ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 19:25
1-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:00 دە 2015-يىللىق ئاۋىستىرالىيە ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ D گورۇپپىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ياپۇنىيە كوماندىسى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ يېڭى مېھمىنى پەلەستىن كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا ياپونىيە توپچىسى ياسۇھىتو يىراقتىن بىر توپ ئۇردى. 25 مىنۇت بولغاندا گېرمانىيە سىتۇرگارت كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان توپچى شىنجى ئوكازاكى بىر توپ ئۇرۇپ پەرىقنى ئاشۇردى. 44 مىنۇت بولغاندا ياپۇنىيە كوماندىسىغا بىر نوختا توپ پۇرسىتى كېلىپ، بۇ توپنى خوندا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ياپۇنىيە كوماندىسىدىن 49 مىنۇت بولغاندا مايا يوشىدا بىر توپ ئۇرۇپ، كىيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي مۇسابىقە ئاياقلاشتى. پەلەستىن كوماندىسىدىن بىر ئەزا قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ئايرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ياپۇنىيە كوماندىسى ناھايىتى ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى. پەلەستىن كوماندىسىغا پۈتۈن مۇسابىقىدە بېسىم قىلىپ ئوينىدى.
|
|