akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 552|ئىنكاس: 17

پەلەستىن پۇتبولچىلىقى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 21:17  

                           139945663.jpg
پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى 2014-يىلى يەنە روياپقا چىقمىدى،12-ئاينىڭ 30-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلەت تاشلىشىدا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننى بىسىۋىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە 2017-يىلى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش قارارى كىچىك پەرق بىلەن قاراردىن ئۆتمىدى.لىكىن پەلەستىن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن بۇ يىل بىر ئىپتىخارلىنىدىغان ئىش ،پەلەستىن پۇتبول كوماندىسى ئاسىيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى ،بۇ ئۇلارنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى قىتىملىقى .
ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ، بۇ قىتىملىق ئاسىيا لوڭقىسى ئاۋستىرلىيەدە ئۆتكۈزۇلىدۇ .بۇ قىتىملىق ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ بىلەت تاشلىشىدا پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىكىگە قارشى بىلەت تاشلىغاندىن ئامىرىكىدىن باشقا پەقەت مۇشۇ ئاۋىستىرالىيەلام قارشى بىلەت تاشلىغان .بىلەت تاشلاشتا قوللاش بىلىتىدىن توققۇزى بولسىلا پەلەستىىنىڭ مۇستەقىللىقى ئەمەلگە ئاشاتتى ،  بىلەت تاشلاشتا  ،بەش دۆلەت بىلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى ، سەككىز دۆلەت قوللاش بىلىتى تاشلىدى ، ئىككى دۆلەت قارشى تۇرۇش بىلىتى تاشلىدى .شۇنىڭ بىلەن قارار تەستىقتىن ئۆتمىدى .
                            111.jpg
  سىياسى بىلەن پۇتبولنىڭ بىر-بىرىىدىن ئايرىلالماسلىقى پەلەستىن مەسلىسىدە ئەڭ گەۋدىلىك .پەلەستىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئەھمەد ھەسەن :" بىز بۇ كوماندا ئارقىلىق پەلەستىننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىدەك سىياسىنى مەقسەدنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ،گەرچەئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بىسىۋىلىنغان ،غەززە بىلەن غەربى قىرغاق ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ ،لىكىن بىز يەنىلا مۇكەممەل سىىستىمىغا ئىگە بولغان دۆلەت . بىز ھامان تارىخ يارىتىمىز " دىدى .

  پەلەستىننىڭ ئاسىيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بولدى ،1998-يىلى خەلقئارا پۇتبول جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن بېرى ،ھازىرغىچە تېخى ئاسىيا لوڭقسىىغا قاتنىشىپ باقمىدى .پەقەت ئىككى قىتىم يىڭىدىن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاسىيا جەڭ ئېلان قىلىش لوڭقسىىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى . 2014-يىلى ئۇلار بۇ لوڭقىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشىپ ،بۇ يىللىق ئاسىيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قىتىم قاتنىشىشىدۇر.
                        20141214190716d7d54_550.jpg
  پۇتبول ئوتتۇرا شەرقتە ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تەنتەربىيە تۈرى ،بولۇپمۇ ھازىرقى پەلەستىن رايونى بولسا ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇتبول ھەركىتى ئەڭ بالدۇر تارقالغان رايون. يازما ماتىرىيالالردا بۇ يەردە 1920-يىلىلا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيىت قىلىنغان .1928-يىلى بۇ يەردە پۇتبول جەمىيىتى قۇرۇلغان ، ھازىرقى ئىسررائىلىيە پۇتبول جەميىىتى دەل مۇشۇ پۇتبول جەمىيىتىگە ۋارسلىق قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ .پەلەستىن 1952-يىلى يەنە بىر پۇتبول جەمىيىتى قۇرغان ،بۇ پۇتبول جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى ئىككىنجى يىلىدىكى ئەرەپ تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىدى ،ئون يىلدىن يەنە  ھازىرقى پەلەستىن پۇتبول جەمىيىتى بۇنىڭ ئورنىنى ئالغان .1998-يىلى پەلەستىن خەلقئارا پۇتبول جەميىىتى ۋە ئاسىيا پۇتبول جەميىتىگە ئەزا بولغان .بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسىيا لوڭقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھالىيەت مۇسابىقسىىغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن . ئۇلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى نەتىجىلىرى ئىنتايىن ناچار بولغان . 1966-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە ئوينالغان 13مەيدان مۇسابىقىدا ئۇلار ئاران ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىلا يىڭىپ باققان .1999-يىلىدىكى ئەرەپ تەنھەركەت يىغىنىدا ئۇلار گەرچە قاتار بىلەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى يىڭىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ ،لىكىن ئۇنىڭدىن كىيىنكى 41مەيدان مۇسابىقىدا ئۇلار پەقەت پاكىستان ،مالايسىيا ،شىياڭگاڭ ۋە تەيۋەننىلا يىڭىپ باققان .
                134507j4kp4bhbjch11wd9.jpg
   لىكىن پەلەستىىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ .مەسىلەن 2004-يىلى 6-ئايدا ئۇلار ئۆزبىكىستان بىلەن ئوينىلدىىغان دۇنيا لوڭقسىى سالاھىيەت مۇسابىقسىىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار گۇرۇپتا بىرىنجى ئورۇندا بولۇپ ، 8:0نەتىجە بىلەن تەيۋەننى يىڭىپ ،ئىراق بىلەن 1:1 تەڭلەشكەن .لىكىن دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە تەرەپ بىر قىسىم توپچلارنىڭ چىگىرادىن چىقىشىنى توساپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئاساسلىق توپچىلرىىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىن كوماندىسى 3:0نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن توپچىلىرىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى ، كىيىن قاتاردا ئۆزبىكىستان بىلەن ئوينايدىغان يەنە بىر ئۇچىرىشىتا ئىسرائىلىيە يەنە پەلەستىن دۆلەت كوماندىسىدىكى بەش توپچىنى چىگىرادىن چىقارغۇزمىدى . شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن يەنە بىر قىتىم يىڭىلىپ قىلىپ گۇرۇپتا ئۈچىنجى بولۇپ قالدى .
  چىگرادىن چىقالماسلىق مەسلىسى پەلەستىن ئۈچۈن كۈنۈپ كەتكەن بىر مەسلە ،2006-يىلى ئۇلارنىڭ توپچىلىرىنى ئىسرائىلىيە تەرەپ چىگىرادا توساپ قالغانلىقى ئۈچۈن سىنگاپور بىلەن بولغان مۇسابىقىغا قاتنىشالمىغان ،2008-يىلىدىكى ھىندىستانتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا جەڭ ئىلان قىلىش مۇسابىقسىىغىمۇ قاتنىشالمىغان ، بۇ مۇسابىقىدا ئۇزغۇن بولغان كوماندا ئاسىيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتگە ئېرىشەتتى .

  بۇلارنىڭ ئىچىدە غەززادا تۇرىدىغان پەلەستىن توپچىلىرى بەكرەك تەسىرگە ئۇچرايدۇ .يىقىندا پەلەستىن تەرەپ خەلقئارا پۇتبول جەمىيىتىنىڭ رەئسدىن بۇ مەسلىدە ياردەم سورىغان بولسىمۇ،لىكىن خەلقئارا پۇتبول جەميىىتىنىڭ پۇتبول بىلەن سىياسىنى ئارلاشتۇرۋالماسلىق چاقىرىقىنىڭ ھىچقانداق ئۈنىمى بولمىدى ، ئەلۋەتتە ئۈنىمى بولمايدۇ ، پۇتبولنىڭ سىياسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دىگەنلىك بىر ئاقماس پاراڭدە.

غەززە ۋە غەربى قىرغاقنىڭ قامال قىلىنىۋىلىشى پەلەستىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىگە تەسىر كۆرسەتتى ، چىگىرادىن چىقالماي ھايات بولسىلىغۇ ھامان بىر كۈنى يەنىلا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن توپ تىپەلەيدۇ ،لىكىن بىر قىسىم توپچىلار بولسا ھاياتىدىنمۇ ئايرىلدى .پەلەستىننىڭ تالانىتلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تارىخ كوتۇ 2004-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۋىتىلدى .2008-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئايمان ئالقۇرد ،موشتاھى ،شادى قاتارلىق توپچىلار ھاياتىدىن ئايرىلدى . بۇرۇنقى داڭلىق چولپان، كىيىن مەشقاۋۇللىق قىلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەھەدزاكۇت ئۆيىگە چۈشكەن بومبىدا پاتلاپ ھاياتىدىن ئايرىلدى .مۇھەممەد سارساك بولسا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ،ئۈچ يىل بىگۇناھ تۈرمىدە ياتتى ، كىيىن ئۇزاق مۇددەت ئاچلىق ئېلان قىلىپ ،ئاخىرى ئازادلىققا چىقتى .

مەيلى ئاسىيا لوڭقسىىدا ئۇلارنىڭ نەتىجىسى قانداقلا بولمىسۇن ، ئىتراپ قىلىنىشقا ئېرىشپ ،دۆلەت بايرىقىنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قارشى بىلەت تاشلىغان ئاۋىسترالىيەنىڭ زىمىنىغا قادىيالىغان بۇ كوماندا ئاللىقاچان غەلبە قىلىپ بولدى .

  مەزكۈر تېما 11ئادەم تورىدىن ئېلىندى
   http://www.11adam.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8174
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 16:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تور بەتنى تاقىۋەتسە بولغىدەك جۇما---
تېما پۇتبول بولغانكىن، پۇتبول توغرىسىدا پاراڭ قىلىشنى ئۇقمايدىغان مەستانىلەرگە ---بىر مەزگىل مۇنبەرنى تاقىۋېتىپ ئازراق ئىنكاس يېزىشنى ئۆگىنىپ كېلىش تەلىمى بەرسە بولغىدەك...


تېما پۇتبول بولغانكىن...ئەرەب، دۆلەت دىگەن بىلەن نېمە چاتىقىڭلار بار سىلەرنىڭ.
مۇنبەرنى تاقىۋەتسۇنمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 21:18:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمشقا 11 ئادەم تورىدىن تېما كۆچۈرۈپ كەلدۇق دەيمەن؟ مۇشۇ توغۇرلۇق ئاشۇ تېمىدىن پايدىلانغان ئاساستا توردىن ماتىريال ئىزدەپ، تېخىمۇ بېيىتىپ يازىمىز دېسەك يازغىلى بولاتتىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 21:20:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپلاس ئىسرائىليەلىكلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 21:29:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 21:32:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 21:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىنى ئوبدان يېزىپتىكەن. پەلەستىن زىمىنى ئىسرائىلىيەگە يىراقراق بولغان بولسا بەلكىم ھازىرغىچە خېلى بەك تەرەققى قىلغان بولاتتى. ئىسرائىلىيە پەلەستىننى يا ئالدىغا ياكى كەينىگە ماڭالمىغۇغدەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 21:37:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىگىمىز ئۆزى بار....................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 21:50:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا پەلەستىنىنىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتراپ قىلمىدى...ئەمما ئۇلار ئاسىيا لوڭقىسىغا ئايرىم دۆلەت سۈپىتىدە قاتناشتى......ئۇلارنىڭ ئايرىم دۆلەت ئىكەنلىكى ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىدا ئېتراپ قىلىنمىغان بىلەن ئاسىيادا ئېتراپ قىلىنسا كىرەك...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 22:00:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلىستىننىڭ  ئاۋۇ  بايرىقى  بار  رەسىم  ئەڭ  ئۈستىدىكى كۈزۈمگە بەك  ھەيۋەت  كۈرىندۇ  جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 22:12:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ بولمىغاندا   مەنبەسىنى  ئەسكەرتىڭ   قاپلانجاقنىڭ  تىمىسىغۇ  بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-18 23:43:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 23:44  

پەلەستنىنىڭ قانچىلىك ئازاپ ئۇقۇبەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھەركۈنى، ھەرسائەت ھەرمىنۇت،  ھەرسىكۇنت ، خىيىم -خەتەر ئىچىدە ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان زىمىندا ياشاۋېتىپمۇ، كۆرەشنى توختاتمىدى. ئاسىيا لوڭقىسى سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولسىمۇ دۇنياغا پەلەستىن خەلقىنىڭمۇ پۇتبول تىپىدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ قويدى،  ئەمدى پۇتبولغا كەلسەك ھەمىمىز پەلەستىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسىدا ياخشى نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمۈت قىلغان. بۇبىزدىكى پەلەستىنگە بولغان ھېستاشلىقتىن كەلگەن. مەن باشتا ئېتقان، كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا قارىساقمۇ پەلەستنىڭ گوروپىدىن چىقىشى تەس ئىدى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن  پەلەستن دۇنياغا ئۆزىنى يەنە بىرقېتىم تۇنۇتتى....................

‹زەربىدار › بۇتېمىنى مەلۇم مەقسەتتە يوللىغان بۇلۇشى مۇنكىن بۇنى توغرا چۈشەنسەك بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپتۇ، مىنىڭچە قاپلانچاقمۇ چۇقۇم توغرا چۈشىنىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-19 02:20:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇۋېتىپ بىر قىسما بوپ قالدىم .   8 بىلەت 9 بوپ كەتكەن بوسا  ياخشى بولاتتىكەن .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش