akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1492|ئىنكاس: 36

ياۋروپادىكى كىرىش بىلىتى ئەڭ يۇقىرى كۇلوپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1- ئا س مىلەن-سان سىرو مەيدانى  : گەرچە بۇ پەسىل مىلەننىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولىمىسىمۇ ئەمما سان سىرۇ مەيدانى دۇنياغا داڭلىق ئەڭ چوڭ مەيدان بولۇش سۆپىتى بىلەن رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىدى ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە سان سىرو مەيدانىنىڭ پەسللىك بىلەت باھاسى مۇقىم ھالدا 3000 ياۋرو بولۇپ كەلدى.

2-پالىرمۇ  بىربالا مەيدانى : سىز پالىرمۇنىڭ مەيدانىنىڭ قەيەردىلىگىنى بىلەمسىز ؟بىلەت باھاسىنىڭ نىمىشقا بۇنچە يۇقىرلىقىنى بىلەمسىز ؟ سىتسىلىيە ئارلىدىكى بىربالا پۇتبۇل مەيدانىنىڭ بىلەت باھاسى لازىئو كوماندىسىنىڭ بىلەت باھاسىدىن بىر ياۋرو قىممەت بولۇش سەۋەبى بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلدى،پەسىللىك بىلەت باھاسى 2994ياۋرۇ.

3- لازىئۇ- ئولىمپىك مەيدانى :ئولىمپىك مەيدانىنىڭ بىلەت باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنىڭ  سەۋەبى دۇنيا لوڭقىسى مەرگىنى كىلۇزنىڭ مۇشۇ كۇلوپتا توپ تەپكەنلىگىدىن بولىشى مۇمكىن،پەسىللىك بىلىتىنىڭ باھاسى 2993 ياۋرو .

4- فىلورىنسا -فىرانىكى مەيدانى:كۇلوپ جايلاشقان فلورىنسا شەھرىدىكى ئەھمىيەتلىك قۇرلۇشلارنىڭ بىرى ،مەيدان يىنىدا ئىگىزلىگى 70 مىتىر كىلىدىغان بىر مۇنار قەد كۇتۇرۇپ  تۇرىدۇ  ، مۇنار ئۇچىغا كۇلوپ بايرىقى ئىسلغان ،گەرچە ئارگىنتىنانىڭ قاتىل ھوجۇمچىسى بادىستوتانىڭ دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما پەسلىللىك بىلەت باھاسى 2652 ياۋرۇ ،ئەگەر يۇۋىنتوس ۋە رىملار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قالسا كىرىش بىلىتىنىڭ باھاسى ( تاق مەيدان ) ئۆسۇپ كىتىشى مومكىن.

5- ئارسىنال - خەلىپە مەيدانى :  ئارسىنالنىڭ كىرىش بىلىتى ئەزەلدىن يۇقىرى بوپ كەلگەن ئەڭ ئەرزان بولغاندىمۇ 1014 ياۋرودىن يۇقىرى ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2013 ياۋرۇ، تاق مەيداننىڭ بىلەت باھاسىمۇ 97 ياۋرودىن كەم ئەمەس،  ئۇزىل ۋە سانچىسلار مەيدانغا چۇشكەن مۇسابىقىلەردە تىخمۇ يۇقىرى .

6- تۇتىنھام رىس -ئاق بۇغا مەيدانى : ئاق بۇغا مەيدانىنىڭ كىرىش بىلىتى 1895 ياۋو ئەڭ ئەرزان بولغاندىمۇ 765 ياۋرۇ، گەرچە بىل قاتارلىق چولپانلىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ تاق مەيدان كىرىش بىلىتى 81 ياۋرۇ ئەتراپىدا بولماقتا .

7-خەلىقئارا مىلەن : ئوخشاش بىر مەيدان ئەمما نىمىشقا باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ ؟ئەلۋەتتە بىلەت باھاسىنى كۇماندىنىڭ ئىپادىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ دە ، خەلىقئارا مىلەننىڭ  كىرىش بىلىتى 1800 ياۋرو .

8- خان جەمەتى مادىرىت- بىرنابۇ  مەيدانى : ئىناۋىتىگە قارغاندا بىلەت باھاسى بىر قەدەر ئەرزان ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ياشلارغا ئىتبار بىرىدۇ، كىمنىڭمۇ ئەرزان باھادا بىلەت ئىلىپ كىرىپ ئالتۇن توپ ساھىبى رونالدۇنىڭ ئىپادىسىنى نەخ مەيداندىن كۆرگىسى يوق، پەسىللىك كىرىش بىلىتىنىڭ باھاسى 1460 ياۋرۇ .

9- چېلسى -سىتانفۇرد كۈۋرىگى مەيدانى : ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1250 ياۋرۇ بىلەن سىز ئازار ، كوستا، فابىرگاسلارنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز ،خوش خەۋەر يىقىندا سىز 750 ياۋرۇ بىلەن چېلسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىڭىز مومكىن.

10- رىم - ئولىمپىك مەيدانى : پەسىللىك كىرىش بىلىتى 1200 ياۋرۇ بىلەن سىز توتى، پىرلۇ قاتارلىقلارنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىسىز ، پىلانغا ئاساسلانغاندا رىم مەيدانىنى باشقا جايغا كۆچۇرمەكچى ، شۇنداق بولغاندا 52500 ئادەم سىغىدۇ ، شۇ چاغقا كەلگەندە بىلەت باھاسىدا يەنە ئۆزگۇرۇش بولىشى مومكىن.


مەنبە:جىبو 8 تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە  ئەڭ  قىممەت  مەيدان  ئۆرۈمچىدىكى  جۇڭگۇ   ئا  دەرجىلىق  مۇسابىقە  بىلىتى
نۇرمال  ئۇرۇن 80  يۇئەن ئالى  ئۇرۇن  220  يۇئەن  ئوقىغىچىلار  بىلىتى  30  يۇئەن
ئۇرۇندۇقنى  ئۆزڭىز  تازلايسىز   كۆرۇش  ئارلىقى  يىراق.مۇھىتى  ناچار.ھاجەتخانسىنىڭ  تاينى  يوق
تاماشىبىنلا  سۇپىدا    بىر  بولسا  يۈندە  يىغلىپ  قالدۇ  بىر  بولسا  ھوشۇققىچە  توپا
ئېشنى  قىلىپ  ئۇ  مەيداننىڭ  خەلىقئارا ئۆلچەمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بىخەتەرلىك تەكشۇرشىدىن باشقا  يارغىدەك يىرى يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:51:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 17:56  

بەزى كۇلۇبلارنىڭ مەيدانىنى نىمىشقا ئادەم ئازكەن دىسەم ئەسلى بىلەن باھاسى قىممەتكەندە بارسىلوناننىڭ مەيدانىغا پارچە پۇل بىلەنمۇ كىرگىلى بۇلدىغان ئوخشىمامدۇ شۇڭا مەيدانىدا ئادەم جىقكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 18:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر نىمانچە زىرىكىشلىك بۇلۇپ قالغاندۇ ، ما لۈكچەكلەر ياكى تىما دىگەننى ئايماي يازماپسىلە دەيمەن ئادەمنى زىرىكتۇرۇپ قويماي ، ياكى مەت ياسىنكا پەرۋەرنى قۇيۇپ بەرسەڭلا بولمامدۇ بىردەم كۇنۇپكا ئۇرشى قىلشاتتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:27:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 17:31  

پاھ، نېنىمىز كىچىك، بەك توۋلايدىكەنمىزدە... ھەي، پۇلغا ئېلىپ كەلگەن پۇتبولچىنىڭ تايىنى يوق، يا تۈزۈك غەلىبە يوق، بېلەت باھاسى ئاسمان پەلەك... سودىنى بىزلا قىلساق بولىدىكەن... رېئال مادرىدنىڭ بېلىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بولغۇدەك...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ  شۇ  3000  ياۋرۇ  دىگىنى  3000 يۇەن بىلەن  ئوخشاش  دەپ  بىلىمەن ،-ئۆزەمچە!
چۈنكى  ئۇلارنىڭ  ئىستىمال سەۋيىسى  شۇنداق تە!

ۋاھ  !  قارىغاندا  نوۋكەنپو مەيدانىنىڭ تىخىمۇ  ئەرزان  بولىدىغان ئوخشايدۇ!
ئاللاھ نىسىپ قىلسا  مىسسىلار  چىكىنگىچە نوۋكەنپو مەيدانىدا  شۇنىڭ  مۇسابىقىسىنى نەق مەيدان كۆرسەم!
پۇتبۇل ئىلمىدىن ئىيتقاندا -ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقتى!
(پۇتبۇل مەستانىچىلىقى تەرەپتىن)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:36:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىر پەسىللىك 3000 ياۋرۇ دىگىنى قانداق چۇشىنىمىز ، مەسلەن بىر ئ‍ورۇندۇقنڭمۇ ، ياكى پۇتۇن مەيداننىڭمۇ  ، ۋاھاكازالار …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:37:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىق پۇلى  854 يۆەنگە مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بولدىكەن ،  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-17 17:40:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىم يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 17:36
بىر پەسىللىك 3000 ياۋرۇ دىگىنى قانداق چۇشىنىمىز ، مەسل ...

بىر ئورۇندۇقنىڭ  بىر پەسىللىك باھاسى ، ساھىپخان مەيداندىكى بىر پەسىللىك  مۇسابىقىسىنى  ئاشۇ ئورۇندۇقتا كۇردىكەنمىز ، تەپسىلىرەك يازماپتىمەن كەچۇرۇڭ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:57:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەننىڭ نىمانچە قىممەت بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق   
بىلىدىغانلار چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:58:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 17:40
بىر ئورۇندۇقنىڭ  بىر پەسىللىك باھاسى ، ساھىپخان مەيدا ...

     كەچۇرۇم سۇرىغىدەك ئ‍ىش يۇققۇ ، مۇنبەردىشم ، بولسا سىزگە رەخمەت دىسەك بۇلىدۇ ، ئ‍ازىراق بولسىمۇ بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق ئ‍ەمەسمۇ ، رەخمەت سىزگە…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 17:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 17:39
مىنىڭچە  ئەڭ  قىممەت  مەيدان  ئۆرۈمچىدىكى  جۇڭگۇ   ئا  دە ...

ئەمما جىڭ گەپ قىلدىڭىز  جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىلەرنىڭمۇ 50-60 يۈەن ئەتراپىدا  
ئا بىرلەشمە باشلانغاندا بىلەت باھاسىدا ئۆزگىرىش بولارمۇ ياكى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-17 18:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە كۇلۇپلىرىنىڭ بېلەت باھاسى نىمانداق قىممەت؟ئېنگىلاند بويىنچە بىزنىڭ مەيداننىڭ بېلىتى
ئەڭ قىممەتكەن.



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 13:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش