ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1035 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 13:25
تورىن 1 - 1 AC مىلەن
1-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر 1:45 تە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 2014-2015-يىللىق ئىتالىيە ئا درىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلەن كوماندىسى مېھمان مەيداندا تورىن كوماندىسى بىلەن ئۇچۇراشتى. مىلەن كوماندىسى 3 ئايلانما ئۇدا غەلبە قىلىپ باقمىدى. مېھمان مەيداندا بولسا ئۇدا 5 مەيدان غەلبە قىلىپ باقمىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 140 سىكونىت بولغاندا تورىن كوماندىسى ئەزاسى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە مېنىزغا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ، نوختا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 81 مىنۇت بولغاندا تورىن كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى. دىگو لوپىز بىر نەچچە خەتەرلىك توپنى ياخشى بىر تەرەپ قىلدى.
ناپولى 1 - 3 يۇۋىنتۇس
1-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر 1:45 تە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 2014-2015-يىللىق ئىتالىيە ئا درىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋىتۇس كوماندىسى مېھمان مەيداندا ناپولى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. پوگىبا دۇنياۋى توپتىن بىرنى ئۇردى. ناپولىدىن بىرتوس نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كىيىن يۇۋۇنتۇستىن كاكېرىس ۋە ۋىداللارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن غەلبە قىلدى. يۇۋىنتۇس كوماندىسى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مېھمان مەيداندا ناپولى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رىم 2 - 2 لازىئو
1-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر 8:00 دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 2014-2015-يىللىق ئىتالىيە ئا درىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر مەيدان دىربى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە بىر شەھەردىكى بۇ ئىككى رەقىپ ناھايىتى كەسىكىن جەڭ قىلدى. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى. رىم كوماندىسىنىڭ كاپىتانى، رىم مەستانلىرىنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانى ھەم شۇنداقلا كوماندىدىكى قۇتقازغۇچى مۇھىم شەخىس 38 ياشلىق توتتى 2 توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
خەلقئارا مىلەن 3 - 1 رىنايا
1-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر 7:30 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 2014-2015-يىللىق ئىتالىيە ئا درىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە خەلقئارا مىلەن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا رىنايانى كۈتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ خەلقئارا مىلەن كوماندىسى بىرلەشمىدە ئۇدا 4 مەيدان مەغلۇپ بولمىدى. خەلقئارا مىلەن كوماندىسىدىن پالاسىيو، يىكاردو ۋە ۋىدىچلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى ۋە رىنايا كوماندىسىنىڭ بىر توپ قايتۇرۋېلىشى بىلەن غەلبە قىلدى.
باشقا مۇسابىقىلەر:
سوسولو 1 - 1 ئۇدنىس
ئاتلانتا 1-1 چىۋو
كاليالى 2 - 1 چېسەينا
فىلورنىسا 4 - 3 پالىرمو
ۋىرونا 3 - 1 پارما
سامپۇدورىيا 1- 0 ئىمپولى |
|