akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1342|ئىنكاس: 27

قىسقا خەۋەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      
         5c255a2003e98381b23359bdbef9a934808c4c3e.png

1. چېلسى ئوتتورا مەيدان توپچىسى شۈرلى ۋولفىسبورگ كوماندىسىغا يۆتكىلىشنى رەت قىلدى

نۆۋەتتە گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى  ۋولفىسبورگ كوماندىسى چېلسى ئوتتورا مەيدان توپچىسى شۈرلىنى يۆتكەشكە جىددىي تۇتۇش قىلغان بۇلۇپ ،ۋولفىسبورگ  تەرەپ 23مىليۇن فونىستىرلىڭ باھا بىلەن توختام تەييارلىغان. كۈندىلىك ئەينەك گىزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە شۈرلى ۋولفىسبورگ كوماندىسىغا يۆتكىلىشنى رەت قىلغان ،ھەمدە بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسىغا قۇشۇلغۇسى بارلىقىنى ئوتتورىغا قويغان. چېلسى تەرەپتىن بولسا مورىنھو ۋولفىسبورگ تەرەپنىڭ 23مىليۇن فونىستىرلىڭ باھاسىغا قۇشۇلغان. سېرىق ھەرىلەر بولسا رىيوسنىڭ ئورنىغا شۈرلىنى تۇلۇقلاش ئارزۇسى بارلىقىنى ئوتتورىغا قويغان. شۇنداق قىلىپ شۈرلى بۇ پەسىلنى يەنە ئۇرۇندۇق بېقىپ ئۆتكۈزۈشنى تاللىغاندەك قىلىدۇ.
       b6c27eb79b8b49cd91257b027b6ebdb259cd1265.jpg

2.ۋانگالنىڭ ھازىرغىچە قىزىل ئالۋاستىلارنى يىتەكلەپ ئىرىشكەن نەتىجىسى مويىسنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش

يۇقارقى ئىككى تېرنىرنى كۆرگەن كىشى دەرھاللا ۋانگالنى قالتىس تېرنىر دەپ ئويلايدۇ. بىراق ھازىرقى ۋەزىيەت ئۇنداق دىيىشكە يول قويمايدۇ. ئاخشامقى مۇسابىقىدە قىزىل ئالۋاستىلار 0-1نەتىجە بىلەن جەنۇبىي ئامپىتۇن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى، ۋانگال قىزىل ئالۋاستىلارنى يىتەكلەپ 21مەيدان مۇسابىقىدە 37نۇمۇرغا ئىرىشتى.بۇ نەتىجە مويىسنىڭ قىزىل ئالۋاستىلارنى يىتەكلەپ ئىرىشكەن نۇمىرى بىلەن ئوخشاش.2014-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى مويىس مانجىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى يىتەكلەپ 21مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بىرلەشمىدە 37نۇمۇرغا ئىرىشكەن.كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپى 35،كەتكۈزگەن توپى 24،ساپ توپ 11، دەرىجىسى 7-ئۇرۇندا .ئەمدى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بولسا ۋانگال مانجىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى يىتەكلەپ 21مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بىرلەشمىدە 37نۇمۇرغا ئىرىشكەن.كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپى 34،كەتكۈزگەن توپى 21،ساپ توپ 13، دەرىجىسى 4-ئۇرۇندا . يۇقارقى سانلاردىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولدۇكى مۇيىسنىڭ قۇشۇنى ۋانگالنىڭ قۇشۇندىن 1توپ ئاتۇق. قالدى ئەھۋاللار ئاساسەن ئوخشاش.   مويىس زامانىسىدا قۇشۇندا دىمارىيا، فالكاۋ قاتارلىق داڭلىق چولپانلار يوق ئىدى. توپ مەستانىلىرى يۇقارقى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ ۋانگالدىن نارازى بۇلۇشقا باشلىدى.

       916b8bad9f3b05f44ff081c914071e156825ef71.jpg

3. توتى ئىككى توپ ئۇرغاندىن كىيىن ئۈزۈنى -ئۈزى سۈرەتكە تارتىپ تەبرىكلىدى

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسى رىم دىربىسى توتىغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ كىيىنكى يېرىم مەيدانىدا توتى ئىككى توپ ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن توتى نىڭ رىم دىربىسىدا كىرگۈزگەن ئۇمۇمى تۇپى 11گە يىتىپ دىربى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ماھىرغا ئايلاندى.. بۇنىڭدىن چەكسىز خۇشاللانغان توتى قولىغا ئالما تېلفۇننى ئېلىپ نەخمەيداندا ئۈزىنى -ئۈزى سۈرەتكە تارتىپ قىززىق نوقتىغا ئايلاندى. توتىنىڭ بۇخىل تەبرىكلەش ئۇسسۇلى ئىتالىيە تارىخىدا كۈرلۈپ باقمىغان شەكىل ئىكەن.

       ed8e5cfa8595c5da27a9279af478aa94662fe78b.jpg

4. بارىسلونا كوماندىسىنىڭ 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى كىيمى كۆپ قېتىم غۇلغۇلا قۇزغىغان ئىدى. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە ئەڭ ئاخىرقى قارار قىلىش ئارقىلىق يۇقارقى كىيىمنى كىيىشنى لايىق كۈرۈپتۇ.
      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 15:19:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈرلې ياخشى ئوينايدۇ .

بارسېلونانىڭ ماۋۇ كىيىمى ھېلىقى ‹‹دېڭىز ساھىلى ›› كىيىمىدىن كۆپ ياخشىدىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 15:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسا نىم قىلدۇ كىيمىنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى كىيمى شۇنداق چىرايلىق تۇرسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 15:36:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇتىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 15:40  

توپنى ئاز ئۇرسىمۇ غەلبىنى مۇقىملىيالىسا شۇ نوچى مىنىڭچە،ۋانگالدىن بىر توپنى ئارتۇق ئۇرۇپ 7-ئورۇندا تۇرغاندىن،مويىستىن بىر توپنى ئاز ئۇرۇپ4-ئورۇندا تۇرغىنى مىڭ ئەۋزەل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 15:37:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى پەيىتتە چېلسىنىڭ توپچىلىرى كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئويلاشسىمۇ يازلىق بازاردا ئويلىشىدۇ، چېلسىدەك ھەرقانداق لوڭقىغا خىرىس قىلىۋاتقان كوماندىدىن كىممۇ بۇرۇن ئايرىلىشنى خالىسۇن.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 15:38:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ مەن مويىسنىڭ ئىقتىدارىغا كۆز يۇممايمان، ۋانجالنىڭكىگىمۇ ھەم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 15:42:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈرلىنىڭ  مىنىڭچىمۇ  شۇ  سىرىق  ھەرىگە  قوشۇلغىنى ياخشى  ئۆزىمۇ  سىرىق  ناس  كىلىدۇ.(گىرمانىيەلىك)

ۋانگال…… نىم  ئىشلار  بۇ  ؟  شۇنچە  ئادەملەر  بىلەن……

توتتىغا ھۆرمەت!  بۇ  تىلىفۇنىنى  نەگە  سىلىۋالغان بولغىيتى؟

بارسىلونانىڭ ما  كىيمىنى  ئادەمنى  خىلى  خاتىرجەم  قىلدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 16:01:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مويىسمۇ كۆپ تىرشچانىلىق كۆرسەتكەن، فۇرگسسىن تەۋىسيە قىلغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئىقتىدارسىز ئەمەس، بارسانىڭ كىيىمى خاسلىقىنى يوقاتمىغان ئەھۋالدا چىرايلىق چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 16:03:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 15:42
شۈرلىنىڭ  مىنىڭچىمۇ  شۇ  سىرىق  ھەرىگە  قوشۇلغىنى ياخشى  ...

كۇلۇپ خىزمەتچىسىدىن بىرسى ئېچىقىپ بېرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 16:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونانىڭ ئاۋۇ كىيمى خېلى بۇلدىكەن.......دەسلەپكى لايھەسىگە قارىغاندا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 16:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 16:01
مويىسمۇ كۆپ تىرشچانىلىق كۆرسەتكەن، فۇرگسسىن تەۋىسيە ق ...

بىرەر ئاينىڭ ئالدىدا بىر تىمامدا  بارىسلونانىڭ مۇشۇ مۇسابىقە كىيمى توغورلۇق تەپسىلى توختالغان. شۇ كىيىم شۇكەن. شۇڭا خاسلىقى،115يىللىق ئەنئەنىسى توغرىسىدا توختالمىدىمغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-12 16:19:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈرلى دورىتمۇتنى تاللىغىنى ياخشى بوپتۇ، چۈنكى ئۇيەردە ياخشى ئۇستاز با.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش