ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 91 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالتۇن ئۆسمۇر توررىس ئالدىنىقى بىر قانچە پەسىل زەردار چىلسى ۋە زەردار مىلاندا ئىشلىرى تازا ئوڭۇشلۇق بۇلماي ئىپادىسى ھە دىگەندە تۇۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. كۇنا
يىلنىڭ ئاخرىدا كىچىك مادرەتتىكى چېرچىنىڭ ئىپادىسىنىڭ دىگەندەك بولماسىلىقى قاتارلىق بىرقانچە ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن مىلان تەرەپنىڭ ئاجايىپ پاراسەتلىك بىلەن
سۇدىنى يۇرۇشتۇرىشى نەتىجىسىدە جانابى توررىس ئەپەندى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا كۇنا ئائىلىسى كىچىك مادرىتقا كەلدى. كەلگەندىن كىيىن ئۇ نىڭغا قارىتا مەشقاۋۇل سىمونى
‹‹توررىس بۇ يەرگە قۇتقازغۇچى ئىلاھ(ئەجەپ بىر،مۇشۇ چۈشەنچىسىنى بۇ خەقنىڭ.....) بولغىلى كەلمىدى، ئونىڭ مۇ ئۆز ئىمكانىيىتىدە قىلالايدىغان ۋەزىپىسى بار›› دىگەن مەزمۇندا سۆز قىلغان. مۇھىم مەسلە--- توررىس زادى كۇنا ئائىلىسىدە يەنە چاقنىيالامدۇ يوق؟ئونىڭ كىيىنكى تەقدىرى قانداق بۇلار؟ سىمونى ئەپەندى ئۇنى
يەنە قۇزغىتالامدۇ-يوق؟
بو مەسلە ئەلۋەتتە ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك تۇۋەندىكىدەك رەۋىشتە بۇلۇپ ئۆتتى.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ16-كۈنى سەھەردە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 1مىنۇتقا توشمايلا مادرىد رىقابەت توپنى پاسلىشىپ گىرىزمەننىڭ بەرگەن پېسىنى توررىس كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىككە ئۆتتى ، بۇ توررىسنىڭ مادرىد رىقابەتكە كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى توپى ۋە بېرنابۇ توپ مەيدانىدا رىئال مادرىدقا ئۇرغان تۇنجى توپى ،مۇسابىقە داۋاملىشىپ 20مىنۇتقا بارغاندا راموس كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزدى ، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپلا يەنە گىرىزمەن بەرگەن پاسنى توررىس كىرگۈزۈپ ئىككى توپ ئۇردى ۋە بىر توپ ئۈستۈلىككە ئۆتتى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 54مىنۇتقا بارغاندا بېل پاس چىقىرىپ رونالدو ئۈسسۈپ كىرگۈزدى ، ئاخىرىدا ئىككىلى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي 2-2نەتىجىدە ئاياغلاشتى ، ئومۇمى نەتىجە 2-4بولۇپ مادرىد رىقابەت يېڭىپ رىئال مادرىد شاللىنىپ مادرىد رىقابەت ئوڭۇشلۇق سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ كەتتى ...
(مەن بۇيەردە دىمەكچى بولغۇنوم قانداقتۇ خان مادرىتنىڭ شاللانغانلىقىدىن خوش بۇلۇپ ئەمەس بەلكى پۇتبۇل دۇنياسىدىكى ناھايتى قىممەتلىك بىر شەخسنىڭ
يىڭى باشلىغان سەپىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلغانلىقى ،بەلكى بىر مەيداندا قوش خۇشاللىق ياراتقىنىدىن سۈيۈنگەنلىكىم ئۈچۈن)
2015-يىڭى بىر يىل توررىس ئۆچۈن ۋە ئۇنىڭ مەستانىلىرى شۇنداقلا كىچىك مادرىت مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى بىر يىل بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنى سىمونىدىن ئىبارەت ئارگىنتىنالىق مەشقاۋولنىڭ تۆھپىسى دىيىش ئەڭ مۇۋاپىق بولسا كىرەك. شەخسەن مەن سىمونى توغرىسدا چۈشەنچەم ئىلگىرى
يوقنىڭ ھىسابىدا ئىدى.ئۆتكەندە تالانتلىق چۈشەندۈرگۈچىمىز ئابلەتجان بارسلونانىڭ تېرىنىر ئالماشتۇرىشى مەزمۇنىدىكى ئىنكاسىدا سىمونى بارسىلوناغا
ئەڭ لايىق تېرىنىر نامزاتى دەپ ئەسكەرتكىنىدە شەخسەن مەندە چۈشەنچە بىر ئاز گوڭگا ئىدى. كۆپچىلىكمۇ ئانچە ئىرەن قىلمىغاندەك...مىنىڭچە سىمونى
ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر تىرىنىر بۇلۇشقا مۇناسىپ ئىكەن.
تېمىنىڭ باش قەھرىمانى توررىسقا بۇ بىر قىتىملىق نەتىجە بىلەنلا بىراقلا باھا بىرۋەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە مەستانىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قىمەتلىك بىر ئىش. ئونىڭ كىينكى ئىشلىرى ئۈچۈن كاتتا ئىلھام. ( ئونىڭ ئۇرغان توپى مۇھىم شەرەپكە ‹شاھلىق لوڭقىسى› ئىرىششنىڭ
ھالقىلىق پەيتىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇپلاردىن بۇلغۇچى خانلىق مادرىتقا مۇسابىقە باشلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەسلەپ قىلىشى ۋە قوش گۈل قىسىشى.)
ئاخرىدا توررىسنىڭ بارىسلونا غا ئۇرماي باشقىلارغا كۆپرەك توپ ئۇرۇپ ئاكىسى چوڭ مادرىتنى تىخىمۇ ھۆرمەتلەپ ھۆرمەتلەپ يەنە ھۆرمەتلەپ تىخىمۇ
بەكرەك چاقنىشىنىغا تىلەكداشمەن. ئامىن !....
( كىچىك مادرىت ئىككىنچى مەستانە كولۇپۇم بولغاچقا بۇ تىمىنى يىزىپ قالدىم).
رسىم كىرىشتۈرۈشكە قىينىلىپ قالدىم .يەنە توررىس كۇنا تۇنۇش چىرايلاردى بولغاچقا ...... تۇغرا چۈشەنسەڭلەر |
|