ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3321 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 12:15
گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنىرى لىف نىڭ قارىشىچە گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بايرىن كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى لام يىقىنقى 10 يىلدىكى ئەڭ ياخشى توپچىكەن.
ئۆتكەن 7 يىلدا كىرىستىيانى رونالدۇ( 2008-2013-2014) ، مىسسى ( 2009-2010-2011-2012-يىللىرى ) ئالتۇن توپنى مونۇپۇل قىلىپلا قالماستىن ، مادىرىت ۋە بارسىلونا كۇلوپلىرىمۇ ئۇدا رەقىپلىرىگە زەربە بىرىپ كەلدى،كىم دۇنيادا ئەڭ قالتىس دىگەن مەسىلىمۇ توختىماستىن مونازىرە قىلىنىپ كەلدى.
گەرچە لام بىر قىتىممۇ ئالتۇنتوپ شەرىپىگە ئىرىشىپ باقمىغان ، ھەتتا ئالدىنقى 3 نامزاتنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىپ باقمىغان بولسىمۇ لىفنىڭ قارىشىچە ،2014 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇن كوماندىسىنىڭ كاپتانى بولمىش لام ئۆتكەن 10 يىلدىكى ئەڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىكەن.
‹‹ئالتۇن توپ ھەققىدىكى پاراڭلارنى قايرىپ قويۇپ ، خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى ئەڭ مونەۋۋەر پۇتبولچىنى تاللاپ چىقىشى كىرەك،ئەلۋەتتە لامنى ئويلىشىشى لازىم›› دەپ ئىپادە بىلدۇردى.
‹‹ 2006-يىلى،2010-يىلى ۋە 2014- يىلى دۇنيا لڭقىسىدا لام دۆلەت كوماندىسغا ياردەملىشىپ 2 قىتىم يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى، 2014- يىلى يازدا بولسا چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۇردى،ماڭا نىسبەتەن لام ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى››.
2014-يىللىق ئالتۇن توپ سايلىمىدا لىف بىرىنچى بىلەتنى نويىرىغا ،ئىككىنچى بىلەتنى سابىق كاپىتان لامغا ، ئۈچىنچى بىلەتنى بولسا ھازىرقى كاپىتان شىۋىنستايگىرغا تاشلىغان ، نويىرنىڭ ئالتۇن توپ ئالالماسلىقى لىف نى ئومۇتسىزلەندۇرگەن.
لىف 2014-يىلى ئارگىنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ ، دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولۇپ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرنىر شەرىپىگە ئىرىشكەن.
مەنبە:直播首页>足球新闻> |
|