akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 48

ئەجىبا ۋاراتار بولماسلىق كېرەكمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 00:28  

2014-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ نويرغا بېرىلىشىنى تولۇمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم...تولىمۇ ئەپسۇس ئالتۇن توپ كىرىستىيانو رونالدوغا بېرىلدى... مۇبارەك بولسۇن كىرىستىيانو رونالدو ئالتۇن توپ كىرىستىيانو رونالدوغا تەۋە بولغاندىن كىيىن ئويلىغانلرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قىسقىچە تېما قىلىپ يېزىپ چىقتىىم... بۇ تېمىدىكى پەقەت مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم توغرا چۈشەنگەيسىلەر ...


1963-يىلىغۇ دەيمەن سىۋىت ئىتىپاقىنىڭ ۋاراتارى ياشىن دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ... بىراق ياشىن دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغىلى  51 يىل بوپتۇ...شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن بىرەر ۋاراتار بۇ تۈردىكى چوڭ تىپتىكى مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ باقمىدى بۇ نېمە ئۈچۈن ...ئەجىبا 51 يىلدىن بۇيان مۇنەۋۋەر ۋاراتارلار يىتىشىپ چىقمىدىمۇ ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس !!! ...نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ۋاراتارلار يىتىشىپ چىقىپ دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا ، ئىتراپ قىلىشىغا ، ئېرىشتى ...ئەمسە نېمە ئۈچۈن 51 يىلدىن بۇيان  ۋاراتارلار پۇتبول دۇنياسىدا  چوڭ تىپتىكى شەخىس مۇكاپاتىقا ئېرىشەلمىدى ؟ ئەجىبا بىر پۇتبول كوماندىسى ۋاراتارغا ئىھتىياجىلىق بولمامدۇ ؟ ياكى ۋاراتارنىڭ كوماندىدىكى رولى باشقا ئەزالارغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەنمۇ ؟ ...


مېنىڭچە مۇشۇ يېقىندىلا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا لايىق مۇنەۋۋەر ۋارارتارلاردىن بىر قانچىسى يىتىشىپ چىقتى...  

بۇففون 2006-يىلى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى ...ھەم ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق پۇتبولچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ...بىراق ئالتۇن توپ كاناۋاروغا بېرىلدى ...ئالتۇن توپنىڭ كاناۋاراوغا بېرىلگەنلىكىنى توغرا چۈشىنىشكە تامامەن بولۇدۇ. چۈنكى بىر مۇداپىيەچى بولغان پۇتبول تەنھەركەتچىسىگە ئالتۇن توپنىڭ بېرىلگەنلىكى  بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھۇجۇمچىلاردىن باشقىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ  ...

2010-يىلى ئىكىر كاسىللاس كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى ...بىراق ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى كاسىللاس ئالتۇن توپ نامزاتىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزاتىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرگۈزۈلمىدى ... دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان كوماندىنىڭ يول باشچىسى بولغان ئىكىر كاسىللاس ئالتۇن توپ مۇكاپتىنىڭ قېشىغىمۇ كېلەلمىدى ... 2008- 2012-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىنى، 2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن داڭلىق كوماندا باشلىقى ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىىڭ كاپىتانى ، خان جەمەتى مادرىددەك قالتىس كوماندىنىڭ كاپىتانى، داڭلىق ۋاراتار ئىكىر كاسىللاس ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ قېشىدىنمۇ ئۆتەلمىگەن ۋاقىتتىن باشلاپ  شۇنى ھىس قىلدىمكى بىر ۋاراتارنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا بېلەت تاشلايدىغانلارنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن توپقا لايىق ئەمەسلىكىنى ، بىر ۋاراتارنىڭ كوماندىدىكى رولى باشقا ئەزالارغا قارىغاندا تۆۋەن ياكى تۆھپىسى ئازدەپ قارىلىدىغانلىقىنى ۋە ياكى شۇنچىلىك خەتەرلىك توپنى توسۇپ قېلىپ كوماندىنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالسىمۇ بۇ تۆھپىنىڭ تىزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم...ئىشقىلىپ كىشىلەرنىڭ ۋاراتارغا بولغان كۆز قارشى ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم ...

2014-يىلى نويېرنىڭ كۇلۇپتىكى ۋە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى ...نويېر دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولدى ...بىراق بېلەت تاشلىغۇچىلار، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نويىرنى قوللىمىدى چۈنكى ئۇ بىر ۋاراتار ئىدى ، ھۇجۇمچى ئەمەس ئىدى ...ئەجىبا ۋاراتار بولماسلىق كېرەكمۇ ؟ نۇرغۇنلىغان ۋاراتارلار ۋە ۋاراتارنىڭمۇ باشقا ماھىرلار بىلەن ئوخشاش يۇقۇرى  تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئەپسۇسلاندى ...چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ  دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇشىغا ئەڭ كۆپ تۆھپە كۆرسەتكەن نويىر ، بىر ھۇجۇمچىنىڭ ئۇرغان توپلىرى ئالدىدا ئىتىۋراغا ئېلىنايتتى . نويېرنىڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزات ئىچىگە كىرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا گېرمانىيەنىڭ 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى 1- تۆھپىكاررى ئىكەنكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ...دۇنيا لوڭقىسى نېمىگە ھىساپ ؟ ...ئەجىبا ۋاراتار بولماسلىق كېرەكمۇ ؟ ۋاراتار بولغان گۇناھمۇ ؟


مەن  مۇشۇ تېمىدا كىچىم ۋاقىتلىرمنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم .
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىزنىڭ مەھەللىنىڭ پۇتبول كوماندىس بار ئىدى... چوڭ يولنىڭ يېنىدىلا يوغان بىر پارچە ئارق يەر بار بولۇپ، بىز شۇ يەرگە ياغاچتىن ۋاراتار ياساپ ، ئېگىز پەس يەرلەرنى كوماندا ئەزالىرى بېلەن  بىر كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزلەپ، سۇ چېچىپ ،خېلى يامان ئەمس ئاددى بىر پۇتبول مەيدانى قىلىۋالدۇق ...شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى شۇ مەيداندا مەشىق قىلاتتۇق ھاتتا كوماندا باشلىقىمىز بىزنى مەشىقكە چىدىمىساق ھۆل تاياق بىلەن ئۇرۇپ كېتەتتى بىز شۇنىڭغا چىدايتتۇق چۈنكى بىز پۇتبولغا قىزىقاتتۇق ئەگەر بىرى بىزنى بىكارغىلا ئۇرسا بىز ھەرگىز قاراپ تۇمايتتۇق ...بىز پەقەت پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا كوماندا باشلىقىنڭ تايىقىغا چىدايتتۇق ...مەن كوماندىنىڭ ۋاراتارى ئىدىم بىر كۈنى بىز مەشىق قىلىدىغان مەيدان چوڭ يولنىڭ بويىدىلا بولغاچقا بىزنىڭ مەشىق قىلغىنىمىزنى دادامنىڭ بىر دوستى كۆرۈپ قاپتۇ...شۇنىڭ بېلەن دادامنىڭ دوستى دادامغا: بالىڭىز بىر توپ بالىلار توپ تەپسە توپىدا يۇمۇلۇنۇپ توپ توسىدىكەن دەپتۇ ...مەشىق قىلىپ كەچ بولغاندا ئۆيگە كەلسەم دادام كىيىملىرىمگە قاراپ ئاچچىقلاپ كەتتى ...سەن يەنە ئېشەكتەك يومۇلۇنىپ باشقىلار توپ تەپسە سەن توپ توستۇڭمۇ ؟ دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى ...ئۇكاڭغا ئوخشاش سەنمۇ توپ تەپسەڭ بولمامدۇ دەپ ۋارقىرىدى...مەن دادامنى توغرا چۈشەندىم ئەلۋەتتە !  مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەشىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن يۈز كۆزۈمنى پاكىز يۇيۇپ، مەشىق قىلغان كىيىمنى باشقا كىيىمگە ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن  ئۆيگە قايتىدىغان بولدۇم ...چۈنكى دادام ۋاراتار بولغانلىقىمنى بىلسە يەنە ئاچچىقلايتتى ...بىر كۈنى قوشنا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ كوماندىسى رەتلىك پۇتبول كىيىمى كىيىۋاپتۇ... شۇنىڭ بېلەن بىزنىڭمۇ ئوخشاش رەتلىك پۇتبول كىيىمى ئالغۇمىز كەلدى... كوماندىمىزدىكى بالىلار ھەمىمىز 50 يۈۋەندىن چىقىرىپ پۇتبول كىيىمى ئالماقچى بولدۇق... بىراق دادام ئۇكامغا پۇل بېرىپ  پۇل بېرىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە سەن ۋاراتاردا تۇرمىساڭ ئاندىن پۇتبول كىيىمى ئالىدىغانغا پۇل بېرىمەن بولمىسا بەرمەيدان دەپ تۇرۇۋالدى ....مەن ماقۇل دەپ قويۇپ يەنىلار ۋاراتار كىيىمى سېتىۋالدىم چۈنكى مەن ۋاراتار بولۇشنى ياخشى كۆرەتتىم...گەرچە بەزى كىشىلەر ۋاراتاردا تۇرۇدىغان ئادەمگە ئانچە ياخشى قاراشتا بولمىسىمۇ مەن يەنىلا كىچىك ۋاقتىمدا توپا مەيدانلاردا ۋاراتاردا تۇرۇشنى تاللىغان ...چۈنكى مەھەللىمىزنىڭ كوماندىسىنى خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش مېنى ئاجايىپ بىر خىل ھاياجانغا سالاتتى ...

ئەينى ۋاقىتتىكى مەن ۋاراتاردا تۇرسام بەزى كىشىلەرنىڭ ھەتتا تۇققانلىرىمنىڭ مازاق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋاراتاردا تۇرىۋەگىنىمگە ئوخشاش ...نويېر ، كاسىللاس ، بۇففۇن ، قاتارلىقلارمۇ ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، بىر ۋاراتارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتسىمۇ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ھۇجۇمچىلارغا ئوخشاش ئىتراپ قىلىنىشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ،  ئالتۇن توپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ يەنىلا ۋاراتار بولۇشنى تاللايدۇ... چۈنكى ئۇلار ئۆز كوماندىسىنىڭ قاپقىسىنى قوغداشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ ...ھەم ئۆز كوماندىسىنى خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرپ قالغاندا ، ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشقاندىلا ئۇلارنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ...


نويېر ھېچقىسى يوق سەن مېنىڭ نەزىرىمدە ئالتۇن توپقا لايىق    




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +70 يىغىش سەۋەبى
ھۇررا + 20 قوللاش!
زەربىدار + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:49:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارتار ۋارتارنىڭ قاياشى دەپ چۇشەندىمغۇ دىلمۇتجان بۇ تېمىڭلارنى .

مېنىڭ نەزىرىمدە ۋارتارنى پەقەت بىرلا ئادەم باقمايدۇ ، ئون بىر ئادەمنىڭ ھەممىسى ، توپ كەتكۈزمەسلىك ئۇچۇن تېرىشىدۇ ، ئەڭ ئاۋۋال مۇداپىيەنى باشلايدىغىنى ھۇجۇمچىلار ، ئاندىن ئۇتتۇرا مەيدان ، ئاندىن بىك ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋارىتار . ھەممسىنىڭ مەقسىدى ۋارىتارنى پاكىز تۇتۇش ، بۇنىڭ ئۇچۇن بىكلار ، ئوتتۇرا مەيداندىكىلەر تۇخىتىماي يۇگۇرىيدۇ . بىكلار مۇداپىيە ئۇچۇن ھەر قانداق ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ . مېنىڭچە مەيداندا ۋارتارنىڭ ۋەزىپىسى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ، يۇگۇرۇش مۇساپىسى ئەڭ قىسقا ، تېخى قارشى تەرەپ بىلەن ۋارتار بەدەن سۇركىلىش قىلغان چاغدىكى ، ۋارتارنىڭ ئۆزىنى قوغداش چەكلىمىسى ئەڭ يۇقىرى چەكتە . ۋارتار بىلەن قارشى تەرەپ بەدەن سۇركلىش قىلغان زامان رېپىر پۇشتەك چالىدۇ .
شۇڭا مەن ۋارتارلارنىڭ تۇھپىسى بەكمۇ يۇقىرى ئەمەس دەپ قارايمەن ، ئون كىلومېتر يۈگۈرۇيدىغان ھۇجۇمچى ئۇتتۇرا مەيدانچىلارغا سېلىشتۇرغاندا ، ۋارتار مەيداندىكى ئەڭ ھۇزۇرلۇق ئادەم ھېساپلىنىدۇ .
بەلكىم سىز ۋارتار ، توپ ئۇچۇن ئۆزىنى يەرگە ئاتىدۇ دېيشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن بىكلەرمۇ توپقا پۇت سېلىش ئۇچۇن تۇختىماي ئۆزىنى يەرگە ئاتىدۇ .
راسىت كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم ، بۇ سىزگە دېيىلگەن گەپ ئەمەس ، ياشىنغا بېرىلگەن ئالتۇن توپقا مەن بەكمۇ ھەيران قالغان شەكىلدە ئىدىم ، ئەگەر بۇ قېتىم نويىر ئالغان بولسا ، تېخىمۇ ھەيران قالغان بولاتتىم .
ۋارتار ئالتۇن پەلەيگىلا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ، ھەممسى شەخسى قارىشىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:15:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 16:36  

   مەن قوشنا تېمىلاردىمۇ ئېيتقان... پۇتبولنى 11 ئادەم ئوينايدۇ... فورگېسىن :"ياخشى ۋاراتار -- يېرىم كوماندا" دېگەن. نومۇر ئالمىسا ئۇتقۇلى بولمىغان بىلەن، توپ كەتكۈزۈپ قويسا ئوخشاشلا غەلىبە قىلالمايدىغان گەپ...
2010 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاقتىدىكى ئىنگىلاند ۋاراتارى گېرىننىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى ئىنگىلاندنى تاس قالغان ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويغۇلى، كاسىللاسمۇ بۇ يىلقى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسىدا قانداق سەۋەنلىكنى ئۆتكۈزمىدى؟ رېئال مادرىد بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ھۇجۇمچىلىرى ئاجىزمىتى؟ ... كېيىن ئىنگىلاندتىن تۈزۈك ۋاراتار چىقماي جامىس ۋاراتاردا تۇرمىدىمۇ؟؟ ھازىرقى دۇنيادا مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى كۆپمۇ، ۋاراتارمۇ؟ ھۇجۇمچى كۆپ. كاسىللاس، بۇففونغا 15 يىل بولدى، يەنە شۇ بىرىنچىلىكتە تۇرىۋاتىدۇ، يېقىندىن بېرى تەستە دېخيا، كۇرتۇۋا ۋە نويىر قاتارلىق ئاران ئۈچى چىقتى تىلغا ئالغۇدەك. لېكىن ھۇجۇمغا مايىل پۇتبولچىلارچۇ؟ سۇئارېز، نېيمار، خازارد، مۇللېر... سانىساق، سانىساق تۈگىمەيدۇ.  ھېنرى، رونالدونى، شېۋىچىنكونى دۇنيانىڭ بىرىنچىسى دېگەندە بۇففون، كاسىللاسمۇ شۇنداق ئاتىلاتتى، قىزىق،  ئۇ ئۈچىنىڭ چېكىنگىنىگە ئالدىغا 2 - 3 يىل، كەينىگە 1 ئاي بولدى، ئەمما ئاۋۇ ئىككى ۋاراتار يەنىلا داڭدارلار قاتارىدا تۇرىۋاتىدۇ. توغرا، ۋاراتارنىڭ كەسپىي ھاياتى ئۇزۇن بولىدۇ، لېكىن قېرىغاندىمۇ ئۇلارنى ئاغدۇرۇۋەتكۈدەك ياشلارنىڭ ئاز بولۇشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
   سەۋەبى نېمە: دىلمۇراتنىڭ دېگىنىنىڭ ئاساسى بار. كىرۇيىف 2007 - يىلى كاكا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان چاغدا مۇنداق ئىككى مەسىلىنى دېگەن: بىرىنچى، ھازىر ھۇجۇمغا مايىل تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ زامانى بولۇپ قالدى. ئەگەر مۇشۇ پېتى ماڭسا كىم ۋاراتار بولىدۇ؟ كىم بېك بولىدۇ؟ قايسى ئۆسمۈرنىڭ مەڭگۈ ئۈن - تىنسىز ئۆتۈپ كەتكۈسى بار؟  پۇتبولدىكى تەڭپۇسىزلىق پات ئارىدا زور مەسىلە بولىدۇ. ئىككىنچى، بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا مۇسابىقە كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ دەرھال توپىمىزنى قۇچاقلاپ، مەھەللىدىكى دوستلىرىمىز بىلەن مەيداندىكى پۇتبولچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى دورايتتۇق. ھازىرقى بالىلار دەرھال كومپىيۇتېرنى ياكى ئويۇنچۇقنى ئېچىپ، بايىقى مۇسابىقىنى ئۆيدىن چىقماي قولىدا ئوينايدىكەن. بۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:17:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باياۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 14:22  

دۇنيا لوڭقىسدا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان تۇنجى ئالتۇن توپ «ساھىبى» مەيدانغا كەلدىما شۇنداق قىلىپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:32:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 19:19  

     ئالتۇنتوپنى شەخس مۇكاپاتى دەيمىز. لېكىن ۋارتار بۇ ئورۇن شەخسى ئىپادىسىدىن بەكرەك كوللىكتىپقا تايىنىدۇ. ۋارتارنىڭ ئىپادىسى مىڭ ياخشى قالغان ئورۇندىكىلەرنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولسا قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجە تەڭلىشىش خالاس.
     پۇتبول مەيدانىدا يالغۇز ھۇجۇمچىنىڭلا تۆھپىسى بار دېگىلى بولمايدۇ. 11 ئادەمنىڭ ھەممىسىڭ تۆھپىسى بار. ئەمما كوماندىنىڭ غەلبىسىنى توپ كەتكۈزمەسلىك بىلەن ئەمەس توپ كىرگۈزۈش بىلەن ھېسابلايمىز.
    بۇنداق دېگەنلىك ۋارتارلىق ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس.
    ۋارتارنىڭ ئالتۇنتوپقە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئالتۇنتوپنىڭ مۇقىم ئۆلچىمى بولماسلىقى ۋە توپچىنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى نوپۇزىنىڭ قانچلىكلىكى....

    يەنە نويېر مۇشۇ نەتىجىگە شۈكۈر قىلىشى كېرەك، نويېرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ نامزاتلىققا تاللىنىشى ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ئىپادىسىدىن بۆلەك ئۇ مۇنەۋۋەر ئىپادىسىنى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا ۋە بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىدا جارى قىلدۇرالىغانلىقىدا، دۇنيا لوڭقىسىنى كۆردۇق، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ۋارتارلار چاقنىغان بىر يىل بولدى، لېكىن شۇ ۋارتارلار ئىچىدە ئېسىمزدە قالغىنى قانچىلىك ئىپادىسى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغان ئوچۇۋا، بىر مەيدان مۇسابىقىدە كۆپلىگەن خەتەرلىك توپلارنى توسىۋېلىپ رىكورت ياراتقان خۇۋارد، ھېچكىم كۆزگە ئىلمىغان كۇلۇپتىكى زاپاس ۋارتا رومېرو ؟ قايسىسى يادىمىزدا قالدى، ئەجبا ئۇلارنىڭ ئىپادىسى پەقەت شۇ بىر ئايلا ياخشى بولغانمۇ ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى نويېر مەسلىسىدە گېرمانىيە ۋە بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ نوپۇزى بەكرەك رول ئوينىغان.
    دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن مادرىدقا قوشۇلغان ناۋاسنى مىسالغا ئالايلى، ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىكى ئىپادىسى ھەممىزنى قايىل قىلدى، ئەلۋەتتە ناۋاس ئالدىنقى پەسىل لېۋانت كۇلۇبىدا ئوينىغاچ بىزگە ئىپادىسى نامەلۇم ھەتتا ناچاردەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما ئەملىيەتتە شۇنداق ياخشى لېكىن لېۋانتنىڭ ئەمەلى كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ناۋاسنى بىزگە ئىپادىسى ناچاردەك كۆرسىتىپ قويدى خالاس، ئەگەر ئالدىنقى پەسىل ناۋاس رىئال مادرىدقا كېلىپ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ يەنىلا كوستارىكانىڭ ۋارتارسى بولغان بولسا نويېرنىڭ ئورىنىغا كىرەلەمتى؟

     يەنە بىر گەپ سىلەر نويېرنى، كاسىللاسنى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا تونىغانمۇ ياكى ئاۋال گېرمانىيە، ئىسپانىيە، رىئال مادرىد، بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىدا توپ تەپكەنلىكى ئۈچۈن ئاندىن ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن تونىغانمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 14:56  

      بولماسلىق دېگەن گەپ ئەمەستۇ ،لېكىن توپ ئۇرغان ،پاس چىقارغان بەكرەك كۆزگە چېلىقىدۇ .
  
      مەن  داۋىد لۇيىسنىڭ بىر كىچىك بالا بىلەن ئىشلىگەن كۆرۈنىشىدە ھېلىقى كىچىك بالا لۇيىسقا مەن چوڭ بولسام ساڭا ئوخشاش  داڭلىق بېك بولىمەن دېسە ، داۋىد لۇيىس ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ ، بېك بولماي ھۇجۇمچى بولغىن شۇندىلا تېخىمۇ داڭلىق بولالايسەن ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ .
    مەن مۇشۇنىلا يېتەرلىك جاۋاپ بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن ،گەرچە نويىر بىر قالتىس ۋارتار بولسىمۇ  ،
لېكىن بېلەت تاشلىغان مەشقاۋۇللار بولسۇن  ياكى كىم بولسۇن ئەڭ ئاۋال ھۇجۇمچى ياكى ئوتتۇرا مەيداننى تاللايدۇ ، ھەرقانداق بىر كوماندا ئاشۇ ھۇجۇمچىلىرى بىلەن باشقىلارنى بويسۇندۇرالايدۇ ،ھەرگىزمۇ ۋاراتار بىلەن ئەمەس .مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ يۈگرەيدىغىنىمۇ شۇلار ، توپ بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىدىغىنىمۇ شۇ ھۇجۇمچىلار  ، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولغاچقا بەكرەك كۆزگە چېلىقىدۇ .
      بۇففۇنمۇ بىرىنچى بېلەتنى رونالدوغا تاشلاپتۇ ، دېمەك ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى بار ، ۋارتارنىڭ كۆڭلىنى بۇففۇندەك چۈشەنمەس ، قاچانقى قېرى ۋارتارلار بۇ ، بەلكىم بىر يىلدا بىر توپمۇ كەتكۈزمىسە بەلكىم ئېرىشىپ قالار بولغۇيىتتى ، لېكىن يۇقىرى سەۋىيەلىك ھۇجۇمچىلار كۆپ بۇ دەۋىردە بۇ مۇمكىن ئەمەس ، پۇرسەت يەنىلار ئاشۇ مەيداننىڭ ئالدىدا تېپىدىغانلارغا كۆپ دەپ ئويلايمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 16:39:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارتامۇ كام بولسا بولمايدىغان ماھىر، لىكىن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا ۋارتانىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى تەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:24:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 14:32  
باياۋان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 14:17
دۇنيا لوڭقىسدا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان تۇنجى ئالتۇن توپ ...


ھېچنىمىسى يوق ئالتۇنتوپقا ئېرىشكەنلەرمۇ بارلىققا كەلگەن يەردە بۇنىڭغا نىمە بوپتۇ. ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-13 14:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىن بىر پۇتبولچى بولۇشنى ئويلايدىغان ئۆسمۈرلەر ياكى بالىسىنى پۇتبولچى قىلىشنى ئويلاشقان ئاتا - ئانىلار سىلەرگە سەمىمى تەكلىپىم :  ۋاراتار ، بېك ، ئارقا بەل قاتارلىق ئورۇنلارنى ھەرگىز تاللىماڭلار... ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى يەنە كىلىپ ئالدى بەل ئوينايدىغان ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇشنى تاللاڭلار ...  ، ئەڭ ياخشىسى ھۇجۇمچى بولۇشنى تاللىغان ياخشى...شۇندىلا كىشىلەرنىڭ ھەقىقى ئىتارىپ قىلىشىغا ، يۇقۇرى مۇئاشقا ئېرىشەلەيسىلەر ...ھە راس شۇنداق قىلغندىلا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىش مۇمكىنچىلىكى بولۇدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:23:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇيىر قانچە مەيدان توپ كەتكۇزمىگەن..؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:33:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نويىرنىڭ ئالتۇن توپ ئېلىشىنى شۇنداق ئۈمۈد قىلاتتىم    سىز دىگەندەك  ۋارتارلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېتىبارى يوقمۇ ياكى ئۇلار ئونبىر ئادەم ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقمايدۇ دەپ قارالغانلىقتىنمۇ ئالتۇن توپنى ۋارتارلارغا بىرىش ئاللىقاچان بىر تارىخقا ئايلىنىپ قالغاندەكلا  2006-يىلدىكى بوففۇن  2010-يىلدىكى كاشىلىياس ۋە بۇ يىلدىكى گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ تۆھپىكارى نويىرلا بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولغۇدەك   
نويىر تېخى ئۈچەيلەننىڭ ئارىسىدا ئەڭ تۈۋەن ئاۋازغا ئېرىشىپتۇ   
نويىر بۇ يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبى دەپ قارايمەن ‹شەخسى كۆز قارىشىم›
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:34:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارتار  مۇھىم مۇسابىقىلەردە ھالقىلىق توپلاردىن بىرەرنى تۇسۇۋالسا ،ھەممە توپچى كىلىپ دۇلىسىغا مۇشلاپ ئاكا ياخشى قىلدىڭىز يەنىلا سىز ئەڭ قالتىس دىيشىدۇ، مۇنداق مۇكاپات تارقىتىدىغان ئىش بولسا ھېچقايسىسى ئۇلارنى نەزەرگە ئالمايدىكەن. پۇتبول دۇنياسىمۇ بۇزلۇپتۇ. ئاساسەن ھەممىسى ئۆز يېقىنلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:39:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە پۇتبۇلچىلارنىڭ توپ تېپشى ھەرگىزمۇ ئالتۇن توپ ياكى قانداقتۇر بىر مۇكاپاتنىڭ تەمەسىدە بولماسلىقى مۇمكىن.ئەنە تۆگە،سىنىيدىر،رونى،دىمارىيا،ئۆزىل......قاتارلىقلارمۇ سىلاپ باقمىدق ئالتۇن توپنى.
مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم پۇتبۇلچى بولۇش ئەمما ئالتۇن توپ ئېلىش ئەمەس شەخسەن ئۆزۈم ئالدى بەل بىلەن  ئارقا بەل ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەسى مەندىن ئالتۇن توپقا تۇرامسە مەيداندىكى ئورنىڭغىمۇ دېسە مەن مەيداندىكى ئورنۇمغا دەيمەن.
بەك خىيالنىڭ چوڭنى سۈرۈۋەتتىممۇ نىمە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:44:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باياۋان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 14:17
دۇنيا لوڭقىسدا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان تۇنجى ئالتۇن توپ ...

ئەينى يىللىرى دۇنيا لوڭقىسدا بىرمۇ توپ ئۇرالماي،تۆتنى يەپ ئۆيگە قايتقان ئالتۇن توپ ساھبلىرمۇ بارلىققا كەلگەن تۇرسا بۇنڭغا نىمە بوپتۇ.ھى ھى ھى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 14:46:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن توپنى رونالدودىن باشقىسى ئالغان بولسا بۇ تېمىنى يازماستىڭىز بەلكىم، كۆڭلىڭىزدىكى رونالدوغا بولغان ھېلىقىدەك ھېسياتنى يەنىلا يۇشۇرۇپ قالالماپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش