elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2198|ئىنكاس: 66

مېسسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 23:29  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا كەمىنە بېرنابۇدىن ئوتلۇق سالام!
ھەممىمىز تەققارزالىق بىلەن كۈتىۋاتقان 2014-يىللىق ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمى باشلىنىشقا يەنە نەچچە سائەت قالغان مۇشۇ پەيىتتە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە روياپقا چىقارغان بۇ تېمام يەنە بىر قېتىم ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولسا، ئەلۋەتتە قىلغانلىرىمدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلاتتىم. مۇشۇ تېما ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيا خەلقى كۆز تىكىپ تۇرغان 3 گىگانىت چولپانغا ئۇتۇق تىلەيمەن!



1.jpg
بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى بىر دەۋرى، شۇنداقلا ئەڭ ناچار بىر دەۋرى؛ بۇ ئەسلى مېسسى تاج كىيىشكە تېگىشلىك دەۋىر، ئەمما بۇنى يەنىلا مېسسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپتىن تەڭلا زەربىگە ئۇچىرىغان دەۋىرى دېيىشكە بولىدۇ.


2.jpg
ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىلغا قارايدىغان بولساق، مېسسى بارسىلونانىڭ شاھلىق تاجىدىكى ئەڭ نۇرلۇق گۆھەر بولۇپ كەلدى، كۈرمىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە رام قىلدى، ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە بولسا بۇ نۇرلۇق گۆھەرنى توپا-چاڭ بېسىشقا باشلىدى.


3.jpg
بۇ بىر يىلدا مېسسى خۇددى بىر يىگانە قالغان باشلامچى بۆرىگە ئوخشاش، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئارىسىدا يۈردى، بۇ دۇنيادىكى ئاچچىق مەسخىرە ۋە رەھىمسىز تەقدىرنى ھېس قىلدى.


4.jpg
2015-يىلى كىرىشىگىلا ئىچكى قەلبى زىيادە سەزگۈر بۇ ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچى تەرجىمىھالى ناھايتى ئادەتتىكىچە بولغان، ئەمما ئۆزىدىن ئادەتتىن تاشقىرى پەخىرلىنىدىغان بىر ئادەم تەرىپىدىن ئىلگىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا زاپاس ئەزالار ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلشى مېسسى بىلەن باش تېرنىر ئېنىرىك ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى زىددىيەتنىڭ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە پارتىلاپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىپ قويدى.


5.jpg
رىجىكارىدتىن باشلاپ گۇئاردىئولا، مارتىنو، ھەربىر بارسىلونا تېرنىرلىرىنىڭ ھەممىسى مېسسىنى ئالقىنىنىڭ مەركىزىدە تۇتقانىدى، بارسىلونانى يېتەكلەپ بىر يىلدا ئالتە چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن گۇئاردىئولامۇ ئىلگىرى ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىنىڭ سىرى ئۈستىدە توختالغاندا: «بارسىلونانىڭ ئەڭ ياخشى توپچى كىرگۈزىشى ياكى باشقا تېرىنر تاللىشىدىن قەتئىينەزەر، بىردىنبىر پىرىنسىپىم مېسسىنى خۇشال قىلىشتىن ئىبارەت.» دېگەن. ئەمما ئېنىرىك ئۇنداق قارىمايدۇ، ئەمدىلا بارسىلوناغا يېتەكچى بولغان ئېنىرىك بولسا «مانا دەل مەن بارسىلونانىڭ تەڭدىشى يوق قوماندانى» دەپ جار سالدى.


6.jpg
ئېنىرىك بولسا ئىلگىرى بارسىلونانىڭ كاپىتانى بولغان، بۇ قاتتىق قوللۇقى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئۆتمۈشتىكى جىگەرلىك توپچىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ئانكىتىغا ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە تەتۈرلۈك، جاھىللىق ۋە ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە تەمەننا قويۇش يېزىلغان. ئۇ مەشقاۋۇللۇق تارىخىدا ئەمدىلا 3 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى بارسىلونا B كوماندىسى، رىم ۋە سېلتا كوماندىلىرىنى يېتەكلىگەن، ئۇنىڭ بىلەن بۆرە شاھى توتتى ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ ئاخىرىدا ئۇنى سالپايغان ھالدا رىمدىن ئايرىلىشقا مەجىبۇر قىلغان.


7.jpg
ئۇنىڭدا گويا تۇغما بولغان «قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى بىلەن پېتىشماسلىق» تەك دەرىجىدىن تاشقىرى گېن باردەك، ئۆزىنىڭ قىلچىلىكمۇ شەخسىي شان-شەرىپى بولماسلىقىغا قارىماي، ھەر دائىم ئۆزىنى كوماندىنىڭ باشلامچىسى دەپ جار سېلىشى بەلكىم ئۆزىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ھەيۋىسىنى تىكلەش ئۈچۈن قىلۋاتقانلىرىدۇ، ئەمما مېسسىغا نىسبەتەن يېڭى مەشقاۋۇلنىڭ بۇ قىلغانلىرى تۆھپىكارلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بىلەن باراۋەر.


8.jpg
2015-يىلىدىكى تۇنجى جەڭدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ ۋالىنسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەھۋالىدا، «نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش ئۇستىسى» ئېنىرىكنىڭ يەنە نېرۋىسى تۇتتى ۋە ئويلىمىغان يەردىن مېسسى بىلەن نېيمار ئىككىلىسىنى زاپاس ئەزالار ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، بۇ ئەسلىدىنلا خان جەمەتى مادىرىدتقا نومۇر جەھەتتىن يېتىشۋالالايدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى، مېسسى بىلەن نېيمار كوماندىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كەينىدە قېلىشتەك پاسسىپ ئەھۋالىغا كۆزىنى پاقىرتىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدى. ئەمما ئېنىرىك يەنىلا خىجىل بولماستىن بۇ پەسىل ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىنى قايتىلاپ باقمىدى.


9.jpg
نەتىنجە ئىنتايىن رەھىمسىز، بارسىلونا ئالبانىڭ بىر خائىن توپى سەۋەبىدىن 0:1 نەتىنجىدە خانلىق جەمئىيەت كوماندىسىغا مەغلۇپ بولدى، زاپاس ئەزالىق ئورنىدىن ئالماشتۇرۇلۇپ مەيدانغا چىققان مېسسىمۇ نەتىنجىنى ئۆزگەرتىشكە ئامال قىلالمىدى، شۇنداق قىلىپ بارسىلونا يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە چوققىسىدىكى كوماندىغا يېتىشۋالالايدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.


10.jpg
سابىق مانچېستېر بىرلەشمىسى تېرنىرى مويىس ئۆزىمۇ دىققەت قىلماستىن بىر مۆجىزە ياراتتى، ئۇ يېتەكلەۋاتقان خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى بۇ پەسىلدە تەپتارتماستىن بارسىلونا، خان جەمەتى مادىرىد، مادىرىد رىقابەت كوماندىلىرىنى كەينى-كەينىدىن يىقىتتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا بوران-چاپقۇنمۇ تەڭلا گۈركىرەپ چىقىپ، بارسىلونانىڭ ئىچكى مالمانچىلىقىمۇ مۇشۇ بىر مەيدان مەغلۇبىيەت بىلەن تەڭلا تەلتۆكۈس ئاشكارلاندى.


11.jpg
مېسسى زاپاس ئەزا بولغىنىغا نارازى بولۇپ ئېنرىك بىلەن تاكاللاشتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئىككىسىنىڭ خېلىدىن بېرى ئالاقە باغلاشماي كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى. مېسسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەشىق جەريانىدا ئېنىرىك بىلەن ۋارقىرىشىپ قالغان بولۇپ، ئېنىرىك ھەتتا مېسسىنى ئېغىر جازالىماقچى بولغان، ئەمما كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ۋە كوماندا كاپىتانىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچىرىغان.


12.jpg
مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرى ئەۋجىگە چىقىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى، بارسىلونا تەنتەربىيە باش مەسئۇلى سۇبىسارىتانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، مۇئاۋىن مەسئۇلى پۇيولنىڭ ئىستىپا بېرىشى، بارسىلونانىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزدىغانلىقىنى جاكارلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنىرىك بىلەن مېسسىنىڭ ئارىسىغا كەتكەن ئارازلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشى نۆۋەتتە بارسىلونانىڭ ناھايتى قىيىنچىلىق ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.


13.jpg
2014-يىلى بولسا مېسسى پۇتبول سەھنىسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئوڭۇشسىز بولغان بىر يىل، مەيلى كوللىكتىپ نەتىنجە، ۋە مەيلى شەخسى شان-شەرەپ ۋە شەخسى سان-سىفىر نەتىنجىلىرى جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىسى رونالدو تەرپىدىن تارتىۋېلىندى.


14.jpg
مەيلى مېسسى پۈتۈن بىر يىلدا 58 توپ ئۇرۇپ، 24 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن قالتىس نەتىنجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسۇن، ئەمما يەنىلا رونالدونىڭ 61 توپ ئۇرۇپ، 20 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مەرگىنى، ئىسپانىيە بىرلەشمە مەرگىنى، ياۋروپا قىتئەسى مەرگىنى قاتارلىق شەخسىي شان-شەرەپنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا ياۋروپا ئۇزغۇنى، شاھلىق لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىدىن ئىبارەت 4 شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان بۇ نەتىنجىلىرىنىڭ ئالدىدا مېسسى يوقاپلا كەتتى.


15.jpg
كۇلۇپنىڭ ئىككى قولى قۇپقۇرۇق قېلىشى، ھالقىلىق جەڭلەردە مېسسىنىڭ ئامالسىز قېلىشى ئۇنى «مەيداندا سەيلى قىلىپ كوماندىغا كۈچ بەرمىدى، ئۆزىنى دۇنيا لوڭقىسىغا دو تىكتى» دېگەندەك ئەيىپلەشلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە مەجىبۇر قىلدى.


16.jpg
ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، بارسىلونا ئۇدا مادىرىد رىقابەتنىڭ قىرغىن قىلىشىغا دۇچار بولدى، ئاۋۋال ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ 8 كۈچلۈكلەر ئۇچىرىشىشىدا ئومۇمي نەتىجە 1:2 بىلەن مادىرىد رىقابەت تەرىپىدىن شاللىۋېتىلدى، مېسسى بىر توپمۇ ئۇرالمىدى.


17.jpg
بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇق جېڭىدە بارسىلونا پەقەت نوكەمپودا غەلبە قىلسىلا چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرەتتى، ئەمما بارسىلونا 1:1 نەتىنجە بىلەن مادىرىد رىقابەتنىڭ تەڭلىشۋېلىشىغا دۇچار بولدى، بۇ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى خۇددى توڭلىتىپ قويۇلغاندەك ھېچقانداق رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى.


18.jpg
كىشىلەر ئۇنى ئەيىپلەپ «بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ پۇتبول شاھى تەختىگە چىقىشتىكى شوتىسى، شۇڭا بارلىق كۈچىنى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتاپ قويدى» دېيىشتى، بىراق مېسسى باشلامچىلىق قىلغان ئارگىنتىنا كوماندىسى بۇ قېتىم مۇقىم بولغان مۇداپىيە كۈچى بىلەن يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنىدى، مېسسى بولسا كىچىك گۇرۇپپىدىلا 3 مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ ئۇرۇپ، دۆلىتىنىڭ قەھىرىمانغا ئايلىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى.


19.jpg
شاللاش باسقۇچىدا مېسسىنىڭ توپ ئۇرۇش قەدىمى توختاپ قالدى، ئۇ پەقەت شېۋىتسارىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بوغۇزلاش تىپىدىكى ياردەمچى پاستىن بىرنى بەردى، شۇنداقتىمۇ ئۇدا 4 مەيدان مۇسابىقىدە مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالاندى. گەرچە توپ ئىسىراپ قىلىشى كۆپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما مېسسىنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ قارشى تەرەپكە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىشى سەپداشلىرىنىڭ بولۇپمۇ مۇداپىيەچىلەرنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللەتتى، ئارگىنتىنا يولبويى شېۋىتسارىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىقلارنى يىقىتىپ ئەڭ ئاخىردا ھەل قىلغۇچ جەڭگە قەدەم باستى، كىشىلەر بۇنى «مېسسىنىڭ پۇتبول شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى» دەپ قاراشتى.


20.jpg
گېرمانىيە كوماندىسىغا نىسبەتەن تۆت يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىم بىرازىلىيەدە ئۇچىراشقان ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەسى يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى، ھەتتا 90 مىنۇت ئىچىدە خەتەرلىك ھۇجۇم ھەتتا گېرمانىيە كوماندىسىدىنمۇ كۆپ بولغانىدى، ھىگۇايىننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان يەكمۇ-يەك ھۇجۇمنى كەتكۈزۈپ قويۇشى، مېسسىنىڭ گەرچە ئۈنۈملۈك ھۇجۇمىنىڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما مۇھىم پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىلار سېپى كوللىكتىپچانلىقىنىڭ يېتەرسىز كېلىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى.


21.jpg
گوتېزنىڭ ۋاقىت ئۇزارتىلغان مۇسابىقە بۆلىكىدە بوغۇزلاپ تاشلىشى بىلەن ئارگىنتىنانىڭ 28 يىلدىن كېيىن يەنە چېمپىيۇن بولۇش چۈشى بىراقلا بەربات بولدى، مېسسى بولسا پۇتبول شاھىغا پەقەت بىر قەدەملا قالغاندا توختاپ قالدى، ئەمما بۇ بىر قەدەمنى قانداقلا قىلمىسۇن باسماي تۇرۇپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ دە!


22.jpg
قولغا كېلەيلا دەپ قالغان دۇنيا چېمپىيۇنلىقىدىن مەھرۇم قالغان ئارگىنتىنا روھسىز ھەسىرەتلەندى، پامپاس بۈركۈتى يەنە بىر قېتىم غۇلاپ چۈشتى، شۇنداقلا قوشۇن باشلامچى سەركەردىسى مېسسىغا نىسبەتەن بۇ بىر تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپ بولدى.


23.jpg
مېسسى ئەڭ ئىنتىلدىغان شان-شەرەپكە مانا مۇشۇنداق ئەڭ يېقىنلاشتى، شۇنداقلا يەنە تېخىمۇ يىراقلاشتى.


24.jpg
گېرمانىيلىكلەر چۇقان سېلىپ تەبىرىكلىشۋاتقىنىدا، سانسىزلىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا مېسسىنىڭ گەۋدىسى مانا مۇشۇنداق يىگانە ھالدا مەيداندىن غايىپ بولدى.


25.jpg
خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن توپى مېسسىغا بېرىلىش بولسا ئۇنى تېخىمۇ مەسخىرە قىلغانلىق، مەقسەتلىك ھالدا كىشىلەرنى «مېسسىنىڭ ئاتاق ئاتىسى بەك كۈچلۈككەن» دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغانلىق. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن توپىنىڭ نېمە ئۈچۈن مېسسىغا بېرىلگەنلىكىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.


26.jpg
بارسىلوناغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئازىراقمۇ قايىل قىلىش كۈچى يوق ئېنىرىك بولسا مېسسىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى، ئۇ مېسسىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى فابىرىگاسنى چېلسىغا يولغا سېلىۋەتتى، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بولۇپ يەنە ئۆيىدىن ئايرىلغان فابىرىگاس ئەڭ ئاخىرى شاۋىدەك ھەممىگە چىداپ ئولتۇرماستىن، يىراق مۇساپىلىق سەپەرگە، لوندونغا قاراپ يول ئالدى، چېلسىغا كەلگەندىن كېيىن بولسا فابىرىگاس ئاخىرى دۇنيادىكى 1-نومۇرلۇق ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ، ئېنىرىكقا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويدى.


27.jpg
فابىرىگاسقا ۋارىسلىق قىلىۋاتقان راكىتىچ بولسا بارسىلونادا ساپيور (ئىشچى ئەسكەر) تىپىدىكى توپچىغا ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى پەسىل سېۋىللا كوماندىسىنى باشلاپ ئىتتىپاق لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەندەك يادىرولۇق كۈچىنى بارسىلونادا مۇكەممەل نامايەن قىلىشقا ئامالسىز قالدى، ئېنىرىك بارلىق مۇھىم مۇسابىقىلەردە بۇ كىرودىيەلىككە قارىتا ئىشەنچسىزلىك بېلىتىنى تاشلاپ، خان جەمەتى مادىرىد ۋە پارىژ ساينىت ژېرمان كوماندىلىرى بىلەن بولغان جەڭلەردە مادارىدىن كەتكەن شاۋىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى.


28.jpg
ئىلگىرى مېسسى ئەڭ تاينىدىغان قېرى بۇرادىرى شاۋىمۇ ئەسلىدە بارسىلونادىن ئايرىلىشنى ئويلاشقان، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا ئېنىرىكنىڭ كۆندۈرۈشى بىلەن كوماندىدا قالغان بولسىمۇ، ئەمما كوماندىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ چوڭ مېڭىسى ئاللىقاچان سۈر-ھەيۋىسىنى يوقاتقان، يەنە تېخى ئىنېستانىڭ جەڭگىۋارلىقىمۇ سۇسلاشقان بۇ ۋەزىيەتتە، مېسسى پەقەتلا كەينىگە يېنىش ئارقىلىق مەيدان تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كوماندىغا «ھەم ئاتا، ھەم ئانا» بولۇپ كەلمەكتە.


29.jpg
ئالدىنقى پەسىل خان جەمەتى مادىرىد بولسۇن، مەيلى مادىرىد رىقابەت بولسۇن، دەرىجىدىن تاشقىرى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە سانچىزمۇ بارسىلونادىن ئايرىلىپ، شۇ تاپتا ئارسىنالنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى.


30.jpg
81 مىليۇن ياۋرو خەجلەپ ئېلىپ كەلگەن، دۇنيا لوڭقىسىدا ئادەم چىشلەش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن ئۇزۇن مۇددەت مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن سۇئارىز گەرچە جازا مۇددىتى توشۇپ مەيدانغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ياخشى ئىپادىسىنى تاپالماي يۈرمەكتە، ھازىرغىچە ئاران 4 توپ ئۇرۇپ، بارسىلونانىڭ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان كىرگۈزگەن ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىپادىسى ئەڭ ناچار توپچىسى بولۇپ قالدى.


31.jpg
يېڭى مۇسابىقە پەسلى كىرىشى بىلەنلا رونالدونىڭ شىددەت بىلەن داۋاملىق توپ ئۇرۇپ مېڭىشىنىڭ ئەكسىچە، يىللاردىن بۇيان رونالدودىن قېلىشماي، ھەتتا ئۇنى كەينىدە تاشلاپ توپ ئۇرۇپ كېلىۋاتقان مېسسى ئۇنىڭ بىلەن كۈچ ئېلىشالماي قالدى، بىرلەشمىنىڭ 17-ئايلانمىسىغىچە رونالدو 26 توپ ئۇرۇپ، 9 ياردەمچى پاس بېرىپ، مېسسىنىڭ 15 توپ ئۇرۇپ، 7 ياردەمچى پاس بەرگەن نەتىنجىسىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە كېتىپ بارماقتا.


32.jpg
ئىككىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى تۇنجى ئۇچىرىشىشى مېسسىنىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاياقلاشتى. دۆلەت دېربىيسىنىڭ تۇنجى ئۇچىرىشىشىدا، بارسىلونا بېرنابۇدا 3:1 نەتىنجە بىلەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدىن مەغلۇپ بولدى، رونالدو بىر نۇقتا توپ ئۇردى، مېسسى بولسا توپ ئۇرالمىدى. خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى نۆۋەتتە بىر ئايلانما ئاز مۇسابىقە ئوينىغان ئەھۋالدا بارسىلونادىن 1 نومۇر يۇقىرى ئۈستۈنلۈكتە كېتىپ بارماقتا.


33.jpg
ئەمما مېسسى 2014-يىلى ئىككى تۈردىكى مۇسابىقىلەردە كەينى-كەينىدىن ھوسۇل ئېلىپ، بۇ يىلدىكى كوماندىنىڭ ھەممىدە قۇرۇق قول قېلىشىدە ئەپسۇسلۇقنى سۇسلاتتى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە مېھمان مەيداندا گېرىتسىيلىكلەر رىقابەت كوماندىسىغا بىراقلا 3 توپ ئۇرۇپ، رائۇلنىڭ ساقلاپ كېلىۋاتقان 71 توپلۇق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ھازىر مېسسى 75 توپ بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان مەرگەنگە ئايلاندى. رونالدو بۇ تۈردە مېسسىدىن 3 توپ ئاز ئەھۋالدا 2-ئورۇنغا تىزىلدى.


34.jpg
مېسسى يەنە تېخى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا سارا ساقلاپ كېلىۋاتقان 251 توپلۇق رېكورتىنى بۇزىۋەتتى. بارسىلونا 1:5 نەتىنجە بىلەن سېۋىللا كوماندىسىنى يەر چىشلەتكەن جەڭدە، مېسسى قالپاق كىيدى، شۇنىڭ بىلەن مېسسى بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك ھۇجۇمچىسى سارا ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رېكورتىنى بۇزۇپ، بۇ تۈردىمۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەرنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى.


35.jpg
ئەمما مېسسىغا نىسبەتەن بۇ ئىككى تۈرلۈك تارىخى رېكورىت ئۇنىڭ ئالتۇن توپ رىقابىتىگە ھېچقانچىلىك ياردەم بېرەلمەيدۇ، چۈنكى بېلەت تاشلاشنىڭ ئاخىرقى كۈنى دەل مۇشۇ ئىككى تۈرلۈك رېكورىت بارلىققا كېلىشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئاياقلاشقان، ئۇ رونالدو ئېرىشكەن ئالدىنقى پەسىلدىكىگە ئوخشاش ئىمتىيازدىن بەھىرىمان بولالمايدۇ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالدىنقى يىلى بېلەت تاشلاش كۈنىنى كەينىگە سۈرگەن بولۇپ، رونالدو دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئېسىل ئىپادىسى بىلەن شېۋىتسىيە كوماندىسىنى شاللىغان، مۇشۇ مۇسابىقە رونالدوغا نۇرغۇن بېلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بەرگەنىدى.


36.jpg
بارسىلونا 0:1 نەتىنجە بىلەن ۋالىنسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە مېسسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا بوغۇزلاش خارەكتىرلىك بىر ياردەمچى پاس تاشلىشى ۋالىنسىيە مەستانىلىرىنى غەزەپلەندۈرۈپ، مېسسىنىڭ بېشىغا مىنىرال سۇ بوتۇلكىسىنى ئاتىدۇ، ئەمما رىپپىر مېسسىنى قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سۈردى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا بىر سېرىق كارتا چىقىرىدۇ. مېسسى گۇناھسىز ئەلۋەتتە، بۇ قىستۇرۇلما كارتىنا خۇددى مەلۇم بىر بېشارەتتىن ئالدىن دېرەك بەرگەندەك قىلاتتى: مېسسىنىڭ ئاۋارىچىلىق ئىشلىرى تېخى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، كەينىدىنلا ئۇنىڭ باش تېرنىر ئېنىرىك بىلەن بولغان زىددىيتى بىراقلا ئاشكارلاندى.


37.jpg
ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى لامايسىيا تەربىيلەش بازىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توپچى كىرگۈزگەنلىكىگە قارىتا بارسىلونانىڭ يېڭى توپچى كىرگۈزۈشىنى چەكلەش جازاسىنى جاكارلىغانىدى، ئامالسىز قالغان كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى ئەرىز سۇنۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامالسىز خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېنىق قىلىپ FIFA ئەگەر جازانى بىكار قىلمىسا، بۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئېنىقلا مېسسىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق ئىدى.


38.jpg
مۇراسىمغا قاتنىشىشنى رەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۇسۇلى ئېنىقلا بارسىلونا ئىچكى قىسىمىنىڭمۇ ۋاستىلىك ھالدا مېسسىنىڭ ئالتۇن توپقا ئېرىشىشىنى نەزەرگە ئالمىغانلىق بىلەن باراۋەر.


39.jpg
يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قابىليەتسىز كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىغا قوشۇلۇپ، ئۆزىنى ئەڭ قالتىس ھېساپلايدىغان تېرنىر مېسسىنى بارغانچە ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە باشلىدى، مېسسى يالغۇز رونالدو بىلەن بولغان رىقابەتكە يۈزلىنىشتىن سىرىت، يەنە تېخى ئىچكى قىسىمنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان بىر قاتار كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يۈزلىنىشكە مەجىبۇر.


40.jpg
كىشىلەر شۇ تاپتا كۇلۇپنىڭ كەلگۈسىدىكى نوكەمپو شاھى نېيمار بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا مېسسىنى باشقا كۇلۇپقا سېتىۋېتىشكە بارسىلونا پېتىنالامدۇ-يوق، بۇ مەسىلە ئۈستىدە پەرەز قىلىشماقتا. بۇ بارسىلونانىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى ھېساپلانمايدىغان ئەنئەنىسى، رونالدىنخو ھېكايىسى كۆز ئالدىمىزدا تېخى سۇسلاپ قالغىنى يوق.


41.jpg
ئىلگىرى پۇتبول مەيدانىدا مىغ-مىغ رەقىپلەرگە دۇچ كەلگەندىمۇ قورقۇپ قالمىغان مېسسى ھازىر مەيداننىڭ سىرتىدىكى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە قىلىنۋاتقان ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرالارمۇ؟


42.jpg
كىچىكىدىن دۋارفىزم (پەتەكلىك كېسىلى) گە گىرىپتار بولسىمۇ، ئۆزىدىكى تۇغما تالانىتقا ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ نەچچە يۈز ھەسسە رەھىم-شەپقەتنى بىلمەيدىغان كۈرەش ئىرادىسىگە تايىنىپ ئۆزىگە پارلاق يول ئاچقان مېسسى بۇ نۆۋەت يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلىپ چىققۇدەك مادارى بارمىدۇ؟



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +521 تۆھپە +31 شۆھرەت +30 تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
temsack + 1 + 1 كۆپتۈرمە
جاغىستاي120 + 50 مېسسىنىڭ بىر يىللىق د.
تۈمەن + 50 قالتىس!
XATKAR886 + 50 ئىسىل
داۋىس + 50 قالتىس!
ھەمراھ + 50 + 10 + 10 + 10 نادىر
دولانى + 50 قالتىس!
qakar + 20 قالتىس!
بارچۇق + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
بوغدا + 100 + 10 + 10 + 10 ئەڭ ئىسىل مۇكاپات سەل .

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 04:25:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاجسىز شاھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 00:46:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئاۋۋال مۇشۇ تىمىنى  بىزگە ئەجىر قىلىپ سۇنغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

بۇيىل مىسسى  راسلا  ھوسۇل سىز  قالدى  لىكىن بىر  نۇقتا!
دۇنيا 2-لەرنى  ئۇنتۇپ  كىتىدۇ دىگەن رەھىمسىز  رىئاللىق مىسسىنىڭ  بۇ يىلقى نەتىجىلىرىنى  كۆمىۋەتتى!
بۇ يىل  مىسسى   3  تۈردە ئىككىنجى  بولدى!
شاھلىق-بىلنىڭ  رەھىمسىزلەرچە بوغۇزلىشى!
بىرلەشمە-ئاتلىتكو مادرىدنىڭ ئۆز  مەيدانىمىزدا  لوڭقىنى  كۆتۆرۆپ  كىتىشى!
دۇنيا لوڭقىسى- …… پەقەت بىر  قەدەم!

مىسسى ۋە مەستانىلەر  ئۈچۈن ھەم خەتەرلىك ھەم خوشاللىق 2 جەۋەر بار!
1- مىسسى تىخى 27 ياش .
توغرا مىسسى  ئەمدى 27 ياش ئۇنىڭ  ئۈچۈن يىشىل  چىملىقتا توپ تىپىش (ئالىم ھادىس، ئۆلۆم يىتىم ، يارلىنىش  بولۇپلا  قالمىسا)، ئۇ بەلكىم شانلىق دەۋرىنى (يارتىپقۇ بولغان) يەنىمۇ چاقنىتىپ، يارىتىشى مۇمكىن!

2- مىسسى تىخى 27 ياش.
مىسسى  ئەمدى  27 ياش ، ئۇ 25 ياش ۋاقتىدا 4 قىتىم «ئالتۇن توپ» نى ئىلىپ بولغان دىمەك كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان،ھەرقانداق بىر گۈل ۈىرىنجى ئىچىلىشىدا ھەم پۇراقلىق ،ھەم چىرايلىق بولىدۇ. ئۇ بۇدا ئىچىلىشىدا  يەنە بۇرۇنقىندەك ،ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ھەم پۇرۈقلىق ئىچىلالامدۇ؟


ئىشقىلىپ بىز  بارسىلونا مەستانىلىرى مىسسىنىڭ تىخىمۇ خۇشپۇراق ئىچىلىشىنى  ئۈمۈد  قىلىمىز!

تىمىڭىزغا يەنە بىر  قىتىم رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 10:44:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بېرنابونىڭ رونالدونىڭ ئوت مەستانىسى تۇرۇپ مىسسىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇشۇنداق ئىتراپ قىلىپ يازمىقى ھەقىقىي پۇتبول مەستانىسى بولغان خىلى ئوغۇل بالىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ
  تىمىمۇ ناھايىتتى سۈپەتلىك چىقىپتۇ ، لىكىن مەن ئالدىنقى قىتىم رونالدونىڭ تىمىسىنى ئوقۇغاندەك تەسىرلىنەلمىدىم ، ئاخشام مىسسى ئالتۇن توپ ئالالمىغاچقىمىكى ياكى بۇ تىما              بىز بارسىلونا مەستانىلىرى بارسىلونانىڭ قەھىرمانى دەپ بىلىدىغان مىسسىنىڭ قەلىب يارىسىنى          تاتلىغاندەك بىزنىڭمۇ قوشۇلۇپ تاتلانغاندەك تۇيغۇ بەردىمۇ ئىشقىلىپ  كۆڭلۈمنى بىر قىسما قىلىپ قويدى ...
‹‹گوتېزنىڭ ۋاقىت ئۇزارتىلغان مۇسابىقە بۆلىكىدە بوغۇزلاپ تاشلىشى بىلەن ئارگىنتىنانىڭ 28 يىلدىن كېيىن يەنە چېمپىيۇن بولۇش چۈشى بىراقلا بەربات بولدى، مېسسى بولسا پۇتبول شاھىغا پەقەت بىر قەدەملا قالغاندا توختاپ قالدى، ئەمما بۇ بىر قەدەمنى قانداقلا قىلمىسۇن باسماي تۇرۇپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ دە!››
يۇقىرقى ماۋۇ بايانلاردا سەل پەل شەخسى ھىسيات ئارلىشىپ قاپتۇ ، چۈنكى ھىچكىم پۇتبول شاھى بولۇش ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىش كېرەك دەپ قانۇن چىقارمىدى ...
  نادىر تىما

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 04:08:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىلى مېسسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا بىرەر توپ بولسىمۇ ئۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمدى قىلىپ كەتكەن ئىدىم. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا مېسسى ھەققىي توپ شاھىغا ئايلانغان، ھىچكىم قايتا چىكىت رونالدو بىلەن سىلىشتۇرۇپ يۈرمەيدىغان، ئالتۇن توپ، ئەپەندىلىك دىگەنلەرمۇ ھەرگىز چىكىتكا ئاشمىغان بولاتتى. شۇ كەم بولۇپ قالغان بىر توپ رونالدونىڭ بۇ يىلدىكى شان-شەرەپلىرىنى بىكىتىپ قويدى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 23:41:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مېسسىنىڭ ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمىدىن بۇرۇنقى چۈشەندۈرۈشىدىنمۇ تەپسىلىي چىقىپتۇ . يا كۆرۈنۈش قىستۇرۇپ مۇشۇنىلا ئوقۇۋېتەمۇ يا ؟؟

دېمىسىمۇڭ مېسسىنىڭ 2014-يىلى ھوسۇلسىز بىر يىل بولدى . قۇرغاقچىلىق يەنە قانچىلىك داۋام قىلىدۇ بىلگىلى بولمايدۇ . بەلكىم يېڭىدىن بىر يامغۇر تىلىگۈچى كېلىپ بۇ قۇرۈغاقچىلىققا خاتىمە بېرەر !!~ ۋە ياكى مېسسىنىڭ يامغۇرلۇق پەسلىي قايتا باشلىنىپ ، بارسىلونانىڭ شاخلىرى يېشىللىق بىلەن پۈركىنىپ كېتەر !!~ بىز يەنىلا بارسىلونانىڭ قوللىغۇچىلىرى . بىز بارسىلوناغا ئىشىنىمىز ، مېسسىنىڭ داۋاملىق بۇزۇلماي قالغان يەنە قانداقتۇر رېكورتلارنى بۇزۇشىنى ۋە يارىتىشىنى ئىشەنچ بىلەن ساقلىماقتىمىز !!!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 23:33:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ رەسىملەرنى يىغىش بەكمۇ تەس كەلدى جۇمۇ

ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ توردا سۈزۈك كۆرۈش ئادىرىسى بولسا يوللىۋەتمەمسىلەر باللا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 23:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە نەچچە رەت يوللايسىلە زىيان سېلىپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 23:37:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 23:33
يەنە نەچچە رەت يوللايسىلە زىيان سېلىپ

چۈشەنمىدىم؟ نېمەڭگە زىيان سالدىم؟
ھە، ئەمدى چۈشەندىم، تېما باھالاشنى دەمسەن؟ شۇنچىلىك كۈچ بىلەن يازغان تېمامغا ئاز بولغاندىمۇ مىڭ ياۋرو، 10 تىللا كۆڭلۈڭنى بىلدۈرۈشكە چىدىمايۋاتقان بولساڭ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتسەڭمۇ (نومۇستىن يۈزلىرىڭ قىزىرىپ كەتمىسىلا) مەيلىتىغۇ، مىراسقان تېمامنى كۆرمەپتۇ دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالسىمۇ بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن ئۇنتۇلۇپ كېتەتتىم ئەمەسمۇ؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 23:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھارمىغايسىز قېرىندىشىم. تىمىڭىز ئىسىل چىقىپتۇ. مۇكاپاتنىڭ ئىسىلى بىر قاتار ئىنكاسلاردىن كىيىنكى تامغا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 23:43:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى بەك يۇقىرى ئىكەن ،بىرنابۇ بۇ يىگىت مەن قول قويدىغان پۇتبولنى چۈشنىدىغان ،ئىچكى ۋە تاشقى ساپاسى يۇقىرى ،كۆڭلى كۆكسى كەڭ ،چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىچكى شەرىت شارائىتلارنى تامامەن ھازىرلىغان ،بىزنىڭ دەۋىرمىز دەل ئىھتىياجلىق بولغان پىسخىك ساپاغا ئىگە ،تۈۋرۈك رولىنى ئوينىيالايدىغان ،بىلىمى ۋە مەسئۇلىيەت تويغۇسى بىلەن ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدىغان تىپتىكى باھادىر ئىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 23:46:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىشنى شۇ ئىشنىڭ ياكى شۇ  شەخىسنىڭ ئورىنىدا تۇرۇپ كۈزىتىپ ،باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن پىكىرلىشەلەيدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئەقىلى يەكۈن چىقىرىش بۇ بىزنىڭ خاراكتىرمىزدىكى ناھايىتى بىر كۈچلۈك بولغان رىقابەت كۈچى
ئەجىرڭىزگە رەھمەت !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 23:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيىسەر يۈرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 23:43
ماۋۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى بەك يۇقىرى ئىكەن ،بىرنابۇ بۇ يىگ ...

رەھمەت قېرىندىشىم! بۇنچە كاتتا ماختاشلارغا لايىق ئەمەسمەن، شۇنداقتىمۇ ئىزچىل تىرىشىمەن!
ھەممىڭلارنىڭ قوللىغنىڭلاردىن سۆيۈندۈم، ھاردۇق چىققاندەك بولدى، ئەمدى 11:30 دا باشلىنىدىغان مۇراسىمدا ھەقىقىي بىر ھاردۇق چىقسا بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 23:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 23:37
چۈشەنمىدىم؟ نېمەڭگە زىيان سالدىم؟
ھە، ئەمدى چۈشەندى ...


ئۈچ قېتىم يوللاپسە ئىككىنى ئۈچۈرۋەتتىم

باھالاش ئەلۋەتتە بار سىنىڭ قۇلۇڭ تەككەن تىمىغا ئىزىمىزنى قالدۇرمىساق..................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-13 00:02:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 23:48
ئۈچ قېتىم يوللاپسە ئىككىنى ئۈچۈرۋەتتىم

باھال ...

مۇنداق دە، مەن تېما تەھرىرلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ...

رەسىملەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بىر قېتىم "يوللاش' دېگەنگىلا ئىش پۈتمەيدىكەن، تۇنجى قېتىم يوللىغىنىمدا ھېچقانداق رەسىملەر كۆرۈنمىدى، شۇڭا تەھىرىرلەپ قوشۇمچىنى ئىشلىتىش دېگەن ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى باسسام ئاندىن ھازىرقىدەك نورمال ھالەتكە كەلگەنىدى، قايتا-قايتا يوللىغاندەكقۇ قىلمغان
ساڭىمۇ جاپا سېلىپ قويۇپتىمەن، رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-13 00:15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 00:16  
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 00:02
مۇنداق دە، مەن تېما تەھرىرلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ...
...


ئەرزىيدۇ.....
تىماڭ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-24 03:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش