ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3894 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 10:25
ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پىلاتىنى ، 2014-يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبى رونالدوغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى .
پىلاتىنى مۇنداق دېدى : ھۆرمەتكە سازاۋەر رونالدو ، ھاياتىڭىزدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئالتۇن توپ ساھىبى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن ، بۇ غەلىبە بولسا پۇتبول دۇنياسىدىكى پەخىرلەنگۈدەك غەلىبە ،سىز پۇتبول تارىخىغا ئىمزايىڭىزنى باسالىدىڭىز .
پىلاتىنىنىڭ بۇ تەبرىك خېتى قارىماققا ، ناھايىتى نورمالدەك تۇيۇلسىمۇ ، لېكىن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى پىلاتىنىنىڭ : ئالتۇن توپ ساھىبى ، دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدىن چىقىش كېرەك دېگەن سۆزى ، مادرىد ۋە مادرىد مەستانلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرگەن ئىدى ، بۇنىڭغا قارىتا مادرىد كۇلۇبى ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىپ ، پىلاتىنىدەك بىر شەخسىنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا ئۆز پىكىردە بىر تەرەپكە يان باسماسلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى .
ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى شەخس رونالدو بىلەن مىسسىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەشەددي رەقىب دەپ قارايدۇ ، لېكىن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى بىر سىن لېنتىسىدىن ئايان بولۇشىچە ، مىسىسى بىلەن رونالدونىڭ مۇناسىۋىتى بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق يامانمۇ ئەمەسلىكى ئسپاتلاندى ، ئاس گېزىتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ۋىدىيودا ، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ئارقا ھويلىدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەردە ، مىسسى بىلەن رونالدونىڭ بىر بىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقانلىقىنى ، رونالدو ئۆزىنىڭ ئوغلىنى مىسسى بىلەن كۆرۈشكە بۇيرۇغانلىقى ئاشكارا بولدى ، رونالدونىڭ ئوغلى مىسسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن پەيتتە ، رونالدو مىسسىغا كۈلۈپ تۇرۇپ : ئوغلۇم دائىم سېنىڭ گېپىڭنى قىلىدۇ ، ئۇ سېنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرسى ، ئۇ دائىم توردىن سېنىڭ ۋىدىيولىرىڭنى ئاختۇرۇپ كۆرىدۇ دېدى . ئوغلىنىڭ مىسسى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقاندا سەل خىجىل بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن رونالدو ،ئوغلىغا :بولدى خىجىل بولما ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈۋالغىن دېدى.
ۋىدىيونى ئۆزەم كۆرگەن بولساممۇ ، چەتئەلنىڭ تور بېتىدە كۆرگەن نەرسىنى ، بۇ مۇنبەرگە ئولاشنى لايىق تاپمىدىم توغرا چۇشىنىڭلار .
|
|