ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
رەسىملىك خەۋەرلەر گېزىتى: مادىرىد رىئوس بىلەن توختامدا بىرلىككە كەلگىنى يوق، بىراق قىزىققىۋاتقانلىقى راست
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى 《El Confidencial》ئىلگىرى مادىرىد گىرمانىيىنىڭ ئۈمۈدلىك چولپىنى، ھازىرىقى سېرىق ھەرە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى رىئوس بىلەن توختامدا بىرلىككە كىلىپ بولدى دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى.لىكىن «رەسىملىك خەۋەرلەر گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ خەۋىرىنى ئىنكار قىلىۋەتتى. بىراق بۇلارمۇ مادىرىدنىڭ رىئوسنى سېتىۋىلىش ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى 《El Confidencial》ئىلگىرى مادىرىد گىرمانىيىنىڭ ئۈمۈدلىك چولپىنى، ھازىرىقى سېرىق ھەرە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى رىئوس بىلەن توختام ئىمزالىشىپ بولدى. توختامنىڭ ۋاقتى بەش يىل، رىئوسنىڭ يىللىق مۇئاشى باجدىن كىيىن يەتتە مىلىيون ياۋرۇ بولدى دەپ خەۋەر بەرگەن. بىراق «رەسىملىك خەۋەرلەر گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى بۇ ئىشنى ۋاتزىكدىن سورىغاندا، ۋاتزىك بۇنداق ئىشنىڭ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
رىئوسنىڭ ۋاكالەتچىسى Hebelمۇ «ئۇلار ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپتۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
«رەسىملىك خەۋەرلەر » گېزىتىنىڭ ئىگەللىگەن ئەڭ يىڭى ئۇچۇرىدا، ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ خەۋىرىنڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. لىكىن ئۇلارمۇ مادىرىد كۇلۇبىنىڭ رىئوسقا قىزىقىۋاتقانلىقىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، تېخى توختام ئىمزالاشمىغانلىقىنى ئېيتقان. |
|