akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 31

2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۈگۈن سەھەر شىۋىتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق پۇتبۇل ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئالتۇن توپ مۇكاپاتى- كىرىستىيانو رونالدو
رو.png
پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەيئەت ئەزاسى ، دۆلەت كوماندىسى باش تېرىنېرى ، دۆلەت كوماندىسى كاپىتانى   ئۈچ ئادەمگە ھەربىرى بىردىن بىلەت تاشلايدۇ ، بىرىنچىسى  5 نومۇرغا  ئىككىنچىسى 3 نومۇرغا، ئۈچىنچىسى 1 نومۇرغا  ئېرشىدۇ،  مۇشۇ بويىچە ھىسابلاپ ئالتۇن توپ ساھىبىنى تاللاپ چىقىدۇ .
خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، كىرىستىيانو-رونالدو  37.66% بىلەتكە،  مېسسى 15.76% بىلەتكە،   نويىر 15.72% بىلەتكە ئېرىشكەن. رونالدو ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئېرىشىپ 2014-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ رونالدونىڭ كەسپى ھاياتىدا ئۈچىنچى قىتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ھىسابلىنىدۇ. رونالدو ئۈچىنچى قىتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، پۇتبۇل ساھەسىدىكى كىرويۇف، پىلاتىنى ۋە ۋان باستىنلارنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپات قىتىم سانى بىلەن تەڭلەشتى. رونالدو تۇنجى قىتىم مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى ۋاقتىدا يەنى 2008-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئىككىنچى قىتىم 2013-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ قىتىمقىسى ئۈچىنچى قىتىملىقى ھىسابلىنىدۇ. 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا مېسسى ئۇدا 4 نۆۋەت ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-يىلى رونالدو كۇلۇب بىلەن بىرلىكتە 4 چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ( ئۇزغۇنلۇق، شاھلىق، كۇلۇبلار لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى )، ئۇزغۇنلۇقتا 17 توپ ئۇرۇپ مېسسىنىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ پەسىل باشلانغاندىن بىرى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 18 ئايلانمىسىدا 26 توپ ئۇرۇپ ئىككىنچى ئورۇندىكى مېسسىدىن 10 توپ ئارتۇق ئۇردى. ياردەمچى پاس سانى جەھەتتىمۇ 18 ئايلانمىدا 9 ياردەمچى پاس چىقىرىپ رەت-تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. ياردەمچى پاس سانى ئۆزى ئۆتكەن پەسىل چىقارغان ياردەمچى پاس سانى بىلەن تەڭلەشتى.

2. ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر- لىف
تىرىنىر.png
گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 54 ياشلىق تېرىنىرى لىف ئۆتكەن يىلى گىرمانىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى 4-قىتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ، ئىتالىيەنىڭ چېمپىيونلۇق قىتىم سانى بىلەن تەڭلەشتى. گىرمانىيە كوماندىسى لىفنىڭ يىتەكچىلىكىدە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە 1-0 نەتىجە بىلەن ئارگىنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. لىف مۇشۇ تۆھپىسىگە ئاساسەن خانلىق مادرىد تېرىنىرى ئەنچىلوتتى ۋە مادرىد ئاتلىتكا تېرىنىر سىمونىنى مەغلۇپ قىلىپ 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر بولۇپ باھالاندى.

3. پۇسكاس مۇكاپاتى- جامىس-رودىرىگىز
رودىرى.png
پۇسكاس مۇكاپاتى-ئەڭ قالتىس كىرگەن توپ مۇكاپاتى 2009-يىلى پىلاتىنىنىڭ تەكلىبىگە ئاساسەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، رىۋايەتلىك توپچى پۇسكاسقا بولغان ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ. خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ئەڭ قالتىس 10 توپنى تىزىپ چىققان، پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان تورى ۋە " فىرانسىيە پۇتبۇل " تورىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلىدۇ.
پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى ئەڭ نادىر 3 توپنى تاللاپ چىققان، بۇنىڭ ئىككىسى دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگەن توپ، يەنە بىرى ئىرلاندىيە ئايال توپچىسىنىڭ ئۇرغان توپى.
بىلەت تاشلاش ئارقىلىق رودىرىگىزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇرغان توپى 42% بىلەتكە، ۋان-پىرسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇرغان توپى 33% بىلەتكە، ئايال توپچىنىڭ ئۇرغان توپى 11% بىلەتكە ئېرىشكەن. ئاخىرىدا رودىرىگىز ئەڭ كۆپ بىلەت بىلەن پۇسكاس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

4. ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى
سەپ.png
2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە خانلىق مادرىدتىن 3 ئادەم كىرىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپچى كىرگەن كوماندا بولۇپ قالدى.
بۇ سەپ شەكلى 4-3-3 سەپ شەكلى بولۇپ، خانلىق مادرىدتىن رونالدو، تونى-كىروس ۋە راموس كىردى. بايرىندىن نويىر، لام ۋە روببىن كىردى. بارسىلونادىن مېسسى بىلەن ئېنىستا كىردى. پارىژ سانت-گىرماندىن داۋىد-لۇئىس بىلەن دىياگو-سىلۋا كىردى. مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن دىمارىيا كىردى.

ۋارتا- نويىر ( گىرمانىيە، بايرىن مىيۇنخىن )
بىك- راموس ( ئىسپانىيە، خانلىق مادرىد )، دىياگو-سىلۋا ( بىرازىلىيە، پارىژ سانت-گىرمان )، داۋىد-لۇئىس ( بىرازىلىيە، چېلسى، پارىژ سانت-گىرمان )، لام ( گىرمانىيە، بايرىن مىيۇنخىن ).
ئوتتۇرا مەيدان- دىمارىيا ( ئارگىنتىنا، خانلىق مادرىد، مانچېستىر بىرلەشمىسى )، تونى-كىروس ( گىرمانىيە، بايرىن مىيۇنخىن، خانلىق مادرىد )، ئېنىستا ( ئىسپانىيە، بارسىلونا ).
ھۇجۇمچى- كىرىستىيانو-رونالدو ( پورتىگالىيە، خانلىق مادرىد )، مېسسى ( ئارگىنتىنا، بارسىلونا )، روببىن ( گوللاندىيە، بايرىن مىيۇنخىن ).
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 16:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 09:51
قولۇڭلىدىن كەلسە بېرىپ ئۆزگەرتىپ كىلىڭلا...

سىلەرنىڭ تونۇشلامىتى ئۇلار ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 16:18:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 15:01
مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىدە ، ئېنىستا ، داۋىد سىلۋا ، داۋىد لو ...

  تىياگو سىلۋا، داۋىد سىلۋا ئەمەس... سىلۋا ئەگەر ئۆزىنى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئوتتۇرا بېك دېسە، بىرىنچى بېك دېگەن نامنى زادى كىمگە بېرىش كېرەكلىكى مېسسى - رونالدو مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھە راست، قانلىق 7 دە 1 ۋەقەسى ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر ھېس قىلدۇرغان، چۈنكى ئۇ شۇ مەيداندا يوق ئىدى...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو  بەك  ئسسل ۋاقىراپ قويدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:58:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 15:01  

    داۋىد لۇيىسنىڭ ئورنىغا خۇمىلىسنى ،ئېنىستانىڭ ئورنىغا مودرىچ ياكى يايا توررىينى تىزغان بولسا بەكلا توغرا بولاتتىكەن (شەخسىي كۆز قاراش).
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:01:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىدە ، ئېنىستا ، داۋىد سىلۋا ، داۋىد لويىزغا نېمە بار ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىللىق مۇنەۋۋەر تىرنىر مۇكاپاتىنى گىرمان چەڭچىلىرىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئاپتۇدە ، مۇبارەك بولسۇن قەقەچ يەيدىغان تىرنىر
ساڭىمۇ مۇبارەك بولسۇن رونالدو يەنە بىرقىتىم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:04:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 15:06  
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 15:01
مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىدە ، ئېنىستا ، داۋىد سىلۋا ، داۋىد لو ...


شۇڭا نۇمۇس قىلىپ نەق مەيدانغا   كېلەلمىگەن ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:11:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇسكاس مۇكاپاتىنى ۋان پىرسقا بەرسە مۇۋاپىق بۇلاتتى ئەسلىي ( شەخسيى قاراش)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:13:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇسكاش مۇكاپاتىنى ھەلىقى قىزغا بەسە بولتى ئەسلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:19:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى مادرىد بىلەن بەيرىننىڭ  ئەزالىرى كۆپكەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنىستا مۇراسىمغا قاتناشتى لىكىن داۋىد-لۇئىس بىلەن دىياگو-سىلۋا قاتنىشالمىدى سەۋەبى نىمىدۇ......................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:22:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدوغا يەنە بىر قېتىم مارەك بولسۇن . تېخىمۇ تىرىش داۋاملىق ئالغا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 15:25:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 15:01
مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىدە ، ئېنىستا ، داۋىد سىلۋا ، داۋىد لو ...

داۋىد سىلۋا كىرمىدى ،،، دىياگو سىلۋا كىردى ،،بىرازىليەلىك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 13:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش