ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1072 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالام ئەلەيككۇم
ئاخشام كەچ يېزىلغان ‹‹گىگانىتلار بىلەن توپ تەپكەن چولپانلار››ناملىق تىما يوللانغاندىن كىيىن بەزى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنمەستىن تىل سېلىپ ھاقارەت قىلىش كىرزىسغا يۇلۇقتۇم .كەلگەن ئاچچىقمنى ئىلھامغا ئايلاندۇرۇپ ئىككىلىك قەلەم تەۋرىتىپ قويدۇم.مەزكۇر شىئېر نۇقۇل بىرلا شەخىسكە قارىتىلغان بولماستىن بارلىق مۇنبەرداشلىرىمزنىڭ ئويلۇشۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.شىېرنى بەدئىلككە كۈتۈرۈش ئۈچۈن گاھى قاتتىق سۆز ئىبارىلەردىن ساقلىنالمىدىم،مۇنبەرداشلىرىمنىڭ توغرا چۈشۈنۈش بىلەن بىرگە ئىجىل ئىناق بولغان مۇنبەر مۇھىتى يارىتىپ چىقىشنى ئۈمۈد قىلمەن.
ئادەم بولماق تەس
مادىرت بارسا ئەمەس بىزنىڭ قەۋىم نامىمىز
ئەمەس چېلسى ئارسىنال ھەم بەيرىن ئاتىمىز
ئازغۇنلۇق دەپ ئازغۇنلۇقتا مەڭگۈ قالىمىز
ئىنسانىلىق ئەمەس ئەسلى بۇنچىلىك ئىزسىز
مۇنبەردە ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
ئەمەستۇر نامىمىز لىۋرپول، چېلسى
ياكى رىقابەت ۋەياكى ئېلچى
چېلسى ئېلچى دىسە تەيياردۇر قېلچى
ئاقنى ھەم قارىنى قىزىلغا بۇيىما سىرچى
مۇنبەردە ھەممدىن ئادەم بولماق تەس
رونالدونى چىكىت دىسە دەيۈز داۋاتقان
مېسسىلارنى بۈرگە دىسە بەتنامنى ئاتقان
ئۇلار بىزنىڭ نىمىمزدۇر شۇنچىلىك قالقان
ئەتسەك بىزمۇ شۇلاردەك تاغلارنى تالقان
قىلارمىز قانچىلىك سۈر-چۇقان غەۋغان
دۇنيادا ھەممدىن ئادەم بولاق تەس
يېزىلسا تىمىلار نامغا شايكىسى
تەۋرەتسە قەلەملەر ئادەم چالغۇسى
ئۆزگىلەرنى قارلاشنىڭ بارمۇ داۋاسى
قېرىنداشقا تىل سالغاننىڭ بارمۇ ساپاسى
دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
پۇتبولچىلىق ئەلمىساقتىن ياخشى تەنھەركەت
ئېرىشەر ھەرىكەت بىلەن قەۋىم شان شۆھرەت
تاڭ قېلىپ ئۆزگىلەر ئېيتسا شۇم قىسمەت
مەردانە جاۋاپ: قىل مانا بۇ قىممەت
دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
ئېيتاۋۇر ئۇلاردەك بولمىقىڭ مۇشكۈل
ئەركەكنىڭ ئاداۋىتى بولماقتۇر ئۈچ كۈن
ياتلارنى دەپ قىلما كىبر،كىبىردىن چۈشكۈن
زەرۇ كىبىر قىلار روھنى گادايچى ‹‹چۈشكۈن››
دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
ئادەمنىڭ ئادەملىكى ئىززىتى بىلەن
ئىشەك ئاتنىڭ سىرتىدىكى زىننىتى بىلەن
نىمە پايدا ساڭا ياتلارنىڭ قىسمىتى بىلەن
ئۇ قېتىلۇر مۇنبەرگە قىممىتى بىلەن
بىراۋ ھەم قۇشۇلۇر دىل رىشتى بىلەن
مۇنبەردە ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
ئۆزگىلەر ھەم ھاڭگىرت پېيدەك قەدىرسىز ئەمەس
تىل سالغۇدەك ھىچ ئىش يوقتۇر ئۇ سەنسىز ئەمەس
قەۋمىڭ چىكىت،بۈرگە بولسا يۇقال زىدى پەس
ھەممە ساڭا ئوخشاش ساپاسىز ئەمەس
دىل رىشتىڭنى تىلغۇدەك ھەم ساپانسىز ئەمەس
دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس
دىمەكچى مەن قىزغىنلىققا سۇ سەپمەكچى ئەمەس
سۇخەنچىنىڭ ئۇرىسىدىن بۇلايلى پەخەس
قاماققا ئىلمىشىپ كىرمەيلى قەپەس
باشقۇرغۇچى ئېيتىقىنىدەك كامىر زەي ھەم پەس
قاماقخانا ئەمەستۇر خۇشخۇي ھەم نەپەس
دۇنيادا ھەممىدىن قاماقتا ياتماق تەس
ئۇشبۇ تىمام دوسلۇرۇمغا قىلغان رەدىيە
ئېلىپ ئىبرەت بۇلايلى بىز ئىتپاق،تەۋسىيە
تەۋسىيەرىم ياقمىسا گەر يىراققا سىيە
ئەمەستۇر تىمام خالا ياكى روسسىيە
بۇ پەقەت تەۋسىيەدۇر پەقەت تەۋسىيە
دۇنيادا ھەممدىن ئادەم بولماق تەس
11يانۋار كىچە سائەت 11:53مىنۇت ئۆتكەندە يېزىلدى.
ئەسكەرتىش:تىمامدىكى سۆز ئبارىلەر شەخسكە قارتىلغان ئەمەس
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|