ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
رونالدو يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى بۇلۇپ باھالىنىپ مېسسى نىڭ رىكوتى بىلەن تەڭلەشتى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خەلقئارا پۇتبول تارىخى ۋە سىتاستىكا ئۇيۇشمىسى (IFFHS ) يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى نامزاتىنى ئېلان قىلدى. خانلىق مادىرىد ھۇجۇمچىسى رونالدو 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى بۇلۇپ باھالاندى. بۇ رونالدۇنىڭ ئۇدا 2 -قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرشىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.(2013-يىلىمۇ رونالدو ) ئالدىنقى پەسىللىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە رونالدو 17توپ كىرگۈزگەن، بىرلەشمىدە 31توپ كىرگۈزگۈزۈپ ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.بۇ قېتىم (IFFHS ) دۆلەت كوماندىسى ۋە قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىدىكى كىرگۈزگەن توپنىلا ھىساپلىغان. رونالدو 2014-يىلى بۇ ئىككى تۈردە جەمئى 20توپ كىرگۈزدى.دۆلەت كوماندىسىدا 5توپ،كۇلۇپتا 15توپ . بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە 1-ئۇرۇندا تۇرىدۇ.تارىختا ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى بولسا مېسسى. 2011-يىلى ۋە 2012-يىلى. رونالدونىڭ بۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى شەرىپى قۇشۇلۇپ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى بۇلۇپ باھالىنىپ مېسسىنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى. بۇيىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى رەت-تەرتىۋىدە 2-ئۇرۇندا تۇرغىنى نىيمار 19توپ كىرگۈزگەن. نىيمارنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا كىرگۈزگەن تۇپى 15،كۇلۇپتا كىرگۈزگەن تۇپى 5،ئۈچۈنجى ئۇرۇندىكىسى بولسا مېسسى. ئۇنىڭ كىرگۈزگەن تۇپى 18.
IFFHS باھالىغان ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچىلار:
1.رونالدو :20توپ
2.نىيمار:19
3.مېسسى:18توپ
4.گىئەن.ئاسامۇئا:18توپ
5.بېنزىما:16توپ
6.موللىر:15توپ
7.جىيۇۋياڭ(ئاسىيا):12توپ
8.شامرانى :(سەئۇدى):12توپ
9.ۋان پىرىس:11توپ
10.بېل:11 توپئەسكەرتىش:ماۋۇ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا يوللىغان خەۋەرتى. مۇنبەر تاقىلىپ بېسلىپ قاپتۇ. |
|