ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1849 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 21:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!
دىيارىمىز ۋاقتى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى( يەنى بۈگۈن) چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 دە، ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ب گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى :
بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە، جۇڭگو كۇماندىسى بىلەن چاۋشىيەن كۇماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە جۇڭگو كۇماندىسىدىكى سۈن كې نىڭ ئىككى توپ ئۇرۇشى، چاۋشىيەن كۇماندىسىنىڭ بىر توپ قايتۇرۋېلىشى بىلەن 2:1بۇلۇپ، جۇڭگو كۇماندىسىنىڭ غەلبا قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، ئۈچ مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كۇماندىسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بۇلۇپ، تولۇق غالبە قىلىپ، تۇققۇز نومۇر بىلەن بىرىنچى بۇلۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.
ب گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆزبېكىستان كۇماندىسى بىلەن سەئۇدى-ئەرەبىستان كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە ئۆزبېكىستان كۇماندىسى 1:3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ، ئالتە نومۇر بىلەن ب گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بۇلۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى
ب گۇرۇپپىدىكى باشقا ئىككى كۇماندا— سەئۇدى-ئەرەبىستان كۇماندىسى ئۈچ ئايلانمىدا ئۈچ نۇمۇرغا، چاۋشىيەن كۇماندىسى نۆل نۇمۇرغا ئېرىشىپ شاللىنىپ كەتتى. |
|