ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 91 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالتۇن توپ مۇكاپاتى تۇغرىسىدا كۆز -قاراش ۋە مۇلاھىزىلەر مۇنبىرىمىزدە ئاجايىپ ئەتراپلىق ۋە دوستانە قىزىپ كىتىپتۇ. مەن ھەم ئەتراپلىق ۋە مىغىزلىقلىقدىن
ھەم ئۆزگىچىلىكلىرىدىن ناھايتىمۇ سۈيۈندۇم.ناۋاتتەك گەپلىرىڭلارغا ھەشقاللا!!!! ... مۇشۇ ھەقتە مەنمۇ بىرەر ئىككى كەلمە دەپ باققۇم كەلدى . ئەسلى ئىنكاس
قىلىپ يازغان ،ئۇيلاپ باقسام تىما سۈپىتىدە يوللىساممۇ بۇپ قالدىغاندەك .... باشقۇرغۇچىلارنىڭ لايىق كۆرسە تەستىقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلمەن.
بۇ يازمىدا مۇۋاپىق بۇلمىغان جايلىرى بۇلسا تەكلىپ -پىكرىڭلارنى جان دەپ قۇبۇل قىلىمەن.
ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا مۇشۇنداق گەپ چىقىشى تۇرغانلا گەپتى (بۇلۇپمۇ بۇيىل)!!! چۈنكى بىر قاپقىچى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن ئالتۇن توپ نامزاتلىقىغا تاللىنىپ
قالدى ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە نۇيىرنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بوپتىكەن.بۇلۇپمۇ 2014 دۇنيا لوڭقىسىدا ئالجىرىيە ،گرمانىيە مۇسابىقىسىدە. بىراق ھۇجۇمچى
لارنىڭمۇ ئىپادىسىگە ئۆز يومغىلى بۇلمايدۇ. ئۇلار ھەم بىر -بىرىدىن قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى...مەنمۇ بۇ ھەقتە بىرخىل كەمچىللىك باردەك ھىس قىلىپ
تۈۋەندىكىچە كۈز -قاراشلىرىمنى سۆزلەپ باققۇم كەلدى.
مىنىڭچە: بىرىنچىدىن :مەيداندا 11 ئادەمنى 4خىل ئۇرۇنغا بۆلگەندىكى بۇمۇكاپاتقا يەنە ئىككى تۇرلۇكنى قۇشۇپ،مەسىلەن:
(ئالتۇنتوپ--ھۇجۇمچىغا: ئالتۇن پەلەي---ۋارتارغا: يەنە ئالتۇن ...... نى ----ئوتتۇرا مەيدانغا: ئالتۇن سىپىل...... مۇداپىيەچىلەرگە) بەرسە.
ئىككىنچىدىن: ئەگەر ئونداق قىلمىغاندا، قاپقا دىگەننىمۇ ئادەم ياسايدىغان نىمە بولغاندىن كىيىن ،
ئىگىزلىگىنى بىر ئىككى مىتىر، كەڭلىگىنى بەش ئالتە مىتىر قىلۋالماي توپ پاتقۇچىلىكلا قىلىپ ياساپ ئوينۇتۇپ باقساق شۇچاغدا ( قىنى مەن -مەن دىگەن قاتىل ھۇجومچىلاردىن بىزنىڭ مىسسى سىلەرنىڭ رونالدۇ، ئۇلارنىڭ
تۆگىسى،يەنە كىملەرنىڭ مارىستىن، يوپىتىردىن كەلگەن ھوجۇمچىلىرى )قانچىلىك جىق توپ ئۇرالايدىكىن ؟
(ۋاي ۋوي !!!مەيداندا 22 نەپەر ھۇجۇمچى ئويناپ كەتسە ھە!!!! قالتىس....) مۇشۇ ئۇسۇلدا مۇبارەك ‹‹ئالتۇن توپ ›› مۇكاپاتىغا بىلەت تاشلايدىغان ئىشمۇ ئەمەلدىن قىلىپ ، كىمنىڭ ئىرىشىدىغانلىغى مانا مەن دەپ ئىنىقلا بۇلىشى مۇمكىن.ئۇ چاغدا ھىچقانداق توپچىنىڭ ئىچىدە غۇم قالماسلىقى مۇمكىن.
ئۈچۈنچى : پالانچى بۇ پەسىلدە ئۇرغان توپ مانچە، تۆھپە پاس مۇنچە .چىكىت ئانچە ، ئىسراپ قىلۋەتكىنى قانچە دەپ سانايدىغان ئىش
بار بولغاندىكىن قاپقىچىنىڭمۇ چۇقۇم كىرىپ كەتمەكچى بۇلغان توپتىن تۇتۇۋالغىنى مۇنچە ،چىقىرۋەتكىنى ئانچە
قاراپ تۇرۇپ كىرگۈزۋەتكىنى مۇنچە دەپ سانىساق ئۇ چاغدا بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر قاپقىغا توپتەپكۈچى دۇشمەن 11+ ئاندا ساندا خائىن توپچى بۇلۇپ جەمئى12،11 ئادەم بۇلىدۇ،شۇڭاھۇجۇمچى كىرگۈزگەن توپ بىلەن ۋارتا كىرگۈزمىگەن توپ سىلىشتۇرلىشى كىرەك.مىنىڭچە بۇنىڭ ئادىللق تەرىپى بار چۈنكى كىرگەنمۇ توپ كىرمىگىنىمۇ توپ .شۇ چاغدا كىمنىڭ توپ سانى كۈپ بولسا شۇ ئالتۇن توپقا لايىق.
(ھۇجۇمچىغا ئالتۇن كالاچ، ئالتۇن توپ بار ۋارتارغا ئالتۇن پەلەي بار يۇ ئالتۇن تۇپ يوقنىڭ ھىسابىدا. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئادىلسىزلىق.)
تۈتىنچى: لايىھە ‹‹ پۇتبۇل ئەپەندىسى ›› مۇكاپاتىنى قايتا ئالتۇن توپتىن ئايرىساق مۇكاپات تۇرى 4 خىل
بۇلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ھۇجىمچىغا ئالتۇن توپ ، ئۇتتۇرا مەيدانغا ‹‹ پۇتبۇل ئەپەندىسى›› .بىكلەرگە
ئالتۇن كالاچ ( ھاھاھاھا ھھھھھھھھھھھھ ھەجەپ تۇردىكەن بۇ ئىسىم) ۋارتارغا ئالتۇن پەلەينى بەرسە ھەر بىر ئورۇندىكى تۇپچىلارغا ئادىل بۇلىدىغان بۇلىشى مۇمكىن .
(بەلكى مۇۋاپىق بۇلمىسا باشقىچەرەك تەڭشىسىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز قۇلۇقۇم سىزدە..)
ئەلۋەتتە بۇلار شەخسى كۆز قارىشىم .يوقۇردىكى لايىھەلەردىن ياخشىراق باشقا لايىھەلەر بۇلىشىمۇ مۇمكىن،مىنىڭچە گەپ ئەمىليەتكە ئۇيغۇنراق ئىسلاھ قىلش،ۋە 11 ئادەمنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەجرىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشتا.ئىلگىرى ئالتۇن توپ بىلەن پۇتبۇل ئەپەندىسى ئايرىمكەندۇق. ئەمدى بىرلەشتۇرلۇپتۇ، دىمەك مۇكاپات
ئوسۇلىنىمۇ مۇۋاپىق ئىسلاھ قىلساق تۇغرا بۇلىشى مۇمكىن.
شۇ تاپتا 9 ياشلىق ئوغلۇم پۇتبۇلدا خىلى تىرىشىۋاتىدۇ . پۇتبۇلغا گەرچە يىشىم ۋە كەسپىم ماس كەلمىسىمۇ ،مەستانىلىگىم ھەم ئوغلۇمنى دەپ بۇ مۇنبەرگە كۈن ئارلىماي زىيارەتكارمەن. ئويلاپ باقسام مەنمۇ بىرەر ۋارتارنىڭ ياكى بىرەر بىكنىڭ ھىكايىسىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرمەپتىمەن . چۈنكى كىچىك بالا دىگەنگە كەسىپكە
بۇلغان مۇھەببەت ،سادىقلىق دىگەندىن كۈرە 100 نۇمۇر ، ئالتۇم مىدال دىگەندەك ھازىرچە كونكىرىتراق نەرسىلەر ياخشى بىلىندىكەن . كىيىنچە ئۇ مەيداننىڭ
قايسى ئۇرۇنىغا بەكرەك ماس كىلىدۇدىگەن مەسلىنىمۇ ئويلاشقان تۈزۈك. ئەلۋەتتە مۇكاپاتلاش بىر تەرەپلىملىكتىن خالى بۇلۇپ ئالاھىدىلىكى، ئەجرىگە قارىتا ئادىل بولسا
بالىلىرىمىزنىمۇ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا كىچىكىدىن تارتىپ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيەلەشكە پايدىلىق بۇلىشى مۇمكىن.
|
|