ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3737 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋانجالدەك جاھىل كالۋانى كۆرمىگەن مەن ...
253 سەپ شەكلىنىڭ مانچىستىرغا ماس كەلمەيدىغىنىنى پۈتۈن دۇنيا خەلىقى بىلىپ بولدى ، پەقەت ۋانجال تېخىچە بىلمەيۋاتىدۇ . بۇ سەپ شەكلى ئاقمىغاندا ئاندىن دەرھال 244 غا ئۆزگەرتىپ مۇسابىقىدە ئۇتىۋاتىدۇ ، ئاخشاممۇ دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى . شۇنىڭ بىلەن ھە ۋانجال ئەمدى سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغان بولدى ، مانچىستىرغا يەنىلا 4 بېك تۇرغۇزۇپ ئويناتسا ئۈنۈمى بۇلىدىكەن دەپ تۇرسا يەنە شۇ قىلدىغىنىنى قىلىپ كېيىنكى مەيداندىلا 253 نى ئىشلىتىۋاتىدۇ .
دىمارىيانىڭ قايسى ئۇرۇننى ئوينىسا ئەڭ ياخشى ئوينايدىغىنىنى مورىنىئو ، ئەنىچىلودى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە كۆرسىتىپ قۇيۇپ بولدى ، لىكىن ۋانجال بۇنى كۆرمەپتۇ دىمارىيا مانچىستىردا ھۇجۇمچى بۇلۇپ ئوينايدىكەن ، ئېنگلانىد كوماندىسىدا ھۇجۇم ئويناپ ياخشى ئىپادىسى بىلەن كېتىۋاتقان بىچارە رونى داۋاملىق ئوتتۇرا مەيدان ئويناپ ئۆزىنىڭ ھۇجۇمچى ئورنىنى دىمارىيا ئوينايدىكەن . ھەممە ئادەم شۇنى بايقىدى ئوتتۇرا مەيدان ، يان كىراي ئوينايدىغان دىمارىيا 60 مىليۇنغا يارايدىكەن ، بىراق ھۇجۇمچى ئوينايدىغان دىمارىيا 10 مىليۇنغىمۇ يارىمايدىكەن ... |
|