akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 38

مىسسى:مەن چېلسىغا بارمايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.jpg
بۈگۈن سەھەر ئوينالغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا كوماندىسى مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كىيىن، مېسسى بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئۇ ئۆزىگە ۋە كۇلۇبقا مۇناسىۋەتلىك ئېقىپ يۈرگەن پاراڭلار توغرۇلۇق ئىنكاس قايتۇردى.
2.jpg

مادىرىد ئاتلىتكىنى مەغلۇپ قىلغانلىق توغرىسىدا


مېسسى: بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى جاپالىق مۇسابىقە بولدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنىڭ بىرلەشمە نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز.

سىمونى باشچىلىقىدىكى مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ھازىر تاقابىل تۇرماق تەس بولغان رەقىبكە ئايلىنىپ قالدى، ئەمما مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن بىز كەيپىياتىمىزنى تەڭشەپ، بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ئوينىدۇق. ئاخىرقى ھىساپتا غەلىبە قىلغان بولساقمۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىز ئاز جاپا تارتمىدۇق، مادىرىد رىقابەتنىڭ توپچىلىرى ناھايىتى خىللانغان، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. نۇقتا توپنى ھېساب قىلمىغاندا بىز ئاساسەن مۇسابىقىنى كونترول قىلدۇق.
3.jpg
ئالدىنقى ھەپتىدىكى قالايمىقان خەۋەرلەر توغرىسىدا


مېسسى: ماڭا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگىنىڭلاردىن ناھايىتى خۇشالمەن، مەن ئۆزۈم توغرۇلۇق نۇرغۇن خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان كۆز قارىشىمۇ ھەر خىل. گۇئادىيولا ترېنېر ۋاقتىدىن باشلاپلا مەن توغرۇلۇق خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىغان، مەن بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتىم. بۇلار توغرۇلۇق ئارتۇق سۆزلەشنىمۇ خالىمايمەن. توپ مەستانىلىرى ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ھەرخىل گەپ سۆزلەرنىڭ چىقىشنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما بەزەنلەر چەكتىن ئېشىپ، مېنى كۇلۇپنى كونترول قىلىۋالدى، كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە بېسىم قىلدى دېيىشىۋاتىدۇ، نېمە دېگەن كۈلكىلىك، بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئىغۋالار. مەن ھازىرغىچە كۇلۇپتىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم، چېلسى، مانچېستېر شەھىرى قاتارلىق كۇلۇپلارغىمۇ بارمايمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يالغان خەۋەرلىرى.

4.jpg
ئىنىرىك بىلەن بولغان زىددىيىتى توغرىسىدا


مېسسى: توپ مەستانىلىرنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئۇلار توپچىلار بىلەن ترېنېر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قالايمىقان خەۋەر يېزىپ، توپچىلار بىلەن ترېنېر ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سىلىشى ناھايىتى ئەخلاقسىز قىلمىش. مەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بارسېلونا كۇلۇبى توغرۇلۇق قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
5.jpg
ئالتۇن توپ توغرىسىدا

مېسسى: مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشمىكىم ناھايىتى مۈشكۈل. بۇيىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئۈچىمىزدىن قايسىمىز ئېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، شۇ ئادەم بۇ مۇكاپاتقا لايىق. رونالدو ئۆتكەن بىر يىلدا نۇرغۇن توپ كىرگۈزدى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشتى، نويىر بولسا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
6.jpg
«م س ن»ھۇجۇم گۇرۇپپىسى توغرىسىدا

مېسسى: سۇئارىز بىر تەجرىبىلىك، پىشقان ھۇجۇمچى، ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا، ھەر بىر توپقا ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. نىيمار كوماندا ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقاردى ھەم داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ.
7.jpg
مەنبەسى نور تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 21:25:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 21:27:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:23:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:19:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ، چېلسىغا كەلمە مەڭگۇ بارسىلونادا قال ، چېلسىغا كەلسەڭ سەن ئۇچۇن ھۇررا توۋلاش............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:11:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى نۇر تورىغىمۇ سىز يوللىغانمۇ ياكى كۆچۈرۈپ ئەكەلدىڭىزمۇ تىما ئىگىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:11:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسىنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى سۆز چۆچەكلەرگە زادى بىر ئىنكاس قايتۇرىدىغان يىرىگىمۇ كىلىپ قالغان بارسىلونادا كەسپى ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇرىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن تۇنۇش دۈشمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا ئاسمىنىدىكى قاربۇلۇتلار  تاراپ، يەنە  ئاپتاپ چىقتى!
بۇ قىتىمقى ئاپتاپ شۇنداق كۈشلۈككى ،ھەتتا كىشىلەر ئاسماندا ئۇچىۋاتقان ئۈچ بۈركۈتكە تىكىلىپ مۇ قارالمىغىدەك چىقتى!

ئالغا  بارسىلونا ! مۇشۇ ھالەت  بىلەن  ئالغا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ كۈچلۈك مادىرىد رىقابەتنى يەڭدۇق، ئەمدى ئالدىمىزدا چۇقۇم ئاشمىساق بولمايدىغان يەنە بىر داۋان بار، ۋاقتى كەلگەندە م س ن گۇرۇپپىسىنىڭ  ئىپادىسىنىڭ ئاخشامقىدەك ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 19:19:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 19:11
بۇ تىمىنى نۇر تورىغىمۇ سىز يوللىغانمۇ ياكى كۆچۈرۈپ ئەك ...

دىدىمغۇ   مەنبەسى  نۇر تورى دەپ .  ئەسىلى  مەنبەسى http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2015-01-12/54b3325a22c0c.htm  ئەسلى ئۈزەم تەرجىمە قىپ چىقىراي دىگەن  . قارسام  نۇر تۇرىدا تۇرىدۇ  شۇڭا  كۈچۈرۈپ  ئەۋەتىپ قويدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى     قالتىس    گەپ   قىپتۇ  ،   رونالدو   كوپ    توپ    كىرگۈزدى ،  ياۋۇرپا  چېمپىيۇنلۇق   لوڭقىسغا  ئېرىشتى  ،، نويىر بولسا    دۇنيا     لوڭقۇسغا   ئېرىشتى دېگەن    بولسا   ،،،مىسسى     كەتمىگىن    بولمىسا   دىربى  قىزىمايدۇ    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:24:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uymadrid يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 19:19
دىدىمغۇ   مەنبەسى  نۇر تورى دەپ .  ئەسىلى  مەنبەسى http://new ...

مۇشۇ نۇر تورى ئادەمنىڭ بەك ئىچىنى ئېلىشتۈردى. جاپا تاتىپ بىرتىمىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلۇپ ، ئەنسىرەپ نۇر تورىغا قارىسا دەررۇ شۇ خەۋەر چىقىپ بولغان. ئىشقىلىپ ئادەمنى بەك جىلە قىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:27:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىپادە بىلەن ماڭسا خېلى ئىش تەۋرىتىدۇ بۇيىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 19:40:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر توردىن كۈچۈرۈپ ئەكەلگەنىڭ نىمە يامىنى ، پەقەت چۈشەنمىدىم ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش