۈچى پۇت ئېگىلمەي تۈپتۈز تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كەسپى پۇتبولچىلاردەك سىستېمىلىق مەشىق قىپ باقمىغان تۇرساق، كىم بۇنىڭ تەسىرى ئەمەس دېيەلەيدۇ؟  شۇڭا كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ توپ ئويناش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىمۇ ئوبدان ئويلىشىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى پۇتبولچىغا نىسبەتەن ئەڭ ئازابلىق ئىشنىڭ بىرسى ئۆزى يارىلىنىپ مەيدانغا چىقالماي سەبداشلىرىنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشتۇر.
4302a4abc2f2d4344ba4e8e56368506b.jpg
  ئەمدى بۇ خىل توپنىڭ تېپىش ئۇسۇلىغا كەلسەك،بۇ ئۆزى بىر مۇرەككەپ جەريان،لېكىن بوشاشماي مەشىق قىلغاندا يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.توپنى تېپىشتىن بۇرۇن توپنىڭ 4-5قەدەم ئاندىن سولغا چوڭ بىر قەدەم ئېلىپ تۇرىمىز،ئادەم تامنىڭ ئورنىنى ئوبداب كۆزىتىپ قايسى بۇلۇڭغا ئۇرۇشنى قارار قىپ بولغاندىن كېين سالماق قەدەم ئېلىپ توپقا قاراپ يۈگرەيمىز،سۇرئەت بارغانسېرى تېزلىشىدۇ،بەك تېز بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،ئەڭ ئاخىرقى قەدەم ئەڭ چوڭ ئېلىنىدۇ،تىرىگۈچى پۇتنى ئادەتتە توپ تەپكەندە ئەڭ راھەت ھېس قىلىدىغان ئورۇنغا قويساق بولىدۇ.لېكىن يوتا بىلەن پاقالچاق تۇپتۈز تۇرۇشى كېرەك.ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمىدە كۆرسىتىلگەن ئورۇن بىلەن توپنىڭ يۈزىگە كۈچەپ ئۇرىمىز،توپ تېپىپ بولغان ھامان پۇتىمىزنى يىغىۋالىمىز،شۇندىلا توپ ئالدىغا پىرقىرايدۇ.قالغان ئىشلار توپ تەپكەن چاغدىكى تۇيغۇغا باغلىق.
Img390969115.jpg
QQ图片20150118222438.jpg
رونالدونىڭ ھازىرغىچە ئۇرغان بارلىق ئىختىيارىي توپلىرى  49توپ

بېلنىڭ ئۇرغان ئىختىيارىي توپلىرى

بۇ خىل توپنىڭ ئۆگىتىش نۇسخىسى

سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن مۇشۇنچىلىك قىلالىدىم،خاتا يەرلىرى بولسا تۈزىتىش بېرەرسىلە،ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
4302a4abc2f2d4344ba4e8e56368506b.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 01:09:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىختىيارى توپ تىپىش شاھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 11:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا بىكخامنىڭ ئىختىيارى توپ تىپىشىنى ياختۇرىمەن
بەك چىرايلىق بەك چىرايلىق بەك چىرايلىق .................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 00:37:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايدۇرۇپ تېپىش ھەممە توپچى ئىختىيارى توپ تەپكەندە تاللايدىغان ئاساسلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرسى. لېكىن رونالدودەك لىفىتسىمان ياكى يوپۇرماقنىڭ لەيلەپ چۈشۈشىدەك تېپىشنى تاللايدىغانلار ئاز دېيەرلىك. ئاساسلىقى پۇتنىڭ كۈچىگە تايانغاچ تاللايدىغانلار ئازمىكى دەيمەن. لېكىن چۈشۈپ قالسا چىرايلىق چۈشۈدۇ بولمىسا يا تام سوقىدۇ ياكى ئايروپىلان سوقىدۇ ھى ھى
رونالدونىڭ مۇشۇ ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىشى خاسلىق ئۈچۈنمىكى دەيمەن. تەلەي سىناپ تەپكەندەكلا.
لېكىن مۇھىم مۇسابىقىلەردە چوقۇم شۇنداق تېپىمەن دەپ تۇرىۋالمايدىكەن. بايرىن بىلەن بولغان ئىككىنجى ئۇچرىشىشتىكى ئىختىيارى توپى ئىسپات بولالايدۇ. نويېر رونالدونىڭ ئۇنداق تېپىشىنى  ئويلىمىغانغۇ دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 22:59:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناپ باقسام بولغۇدەك تېمىڭىزغا رەھمەت دىمىسىمۇ بەك چىرايلىق چۇشىدۇ مۇشۇ شەكىلدە چۇشكەن تۇپلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:10:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقەتەن ياخشى مۇنازىرە تىمىسىدىن بىرنى يىزىپسەن ، باركاللا !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:16:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تىپىش ھەقەقەتەن تەس    بەشنى تەپسەم  بىرسى  كۆڭلۈمدىكىدەك بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:19:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەراس   مەن ساڭا بىرسىنى تەۋسىيە قىلاي ، مىسسىنى  دوراپ تىپىپ باق  بولمىسا ، پۇتۇڭغا بىسىممۇ كەلمەيدۇ تىخى تىخنىكىلىق تىپىدىغان بۇلىسەن !!!
( چاقچاق )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:19:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مول مەزمۇنلۇق ، ھاردۇقۇم ئوبدانلا چىقىپ قالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:26:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ ئىختىيارى توپى راست قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:31:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەقىقەتەن ئەتىراپلىق، چۈشىنىشلىك يېزىپسىز.
مەن يەنىلا ياي شەكىلدە ئۈلۈك بۇلۇڭغا ئۇرۇلغان توپلارغا ئامراق، خۇددى رونالدىنھو، بىكخام، پېرلو، فورلان ۋە مېسسىلار ئۇرغانغا ئوخشاش توپلارغا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:42:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارلوسچە تېپىش ھەممىدىن نوچى بېلنىدۇ ماڭا. راكىتادەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 23:42
كارلوسچە تېپىش ھەممىدىن نوچى بېلنىدۇ ماڭا. راكىتادەك.[s ...

ئۇنۇڭدەك تىپىدىغانلا ئەمدى چىقماسمىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت. مەن يەنىلا قايدۇرۇپ كىرگۈزگەن توپقا بەكرەك ئامراق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 13:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش