ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 188 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تېمىنى كۆرۈپلا يۈگرەپ كىردىڭلار ھەقىچان.
1-ئاينىڭ14-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى نۇپۇزلۇق تەنتەرنىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى 3-ئايدىن باشلاپ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ۋە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكىلىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولۇپ،شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى خۇبېيدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ،شىنجاڭ بىلەن 3يىللىق توختام تۈزۈشكەن.بۇ يېڭى قائىدە بۇيىچە بولغاندا بۇ كوماندا خۇبىيغا قايتالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 66.7%پېيىنى ئۈرۈمچى ‹جۈنتەي ئۆي مۈلۈكچىلىك ›گوروھىغا ،16.67%پېيىنى شاڭخەي‹چاڭخۇا مەبلەغ سېلىش ›شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن .شۇنداق قىلىپ بۇ كوماندا بۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭغا مۇقۇم ئولتۇراقلاشتى.
ھازىر بۇ كوماندا چېڭدۇ شىفىرلەندە توپ تەپكەن ئاراپات ۋە گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىدا توپ تەپكەن شاۋكەتنى قۇشىۋالغان بولۇپ،بى ئىككەيلەن كوماندا بىلەن بىرلىكتە دوڭگۈەندە مەشىق قىلىۋاتىدۇ.بۇ ئىككەيلەندىن باشقا يەنە نۇرۇممۇ شاڭخەيدىكى سىناق مەشىقنى تۈگۈتۈپ كوماندىغا قايتقان.كىچىكلەر كوماندىسىدىكى بىر نەچچە يىگىتىمىزنىڭمۇ بىرىنجى سەپ كوماندىغا چىقىشى ئاساسەن مۇقۇملىشىپ قالغان.شۇنداق بولغاندا 2015-يىلى بۇ كوماندا يېڭىچە قىياپەتتە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ،يېڭى پەسىللىك مۇسابىقە پەسلىدە ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،كوماندىدا ئاساسلىق ئورۇننى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
|
|